ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسى جۇڭگو بىلەن دۇنيانى تۇتاشتۇرىدىغان «ئىقتىسادىي كۆۋرۈك»

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2022-11-10 09:25

مالايسىيا جۇڭخۇا باش سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسىنىڭ باشلىقى لۇ چېڭچۈەن يېقىندا مۇخبىرنىڭ مەخسۇس زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا: جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسى ھەرقايسى دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ جۇڭگو بازىرىغا كىرىشىنى تېخىمۇ كۆپ پۇرسەت بىلەن تەمىنلىدى، ئۇ جۇڭگو بىلەن دۇنيانى تۇتاشتۇرىدىغان «ئىقتىسادىي كۆۋرۈك»، دېدى.

مالايسىيا جۇڭخۇا باش سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسى ئۇدا بەش يىل مالايسىيالىق سودىگەرلەرنى كۆرگەزمىگە قاتنىشىشقا تەشكىللىدى.

لۇ چېڭچۈەن مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان گەرچە يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ تەسىرى بولسىمۇ، لېكىن مالايسىيادىكى سودىگەرلەر يەنىلا كۆرگەزمىگە ئاكتىپ قاتناشتى، بۇ يەرلىك كارخانىلارنىڭ جۇڭگو بازىرىنى داۋاملىق كېڭەيتىش ئارزۇسىنى ئەكس ئەتتۈردى، شۇنداقلا كۆرگەزمىگە قاتنىشىشنىڭ جەلپ قىلىش كۈچى ۋە يوشۇرۇن ئىقتىدارىنى نامايان قىلدى.

لۇ چېڭچۈەن مۇنداق دېدى: ئىمپورت كۆرگەزمىسى ھەر يىلى ئۆز قەرەلىدە ئۆتكۈزۈلىۋاتىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بارغانسېرى ياخشى ئۆتكۈزۈلۈپ، جۇڭگونىڭ ئېچىۋېتىش دائىرىسىنى كېڭەيتىش ئىرادىسى نامايان قىلىندى، شۇنداقلا ئېشىش كۈچى ئاجىز بولۇۋاتقان دۇنيا ئىقتىسادىغا ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قوشتى.

لۇ چېڭچۈەن يەنە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگو چەت ئەل مەبلىغى ئىجازىتى پاسسىپ تىزىملىكىنى قىسقارتتى، ئۈزلۈكسىز ياخشىلىنىۋاتقان سودا مۇھىتى نۇرغۇن چەت ئەل مەبلىغى كارخانىلىرىنىڭ دىققىتىنى تارتتى. دۇنيادىكى 500 كۈچلۈك كارخانا ۋە ساھەلەردىكى باشلامچى كارخانىلارنىڭ كۆرگەزمىگە قاتنىشىشتىكى «يەنە كېلىش نىسبىتى» چەت ئەل سودىگەرلىرىنىڭ جۇڭگونىڭ سودا مۇھىتىنى ئېتىراپ قىلغانلىقىنى نامايان قىلدى.

بۇ يىل مالايسىيا جۇڭخۇا باش سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسى يېمەكلىك ۋە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى كۆرگەزمە رايونىدا مالايسىيا جۇڭخۇا باش سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسى سارىيى تەسىس قىلدى، كۆرگەزمىگە ئۇدا بەش يىل قاتناشقان كارخانىلارمۇ، تۇنجى قېتىم قاتناشقان كارخانىلارمۇ بار. كۆرگەزمە بۇيۇملىرى ئىچىدە قارلىغاچ ئۇۋىسى، تەبىئىي مىنېرال سۇ، داڭلىق پېچىنە-پىرەنىك، كەمپۈت قاتارلىق ئەنئەنىۋى ئالاھىدە مەھسۇلاتلار كۆپ سالماقنى ئىگىلەيدۇ.

لۇ چېڭچۈەن مۇنداق دېدى: كۆرگەزمىگە قاتنىشىش مالايسىيانىڭ ئېكسپورت يوشۇرۇن كۈچىنى قويۇپ بېرىشتىكى مۇھىم پۇرسەت بولۇپ، مالايسىيا مەھسۇلاتلىرىنىڭ بازار رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇشقا پايدىلىق. نۇرغۇن ئەلا سۈپەتلىك مەھسۇلاتلار كۆرگەزمىدە نامايەن قىلىندى ھەمدە جۇڭگو بازىرىغا كىردى، بۇ مالايسىيا كارخانىلىرىنىڭ مەھسۇلات سۈپىتى، ئىلغار تېخنىكا ۋە داڭلىق ماركا قۇرۇلۇشىغا ئەھمىيەت بېرىشىگە تېخىمۇ ياخشى ئىلھام بېرىدۇ.

لۇ چېڭچۈەن مۇنداق دېدى: «جۇڭگودا 1 مىليارد 400 مىليوندىن ئارتۇق نوپۇس ۋە 400 مىليوندىن ئارتۇق ئوتتۇرا ھال كىرىملىكلەر توپى بار، ھەر يىلى ئىمپورت تاۋارلىرى ۋە مۇلازىمىتى تەخمىنەن 2 تىرىليون 500 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدۇ، بازار كۆلىمى غايەت زور. بىز جۇڭگو ئىستېمالچىلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك، خاس مەھسۇلاتلارغا بولغان ئېھتىياجىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئېشىپ، كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىشى ۋە يېڭىلىق يارىتىشىغا تۈرتكە بولغانلىقىنى كۆردۇق.

لۇ چېڭچۈەن مۇنداق دەپ قارىدى: ئىمپورت كۆرگەزمىسىدىن پايدىلىنىپ، «بىر بەلباغ بىر يول» بويىدىكى دۆلەتلەر تەرەققىيات نەتىجىلىرى ۋە مەبلەغ سېلىش پۇرسىتىنى مەركەزلىك نامايان قىلىپ، باشقا دۆلەتلەرگە تاۋار ۋە مۇلازىمەتنى كېڭەيتسە بولىدۇ. ئىمپورت كۆرگەزمىسى «بىر بەلباغ بىر يول» لىنىيەسى بويىدىكى دۆلەتلەر ۋە جۇڭگونىڭ بازار ئېھتىياجىنى ئۈنۈملۈك بىرلەشتۈرۈپ، يەر شارى قىممەت زەنجىرى، كەسىپ زەنجىرىنىڭ تەرەققىياتىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈردى.

لۇ چېڭچۈەن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ نۆۋەتلىك ئىمپورت كۆرگەزمىسى رايون ئومۇميۈزلۈك ئىقتىسادىي ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى كېلىشىمى رەسمىي كۈچكە ئىگە بولغاندىن كېيىنكى تۇنجى نۆۋەتلىك ئىمپورت كۆرگەزمىسى، ئىشىنىمەنكى، بۇ ئىككى چوڭ سۇپىنىڭ قاتلىنىش ئېففېكتى ئاستىدا، رايون ئىقتىسادىي ھەمكارلىقى ۋە تەرەققىياتى تېخىمۇ زور ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچكە ئىگە بولىدۇ.

تەرجىمان: بەختىيار تۇردى

中央广播电视总台 央广网 版权所有

جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسى جۇڭگو بىلەن دۇنيانى تۇتاشتۇرىدىغان «ئىقتىسادىي كۆۋرۈك»

جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسى ھەرقايسى دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ جۇڭگو بازىرىغا كىرىشىنى تېخىمۇ كۆپ پۇرسەت بىلەن تەمىنلىدى، ئۇ جۇڭگو بىلەن دۇنيانى تۇتاشتۇرىدىغان «ئىقتىسادىي كۆۋرۈك»، دېدى.