ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ب د ت كىلىمات يىغىنىدا قانداق يارقىن نۇقتىلار بار؟

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2022-11-09 10:22

قانداق قىلىپ ھۆكۈمەت، كارخانا ۋە ئاممىنىڭ كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، ۋەدىنى ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇپ، تېمپېراتۇرىنىڭ ئۆرلەش سۈرئىتىنى تېزدىن ئاستىلىتىش-بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىلىمات يىغىنىدا مۇزاكىرە قىلىدىغان مۇھىم نۇقتا بولۇپ قالىدۇ.

«ب د ت كىلىمات ئۆزگىرىشى رامكا ئەھدىنامىسى» تۈزگۈچى تەرەپلەرنىڭ 27-قېتىملىق يىغىنى 11-ئاينىڭ 6-كۈنى مىسىرنىڭ دېڭىز ساھىلى شەھىرى شامۇشەيختە ئېچىلدى. ئۆتكەن بىر يىلدا، دۇنيا يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئازابىدىن تېخى قۇتۇلالمىدى، يەنە ئۇكرائىنا كىرىزىسى، ئېنېرگىيە كىرىزىسى، ئاشلىق كىرىزىسى، يەر شارى پۇل پاخاللىقى ۋە ناچار ھاۋا رايى كۆپ يۈز بېرىش قاتارلىق كۆپ خىل خىرىسلارغا دۇچ كەلدى. مۇشۇنداق ئارقا كۆرۈنۈشتە، بۇ نۆۋەتلىك ب د ت كىلىمات يىغىنىدا دىققەت قايسى قارالمىلارغا مەركەزلىشىدۇ؟

2022-يىلى يەر شارىدا ئۇدا يۇقىرى تېمپېراتۇرا، قارا يامغۇر، كەلكۈن، قۇرغاقچىلىق ئاپىتى قاتارلىق تەبىئىي ئاپەتلەر يۈز بەردى. ياۋروپادا تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق ھاۋا رايى ۋە ئىسسىق دولقۇن كۆرۈلدى ھەمدە شۇنىڭغا ئەگىشىپ قۇرغاقچىلىق ۋە ئورمان ئوت ئاپىتى يۈز بەردى، پاكىستاندا قارا يامغۇر ئاپىتى يۈز بېرىپ، ئۈچتىن بىر قىسىم دۆلەت زېمىنى سازلىققا ئايلاندى، قارا بوران ئامېرىكىدىكى نەچچە ئون مىڭ ئائىلىنى ئېغىر زىيانغا ئۇچراتتى.

دۇنيا ھاۋا رايى تەشكىلاتىنىڭ قوللىنىشچان كىلىمات مۇلازىمىتى مەسئۇلى روبېرت ستېفانىسكى ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئەگەر پۈتۈن دۇنيا يەنە جىددىي ھەرىكەت قوللانمىسا، يۇقىرى تېمپېراتۇرا، قۇرغاقچىلىق، كەلكۈن قاتارلىق ئىنتايىن ناچار كىلىمات ۋەقەلىرى كەلگۈسىدە نورمال ھالەتكە ئايلىنىپ قېلىشى مۇمكىن. تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: قانداق قىلىپ ھۆكۈمەت، كارخانا ۋە ئاممىنىڭ كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، ۋەدىنى ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇپ، تېمپېراتۇرىنىڭ ئۆرلەش سۈرئىتىنى تېزدىن ئاستىلىتىپ، يەر شارىنىڭ ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسىنىڭ ئۆرلەش دەرىجىسىنى سانائەتلىشىشتىن بۇرۇنقى سەۋىيەدىكى ئىككى سېلسىيە گىرادۇس ئىچىدە كونترول قىلىش ھەم تىرىشىپ 1.5 سېلسىيە گىرادۇس ئىچىدە كونترول قىلىش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش-شامۇشەيخ كىلىمات يىغىنىدا مۇزاكىرە قىلىنىدىغان مۇھىم نۇقتا.

مىسىرنىڭ كىلىمات ۋە مۇھىت مۇتەخەسسىسى، ئەرەب مۇھىت مۇتەخەسسىسلىرى بىرلەشمىسىنىڭ باش كاتىپى مەھدى ئالام مۇنداق دېدى: يەر شارى كىلىمات ئۆزگىرىشى ماھىيەتلىك بۇزغۇنچىلىق پەيدا قىلغاندا ئاندىن ھەرىكەت قوللانساق كېچىككەن بولىمىز، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ كىلىمات ئۆزگىرىشىگە بىرلىكتە تاقابىل تۇرۇش مەسىلىسى «تاللىسىمۇ تاللىمىسۇ بولىدىغان تۈر» ئەمەس، بەلكى «چوقۇم تاللايدىغان تۈر». بۇ قېتىمقى كىلىمات يىغىنىنى ئۇيۇشتۇرغۇچى دۆلەت مىسىر «ئورتاق يولغا قويۇش» شوئارىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ بۇندىن بۇرۇنقى كىلىمات ئۆزگىرىشى توغرىسىدا بەرگەن ۋەدىسىنى ئەمەلىي ھەرىكىتىدە ئەمەلىيلەشتۈرۈشىنى مۇراجىئەت قىلدى.

نۇرغۇن كىشىلەر بۇ نۆۋەتلىك يىغىنغا «ئافرىقىنىڭ كىلىمات يىغىنى» دەپ تەبىر بەردى. ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ يەر شارىنىڭ ئىللىپ كېتىشىگە كۆرسەتكەن تەسىرى تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەرنىڭكىگە يەتمەيدۇ، ئەمما ئۇچرىغان تەسىرى تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەرنىڭكىدىن خېلىلا چوڭ. مىسىرنىڭ مۇھىت مىنىستىرى ياسىمىن فۇئادنىڭ ئېيتىشىچە، ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ بۇلغىما قويۇپ بېرىش مىقدارى دۇنيانىڭ بۇلغىما قويۇپ بېرىش مىقدارىنىڭ ئاران %4نى ئىگىلەيدىكەن. ئافرىقا ھازىرغىچە يەنىلا يەر شارى بويىچە نامرات نوپۇس ئەڭ كۆپ چوڭ قۇرۇقلۇق، شۇنداقلا كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇشتا ئەڭ ئاجىز كېلىۋاتقان چوڭ قۇرۇقلۇق.

ب د ت نىڭ دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئەگەر يەر شارىنىڭ تېمپېراتۇرىسى 2100-يىلىغا بارغاندا ھازىرقىدىن ئۈچ سېلسىيە گىرادۇس ئۆرلىسە، دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىدىن ئاز ھوسۇل ئېلىش ۋە قۇرغاقچىلىق كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىقتىسادىي بەدەل ھازىرقىدىن بەش ھەسسە يۇقىرى بولىدىكەن. قۇرغاقچىلىق ۋە چۆللىشىش سەۋەبىدىن ئېتىزلار يوقاپ كېتىدىكەن، نۇرغۇن ئامىللارنىڭ سەۋەبىدىن كۆپلىگەن ئافرىقا دۆلەتلىرىدە بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان ئاشلىق تەمىناتى جىددىي بولدى ھەتتا ئۈزۈلۈپ قېلىش خەۋپىگە دۇچ كەلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: مىسىر ئوتتۇرا دېڭىز بىلەن قىزىل دېڭىزنىڭ ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان بولۇپ، كىلىمات ئۆزگىرىشىنىڭ تەسىرىگە ئەڭ چوڭ ئۇچرىغان دۆلەتلەرنىڭ بىرى. دېڭىز قىرغىقى يالىنىش، قۇرغاقچىلىق قاتارلىق مەسىلىلەر مىسىرنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە ئېغىر تەسىر يەتكۈزدى، بەزى دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىدىن ھوسۇل ئالالمىدۇق.

مىسىر زۇڭتۇڭى سىسى يىغىنغا تەييارلىق كۆرۈش مەزگىلىدە كۆپ قېتىم مۇنۇلارنى بىلدۈردى: مىسىر ساھىبخان دۆلەت بولۇش رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، يىغىن مەزگىلىدە ئافرىقا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن ئاۋاز قوشۇپ، ئافرىقىنىڭ كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش مەسىلىسىدە ماھىيەتلىك ھالقىشنى قولغا كەلتۈرۈشىگە ياردەم بېرىشنى ئۈمىد قىلىدۇ.

مىسىر دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى مۇھىت، كىلىمات ۋە ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى مۇھەممەد ناسىر تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: يېزا ئىگىلىكى ۋە ئاشلىق بىخەتەرلىكى خەلقئارا جەمئىيەت بۇ يىل دۇچ كەلگەن ئاساسلىق خىرىسلارنىڭ بىرى. بۇ نۆۋەتلىك يىغىندا كىلىمات ئۆزگىرىشى ۋە ئاشلىق بىخەتەرلىكى مەسىلىسىگە ئالاقىدار يۇمىلاق ئۈستەل يىغىنى ئېچىلىپ، يېزا ئىگىلىكى، ئاشلىق بىخەتەرلىكى ۋە ئوزۇقلۇق جەھەتتىكى تەشەببۇسلار ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ ھەم كۆپ تەرەپلىك سۆھبەتتە يېزا ئىگىلىكى جەھەتتىكى تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرى ئالدىن ئويلىشىلىدۇ.

تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئۇكرائىنا كىرىزىسى ئېغىرلاشتى، ئامېرىكا، ياۋروپا ئىتتىپاقى رۇسىيەنىڭ نېفىت، تەبىئىي گاز ئېكسپورتىغا جازا يۈرگۈزدى، ياۋروپادىكى نۇرغۇن دۆلەتلەر كۆمۈر قاتارلىق ئەنئەنىۋى ئېنېرگىيەنى ئىشلىتىشكە مەجبۇر بولۇپ، يەر شارىنىڭ بۇلغىما قويۇپ بېرىشنى ئازايتىشىغا زىيان يەتكۈزدى. شىمالىي ئېرىق تەبىئىي گاز تۇرۇبىسىدىن گاز چىقىپ كېتىش پارنىك ئېففېكتىنى ئاشۇرۇۋەتتى.

ئالام مۇنداق دېدى: بىر قاتار پاكىتلار كىشىلەرنىڭ سەپلىمە ئېنېرگىيە تېپىشنى تېزلىتىپ، يېشىل تەرەققىيات يولىدا مېڭىشى كېرەكلىكىنى ئىسپاتلىدى. نۇرغۇن تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر گەرچە مەبلەغ ۋە تېخنىكا چەكلىمىسىگە ئۇچرىغان بولسىمۇ لېكىن يېشىل تەرەققىياتقا بولغان ئارزۇسى يەنىلا ئىنتايىن كۈچلۈك بولماقتا. مىسىر قاھىرە داشۆسىنىڭ پىروفېسسورى ۋالىد جابالا مۇنداق دېدى: يېشىل تەرەققىيات ھەرگىزمۇ بىر تولۇقلىما تاللاش تۈرى ئەمەس، بەلكى پۈتۈن دۇنيادا كاربون قويۇپ بېرىشقا چەك قويۇش، مۇھىتنى قوغداشتىكى ئەڭ ياخشى يول.

بۇ نۆۋەتلىك كىلىمات يىغىنىدا، يېشىل تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش، بولۇپمۇ تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەر ئېنېرگىيە تېجەپ بۇلغىما ئازايتىشنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇش ھەمدە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ يېشىل تەرەققىيات يولى ئۈستىدە ئىزدىنىشىگە ياردەم بېرىش مۇھىم تېما بولۇپ قالىدۇ.

تەرجىمان: پاتىگۈل مەمەت

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ب د ت كىلىمات يىغىنىدا قانداق يارقىن نۇقتىلار بار؟

قانداق قىلىپ ھۆكۈمەت، كارخانا ۋە ئاممىنىڭ كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، ۋەدىنى ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇپ، تېمپېراتۇرىنىڭ ئۆرلەش سۈرئىتىنى تېزدىن ئاستىلىتىش-بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىلىمات يىغىنىدا مۇزاكىرە قىلىدىغان مۇھىم نۇقتا بولۇپ قالىدۇ.