ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئىمپورت كۆرگەزمىسى لائوسنىڭ ئەلا سۈپەتلىك مەھسۇلاتلىرىنى جۇڭگونىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات تېز پويىزىغا چىقاردى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2022-11-09 09:14

«مىڭ يىللىق كونا چاي دەرىخىنى مۇشۇنداقلا كېسىۋەتسەك بەك ئەپسۇسلىنارلىق ئىش بولاتتى......»

5-نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسىنىڭ يېمەكلىك ۋە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى كۆرگەزمە رايونىدا، لائوسنىڭ ئەنئەنىۋى كىيىمىنى كىيگەن قىز يۈەن تيەن چاي دەملىگەچ ئەسلەپ: «ئىلگىرى لائوسلۇقلار پەقەت قەھۋە تېرىشنىلا بىلەتتى، چاي دەرىخى ئۆستۈرۈشنىڭمۇ ئىقتىسادىي ئۈنۈم ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى بىلمەيتتى»، بۈگۈنكى كۈندە، كۆرگەزمىگە كىرىش پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ، ئورگانىك ئۆستۈرۈلگەن لائوس قەدىمىي دەرەخ چېيى بارغانسېرى جۇڭگو ئىستېمالچىلىرىنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشمەكتە، دېدى.

لائوس 36 قورۇقىنىڭ باش دىرېكتورى يۈەن تيەن مۇنداق دېدى: مەھسۇلاتىمىز 2019-يىلىدىن باشلاپ جۇڭگوغا ئېكسپورت قىلىنغان، ھەر يىلى 3 توننىدىن 5 توننىغىچە چاي ساتالايمىز. بۇ يىل 4-قېتىم كۆرگەزمىگە كېلىشىمىز، تېخىمۇ كۆپ سېتىۋالغۇچى سودىگەرلەر بىزنىڭ كۆرگەزمە سۇپىمىزغا داڭقىنى ئاڭلاپ كەلدى، جۇڭگو ـ لائوس تۆمۈر يولىدا بۇلتۇر يىل ئاخىرىدا قاتناش باشلانغاندىن كېيىن، ئۈچتىن ئىككى قىسىم يۈك توشۇش ۋاقتى تېجىلىپ، تەننەرخ زور دەرىجىدە تۆۋەنلىدى.

يۈەن تيەن مۇنداق دېدى: لائوسنىڭ تەبىئىي شارائىتى ئەۋزەل، چاي دەرىخى ئۆستۈرۈشكە ناھايىتى ماس كېلىدۇ، دەملەنگەن چاي قويۇق، خۇش پۇراق چىقىدۇ، بىزنىڭ بىر چەينەك قەدىمىي دەرەخ چېيىمىز 15 قېتىم دەملەنسىمۇ يەنىلا قويۇق چىقىدۇ. مىڭ يىلدىن ئاشقان قەدىمىي چاي دەرىخىنىڭ بىخىدىن ياسالغان چاي يەنە لائوسنىڭ دىپلوماتىيە پائالىيىتىنىڭ دۆلەت سوۋغىسى بولۇپ تاللىنىپ، لائوسنىڭ ئەلا سۈپەتلىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىغا ۋەكىللىك قىلىدىغان «ئىسىم كارتىسى»غا ئايلاندى. جۇڭگو ھۆكۈمىتى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈشنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، لائوسنىڭ تېخىمۇ كۆپ ئەلا سۈپەتلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ جۇڭگو بازىرىغا كىرىشىگە بولغان ئىشەنچىمىزنى ئاشۇردى.

يۈەن تيەن مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىۋاتقاندا، يۈننەننىڭ خۇڭخې ناھىيەسىدىن كەلگەن سودا ئۆمىكىمۇ لائوس قەدىمىي دەرەخ چېيى كۆرگەزمە سۇپىسىغا كەلدى.

خۇڭخې ناھىيەلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن يۇڭخۇڭ مۇخبىرغا: «بىز ئالايىتەن لائوس كۆرگەزمە سۇپىسىنى ئىزدەپ كېلىپ، قانداق قىلغاندا جۇڭگو-لائوس تۆمۈر يولىدىن تېخىمۇ ياخشى پايدىلىنىپ، چېگرا ھالقىغان ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش سودىسىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىقتىسادىي تەرەققىيات ھەمكارلىقىنى كېڭەيتكىلى بولىدىغانلىقى توغرىسىدا سۆزلەشمەكچى بولدۇق» دېدى.

يۈەن تيەن جۇڭگو لائوس ھەمكارلىقى توغرىسىدا مۇنداق دېدى: «بىر بەلباغ بىر يول» قۇرۇلۇشىنىڭ پايدىسىدا، لائوس جۇڭگودىن كەلگەن نۇرغۇن مەبلەغكە ئېرىشىپ، شۇ جايغا نۇرغۇن ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتى يارىتىپ، ئۇل ئەسلىھەلەرنى يېڭىدىن قۇردى ۋە ياخشىلىدى. ئىمپورت كۆرگەزمىسى قاتارلىق كۆپ خىللاشقان سودا قولايلىق سۇپىسىنىڭ تۈرتكىسىدە، تېخىمۇ كۆپ ئەلا سۈپەتلىك لائوس مەھسۇلاتلىرى جۇڭگو بازىرىغا كىردى. لائوس ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ ئەسلىي ئىشلەپچىقارغان جاي گۇۋاھلىقىغا ئېرىشكەن، باج كەچۈرۈم قىلىش تەمىناتىدىن بەھرىمەن بولىدىغان كارخانا بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، «بىز لائوستىكى يەرلىك خىزمەتچىلەرنى ئىشلىتىپلا قالماي، يەنە كەنت ئاھالىلىرىگە چاي تېرىش ماھارىتىنى ئۆگەتتۇق ھەمدە چايلىرىنى بىر قەدەر يۇقىرى باھادا سېتىۋېلىپ، شۇ جاينىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشىغا تۈرتكە بولدۇق»، چاي ئۆستۈرۈشنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە، بىز جۇڭگو جياڭشىدىكى چاي دەرىخى مۇتەخەسسىسلىرىنى لائوسقا بېرىپ نەق مەيداندا تەتقىق قىلىشقا تەكلىپ قىلىپ، شۇ جايدىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەر ۋە دېھقانلارنىڭ چايزارلىقنى ئاسرىشىغا يېتەكچىلىك قىلدۇق.

ئۇ ئەسلەپ مۇنداق دېدى: خۇ شياۋمىڭ ئىسىملىك بىر جۇڭگولۇق مۇتەخەسسىس بار ئىدى، ئۇ چاي دەرىخىنىڭ لائوسنىڭ ئۆزگىچە تەبىئىي مۇھىتىدىكى ئۆسۈشىنى تەتقىق قىلىشقا قىزىققانلىقتىن، بورىدا ئۇخلاپ، تەييار چۆپ يەپ بولسىمۇ، چايزارلىقتا ئىككى ھەپتە تۇرۇپ، كېچە-كۈندۈز كۆزىتىپ خاتىرە قالدۇرغان، شۇ جايغا ئەڭ ماس كېلىدىغان ئۆستۈرۈش تېخنىكىسى ئۈستىدە ئىزدەنگەن. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بۇ خىل ھۈنەرۋەن روھى شۇ جايدىكى كەنت ئاھالىلىرىنى تەسىرلەندۈردى.

يۈەن تيەن مۇنداق دېدى: «ئۇ چايزارلىقنى خۇددى ئۆز بالىسىدەك ئاسراپ پەرۋىش قىلدى، ھازىر تېخىمۇ كۆپ لائوس كەنت ئاھالىلىرى چاي دەرىخى ئۆستۈرۈشكە باشلىدى. كەنت ئاھالىلىرى تەرىپىدىن كېسىلىپ، ئورنىغا قەھۋە تېرىغىلى تاس قالغاندىن تارتىپ، كۆڭۈل قويۇپ يېتىشتۈرۈلۈپ چەتئەللەرگە سېتىشقىچە، لائوسنىڭ قەدىمىي چاي دەرىخىنىڭ تەقدىرى جۇڭگو-لائوس ھەمكارلىقى سەۋەبىدىن ئۆزگەردى، بۇ يەردە كەنتتىكى نامرات ئائىلىلەرنىڭ نىسبىتىمۇ نەچچە يىل بۇرۇنقى %50 تىن ھازىرقى %5 كىمۇ يەتمەيدىغان ھالەتكە چۈشتى.

بۇ نۆۋەتلىك كۆرگەزمىدە جۇڭگو-لائوس ھەمكارلىقى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈلدى. 11-ئاينىڭ 5-كۈنى چۈشتىن كېيىن، يۈننەن باش تېما پائالىيىتى-جۇڭگو-لائوس تۆمۈر يول لىنىيەسىنى ئېچىش ھەمكارلىقىنى تونۇشتۇرۇش يىغىنى شاڭخەيدە ئۆتكۈزۈلدى. 11-ئاينىڭ 6-كۈنى شاڭخەي شەھىرى ياڭپۇ رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بىلەن لائوس سانائەت-سودا مىنىستىرلىقى سودىنى ئىلگىرى سۈرۈش مەھكىمىسى «يۇقىرى سەۋىيەلىك ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىق سۇپىسىنى تەڭ قۇرۇش ھەمكارلىق ئەسلەتمىسى»نى ئىمزالىدى، ياڭپۇ رايونىدىكى ئەۋزەل كەسىپلەر رەقەملىك «تېز پويىز»نى ۋۇجۇدقا چىقىرىشقا ياردەم بېرىپ، لائوسنىڭ تېخىمۇ كۆپ ئەلا سۈپەتلىك مەھسۇلاتلىرىنى تېز سۈرئەتتە جۇڭگو بازىرىغا سالىدۇ.

تەرجىمان:بەختىيار تۇردى

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ئىمپورت كۆرگەزمىسى لائوسنىڭ ئەلا سۈپەتلىك مەھسۇلاتلىرىنى جۇڭگونىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات تېز پويىزىغا چىقاردى

«مىڭ يىللىق كونا چاي دەرىخىنى مۇشۇنداقلا كېسىۋەتسەك بەك ئەپسۇسلىنارلىق ئىش بولاتتى......»