ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

جۇڭگو بىلەن ھىندونېزىيەنىڭ تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشى ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ ئورتاق يۈرەك ساداسى ۋە ئومۇميۈزلۈك ئارزۇسى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2022-11-15 09:48

جۇڭگونىڭ ھىندونېزىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى لۇ كاڭ مەخسۇس زىيارەتنى قوبۇل قىلغاندا: «جۇڭگو بىلەن ھىندونېزىيەنىڭ تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشى ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ ئورتاق يۈرەك ساداسى ۋە ئومۇميۈزلۈك ئارزۇسى» دېدى.

جۇڭگونىڭ ھىندونېزىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى لۇ كاڭ مەخسۇس زىيارەتنى قوبۇل قىلغاندا: «جۇڭگو بىلەن ھىندونېزىيەنىڭ تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشى ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ ئورتاق يۈرەك ساداسى ۋە ئومۇميۈزلۈك ئارزۇسى» دېدى.

20 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرىنىڭ 17-قېتىملىق باشلىقلار يىغىنى ھىندونېزىيەنىڭ بالى ئارىلىدا ئۆتكۈزۈلىدۇ. باشلىقلار يىغىنى ئۆتكۈزۈلۈش ئالدىدا، جۇڭگونىڭ ھىندونېزىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى لۇ كاڭ مۇخبىرنىڭ مەخسۇس زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو ھىندونېزىيەنىڭ بۇ يىللىق 20 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ رەئىس دۆلىتى بولۇش خىزمىتىنى پائال قوللايدۇ، باشلىقلار يىغىنىنىڭ ئاكتىپ، ئىجابىي رولىنى جارى قىلدۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. جۇڭگو بىلەن ھىندونېزىيە ئوخشاشلا تەرەققىي قىلىۋاتقان چوڭ دۆلەتلەر، گۈللىنىۋاتقان مۇھىم ئىقتىسادىي گەۋدىلەر، جۇڭگو-ھىندونېزىيە تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ ئورتاق يۈرەك ساداسى ۋە ئومۇميۈزلۈك ئارزۇسى.

لۇ كاڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: 20 دۆلەت گۇرۇھى مۇھىم خەلقئارا ئىقتىساد مۇنبىرى ۋە دۇنياۋى ئىدارە قىلىش مۇھىم سۇپىسى، جۇڭگو 20 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ خىزمىتىگە باشتىن-ئاخىر پائال قاتنىشىپ، خەلقئارا ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ۋە يەر شارى ئىقتىسادىنى ئىدارە قىلىشقا كۈچ چىقىرىپ، ھەر قايسى تەرەپلەر بىلەن دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ كۈچلۈك، ئىمكانىيەتلىك سىجىل، تەڭپۇڭ ۋە سىغدۇرۇشچان ئېشىشىنى تەڭ ئىلگىرى سۈردى. جۇڭگو بىلەن ھىندونېزىيە ئوخشاشلا تەرەققىي قىلىۋاتقان چوڭ دۆلەتلەر بولۇپ، كۆپ تەرەپلىك ئىشلاردا قويۇق ئالاقە ۋە ماسلىشىشنى ساقلاپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق مەنپەئەتىنى قوغداشقا تەڭ كۈچ چىقىرىپ، رايون ۋە دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى، تەرەققىياتىغا تۆھپە قوشىدۇ. جۇڭگو ھىندونېزىيەنىڭ بۇ يىللىق 20 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ رەئىس دۆلىتى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئىشلىگەن خىزمەتلىرىنى پائال قوللايدۇ، باشلىقلار يىغىنىنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش خەلقئارا ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، يەر شارىنىڭ ئاشلىق، ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىنى قوغداش قاتارلىق جەھەتلەردە پائال، ئىجابىي رولىنى جارى قىلدۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.

لۇ كاڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بۇ يىل 7-ئايدا ھىندونېزىيە زۇڭتۇڭى جوكو جۇڭگودا زىيارەتتە بولغاندا، ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى جۇڭگو بىلەن ھىندونېزىيەنىڭ تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى تەڭ قۇرۇش چوڭ يۆنىلىشىنى ئايدىڭلاشتۇردى. جۇڭگو بىلەن ھىندونېزىيە ئوخشاشلا تەرەققىي قىلىۋاتقان چوڭ دۆلەتلەر، گۈللىنىۋاتقان مۇھىم ئىقتىسادىي گەۋدىلەر بولۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ تەرەققىيات باسقۇچى ئوخشىشىپ كېتىدۇ، ئورتاق مەنپەئەتى باغلىنىشلىق، ئىدىيەسى ۋە يولى بىر-بىرىگە باغلانغان، ئىستىقبالى ۋە تەقدىرى زىچ مۇناسىۋەتلىك، جۇڭگو- ھىندونېزىيە تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ ئورتاق يۈرەك ساداسى ۋە ئومۇميۈزلۈك ئارزۇسى. ئىككى دۆلەت سىياسىي، ئىقتىساد، ئادىمىيەت، دېڭىز ھەمكارلىقىدىن ئىبارەت ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتنىڭ يېڭى ئەندىزىسىنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، تەڭ پايدا ئېلىش ئۈلگىسى، تەڭ تەرەققىياتنىڭ ئۈلگىسى، تەرەققىي قىلىۋاتقان ئەللەر ھەمكارلىقىنىڭ ئاۋانگارتىنى بەرپا قىلىدۇ.

لۇ كاڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جاكارتا-باندۇڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يولى جۇڭگو بىلەن ھىندونېزىيەنىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى جىپسىلاشتۇرۇش ۋە «بىر بەلباغ، بىر يول» نى تەڭ قۇرۇشتىكى بايراقدار تۈر، ئۇنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىلگىرى سۈرۈلۈشى جۇڭگو-ھىندونېزىيە مۇناسىۋىتىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەر قايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقى، بولۇپمۇ ئۇل ئەسلىھە ساھەسىدىكى ھەمكارلىقىغا يېڭى ئۈلگە تىكلەپ، ئىككى دۆلەتنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» ھەمكارلىقىنى يۇقىرى سۈپەتتە ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇشىغا تۈرتكە بولىدۇ. بۇ-جۇڭگو-ھىندونېزىيە تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنىڭ يەنە بىر مۇھىم نەتىجىسى. جاكارتا-باندۇڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يولى پۈتۈپ قاتناش باشلانغاندىن كېيىن، جاكارتادىن باندۇڭغىچە بولغان لىنىيە بويىدىكى قاتناش بېسىمىنى ئۈنۈملۈك يېنىكلىتىپ، شۇ جايدىكى ئاممىغا قولايلىق، تېز سەپەرگە چىقىش شارائىتى يارىتىپ بېرىپلا قالماي، يەنە شۇ جاينىڭ مەبلەغ سېلىش مۇھىتىنى ياخشىلاپ، لىنىيە بويىدىكى سودا تەرەققىياتى ۋە ساياھەت تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يول ئىقتىساد كارىدورىنى شەكىللەندۈرۈشنى تېزلىتىدۇ.

لۇ كاڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: چىڭشەن سانائەت باغچىسى ۋە دېلوڭ سانائەت باغچىسى جۇڭگو بىلەن ھىندونېزىيەنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتتە تەڭ قۇرۇشتىكى نۇقتىلىق تۈرى. ھىندونېزىيەنىڭ نىكېل كان بايلىقى مول، جۇڭگو بىلەن ھىندونېزىيەنىڭ نىكېل كەسپى جەھەتتىكى ھەمكارلىق يوشۇرۇن كۈچى زور. پۈتكۈل نىكېل كەسىپ زەنجىرىنى يېتەكچى قىلىپ، كەسىپ توپىغا تۈرتكە بولۇپ، نىكېل كېنىنى نىكېل-تۆمۈر ۋە يېڭى ئېنېرگىيەلىك باتارېيە ماتېرىيالىغا ئايلاندۇرۇپ، ھىندونېزىيەگە زور مىقداردا باج، ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋە تاشقى پېرېۋوت كىرىمى يارىتىپ بېرىپلا قالماي، يەنە ھىندونېزىيەنىڭ يەر شارى داتلاشماس پولات ۋە يېڭى ئېنېرگىيە كەسىپ زەنجىرىگە چوڭقۇر قاتنىشىشىغا پۇرسەت يارىتىپ بېرىپ، ھىندونېزىيە ھۆكۈمىتىنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشىغا ئېرىشتى.

لۇ كاڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى تارقالغاندىن كېيىن، جۇڭگو بىلەن ھىندونېزىيە ئۆزئارا ھەمدەم بولۇشنىڭ دوستلۇق سەھىپىسىنى تەڭ ئاچتى. جۇڭگو ئالدى بىلەن ھىندونېزىيەنى يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ياردىمى بىلەن تەمىنلىدى، ئالدى بىلەن ھىندونېزىيە بىلەن ۋاكسىنا ۋە يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالاھىدە ئۈنۈملۈك دورىلىرىنى تەتقىق قىلىپ ئېچىش ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇردى، ھىندونېزىيەنىڭ رايون خاراكتېرلىك ۋاكسىنا ئىشلەپچىقىرىش مەركىزى قۇرۇشىنى قوللىدى. جۇڭگو-ھىندونېزىيە كارخانىلىرىنىڭ يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى ۋاكسىنىسى ساھەسىدىكى ھەمكارلىقى ئىككى دۆلەتنىڭ تېخىمۇ زىچ تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشىنىڭ مۇھىم نەتىجىلىرىنىڭ نامايەندىسى.

لۇ كاڭ يەنە مۇنداق دېدى: جۇڭگو-ھىندونېزىيە ھەمكارلىقى ھەم كۈچلۈك ھاياتىي كۈچكە، ھەم چەكسىز يوشۇرۇن كۈچكە، تېخىمۇ پارلاق كەلگۈسىگە ئىگە. جۇڭگو-ھىندونېزىيە مۇناسىۋىتىنى ياخشى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىككى دۆلەتنىڭ ئورتاق ئۇزاق مۇددەتلىك مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن بولۇپلا قالماي، رايون ۋە يەر شارى قاتلىمىدىمۇ ئىجابىي، چوڭقۇر تەسىر پەيدا قىلىدۇ. ئىككى دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ ئورتاق يېتەكچىلىكىدە، جۇڭگو-ھىندونېزىيە مۇناسىۋىتىنىڭ داۋاملىق جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىپ، ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ بەخت-سائادىتىنى ئاشۇرۇش، ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈش، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىقى، ھەمكارلىقىغا ياردەم بېرىش، دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى، گۈللىنىشىنى قوغداشقا تېخىمۇ زور تۆھپە قوشىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.

تەرجىمان: ئامانگۈل ھەبىبۇللا

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

جۇڭگو بىلەن ھىندونېزىيەنىڭ تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشى ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ ئورتاق يۈرەك ساداسى ۋە ئومۇميۈزلۈك ئارزۇسى

جۇڭگونىڭ ھىندونېزىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى لۇ كاڭ مەخسۇس زىيارەتنى قوبۇل قىلغاندا: «جۇڭگو بىلەن ھىندونېزىيەنىڭ تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشى ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ ئورتاق يۈرەك ساداسى ۋە ئومۇميۈزلۈك ئارزۇسى» دېدى.