ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونى تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى بىرلىكتە بەرپا قىلايلى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2022-11-16 08:56

ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ 29- قېتىملىق رەھبەرلەر بىرەسمىي يىغىنى پات ئارىدا ئېچىلىدۇ. خەلقئارا جەمئىيەت بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ دىققىتىنى ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىغا، تەرەققىياتقا، ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئەركىن سودا رايونى قۇرۇلۇشىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، خەلقئارا تەرتىپنىڭ تېخىمۇ ئادىل، مۇۋاپىق يۆنىلىشكە قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، ئىقتىسادنى يەر شارىلاشتۇرۇشنىڭ تېخىمۇ ئېچىۋېتىلگەن، سىغدۇرۇشچان، ئومۇميۈزلۈك نەپ يەتكۈزىدىغان، تەڭپۇڭ، ئورتاق پايدا ئالىدىغان يۆنىلىشكە قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشىنى ئۈمىد قىلماقتا.

ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ 29- قېتىملىق رەھبەرلەر بىرەسمىي يىغىنى پات ئارىدا تايلاندنىڭ پايتەختى باڭكوكتا ئېچىلىدۇ. خەلقئارا جەمئىيەت بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ دىققىتىنى ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىغا، تەرەققىياتقا، ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئەركىن سودا رايونى قۇرۇلۇشىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونى ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ قايتىدىن تەق بولۇپ يولغا چىقىشىغا كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قوشۇپ، خەلقئارا تەرتىپنىڭ تېخىمۇ ئادىل، مۇۋاپىق يۆنىلىشكە قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، ئىقتىسادنى يەر شارىلاشتۇرۇشنىڭ تېخىمۇ ئېچىۋېتىلگەن، سىغدۇرۇشچان، ئومۇميۈزلۈك نەپ يەتكۈزىدىغان، تەڭپۇڭ، ئورتاق پايدا ئالىدىغان يۆنىلىشكە قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشىنى ئۈمىد قىلماقتا.

جۇڭگو دۇنيادىكى 2-چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدە ۋە ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ مۇھىم ئەزاسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ رولىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ تەرەققىياتىنى قوللىدى. 2013-يىلىدىن بۇيان، رەئىس شى جىنپىڭ ھەر قېتىملىق ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى رەھبەرلىرىنىڭ بىرەسمىي يىغىنىغا قاتنىشىپ ياكى رىياسەتچىلىك قىلىپ ھەم مۇھىم سۆز قىلىپ، جۇڭگونىڭ تەشەببۇسى ئارقىلىق ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونى ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگو تۆھپىسى ئارقىلىق ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگو ئەقىل-پاراسىتى ئارقىلىق ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ ئورتاق تونۇشىنى مۇجەسسەملەپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئېچىۋېتىش، سىغدۇرۇشچان بولۇش، يېڭىلىق يارىتىش، ئىقتىسادنى ئاشۇرۇش، ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇش، ھەمكارلىشىپ تەڭ پايدا ئېلىشتىن ئىبارەت ئاسىيا-تىنچ ئوكيان تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى تەڭ بەرپا قىلىشىغا تۈرتكە بولدى.

ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ تەرەققىيات قەدىمى جۇڭگو تەشەببۇسىنىڭ ئىزناسىنى قالدۇردى؛ ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونى ھەمكارلىقىنىڭ نەتىجىسى جۇڭگو ئەقىل-پاراسىتىنىڭ جەۋھىرىنى مۇجەسسەملىدى. جۇڭگو تەدرىجىي ھالدا ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونى ھەتتا پۈتۈن يەر شارى ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىيات موتورىغا ئايلىنىپ، ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ يەر شارىدىكى ئېشىش ھاياتىي كۈچى ئەڭ كۈچلۈك رايونغا ئايلىنىشىغا ياردەم بەردى. جۇڭگو ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى ئىقتىسادىي گەۋدىلەر بىلەن بىرلىكتە خىرىس ۋە سىناقلارنى باشتىن كەچۈرۈپ، چوڭ دۆلەتلىك سالاپىتىنى نامايان قىلدى، خەلقئارادىكى ئەربابلارنىڭ نەزىرىدە، ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا بولغان 30 نەچچە يىلدىن بۇيان، جۇڭگو چوڭ دۆلەتلىك ئەقىل پاراسىتى ۋە چوڭ دۆلەتلىك مەسئۇلىيەتچانلىقى بىلەن، ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونى ۋە دۇنيانىڭ مۇقىملىقى ۋە گۈللىنىشىگە ئۈزلۈكسىز مۇھىم تۆھپىلەرنى قوشتى.

ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونى بىر چوڭ ئائىلە، جۇڭگو بۇ چوڭ ئائىلىنىڭ بىر ئەزاسى. جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىدىن ئايرىلالمايدۇ، ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ گۈللىنىشىمۇ جۇڭگودىن ئايرىلالمايدۇ. پارتىيە 20-قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا: جۇڭگو ئىشىكنى سىرتقا ئېچىۋېتىشتىن ئىبارەت تۈپ دۆلەت سىياسىتىدە چىڭ تۇرىدۇ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ تەڭ پايدا ئېلىشتەك ئېچىۋېتىش ئىستراتېگىيەسىنى قەتئىي يولغا قويىدۇ، جۇڭگو يېڭى تەرەققىياتى ئارقىلىق دۇنيانى ئۈزلۈكسىز يېڭى پۇرسەت بىلەن تەمىنلەيدۇ، ئوچۇق دۇنيا ئىقتىسادى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولىدۇ، ھەرقايسى ئەل خەلقلىرىگە تېخىمۇ ياخشى نەپ يەتكۈزىدۇ، دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

«بىر بەلباغ، بىر يول«نى قول تۇتۇشۇپ يۇقىرى سۈپەتتە تەڭ قۇرۇش، ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا تېخىمۇ كەڭ سۇپا ھازىرلاپ بېرىشتىن، ئاسىيا ئۇل ئەسلىھە سېلىنما بانكىسى ۋە يىپەك يولى فوندى تەسىس قىلىش، يېڭىچە مەبلەغ سېلىش- يۈرۈشتۈرۈش سۇپىسى بەرپا قىلىشنى تەشەببۇس قىلىشقىچە؛ ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ مېخانىزمى ۋە ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى قوللاشقا 10 مىليون ئامېرىكا دوللىرى ئىئانە قىلىش، ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان ئەزالىرىنى 1500 تەربىيەلەش سانى بىلەن تەمىنلەپ، سودا ۋە مەبلەغ سېلىش قاتارلىق ساھەلەردىكى ئىقتىدار قۇرۇلۇشى تۈرلىرىنى قوللاشقا ئىشلىتىشتىن، ئىمپورت كۆرگەزمىسى، ئىستېمال كۆرگەزمىسى، جۇڭگو خەلقئارا مۇلازىمەت سودىسى يەرمەنكىسى قاتارلىق يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىلگەن كۆرگەزمىلەرنى ئۆتكۈزۈپ، ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي گەۋدىسىنى تېخىمۇ كۆپ سودا پۇرسىتى بىلەن تەمىنلەشكىچە-جۇڭگو ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىدا يىلتىز تارتىپ، ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ قۇرۇلۇشىغا تۆھپە قوشۇپ، ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىغا بەخت يارىتىشتىكى قەتئىي ئىشەنچىسى ۋە ئۆزگەرمەس ئىرادىسى بىلەن، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىياتى ئارقىلىق ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ تەرەققىياتىغا تېخىمۇ زور پۇرسەت ياراتتى.

جۇڭگو ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ تىنچلىقىنى قەتئىي قوغدايدۇ، ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونى ھەمكارلىقىغا قاتنىشىدۇ. جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش ئارقىلىق، جۇڭگو ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكى ۋە ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىغا تېخىمۇ زور تۆھپە قوشىدۇ.

پارتىيە 20-قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش تىنچ تەرەققىيات يولىدا ماڭىدىغان زامانىۋىلاشتۇرۇش، دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

بىز قەتئىي ھالدا تارىخنىڭ توغرا تەرىپىدە، ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكىنىڭ ئالغا بېسىش تەرىپىدە تۇرۇپ، تىنچلىق، تەرەققىيات، ھەمكارلىق، تەڭ پايدا ئېلىش بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، دۇنيا تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىنى قەتئىي قوغداش داۋامىدا ئۆز تەرەققىياتىمىز ئۈستىدە ئىزدىنىمىز، ھەم ئۆز تەرەققىياتىمىز ئارقىلىق دۇنيا تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىنى تېخىمۇ ياخشى قوغدايمىز.

دۇنياۋى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى يېڭى خىرىسقا دۇچ كەلگەن ئاچقۇچلۇق پەيتتە، ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى يۇقۇم تارقالغاندىن بۇيانقى تۇنجى قېتىملىق تور سىرتىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان رەھبەرلەر بىرەسمىي يىغىنىنى كۈتۈۋالىدۇ. خەلقئارا جەمئىيەت گۈللەنمە بازارلار ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ دۇنياۋى ئىدارە قىلىش داۋامىدا تېخىمۇ ئاكتىپ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، تېخىمۇ جاراڭلىق سادا چىقىرىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.

جۇڭگو ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونى ھەمكارلىقىنىڭ پائال تەشەببۇسچىسى ۋە قەتئىي ئەمەلىيەتتە كۆرسەتكۈچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىدا باشتىن-ئاخىر يىلتىز تارتىپ، ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ قۇرۇلۇشىغا تۆھپە قوشۇپ، ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىغا بەخت يارىتىدۇ. جۇڭگو ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق ئۆزئارا ئىشىنىدىغان، سىغدۇرۇشچان، ھەمكارلىشىدىغان، تەڭ پايدا ئالىدىغان ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونى ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا تېخىمۇ قۇدرەتلىك كۈچ مۇجەسسەملەپ، ھەرقايسى تەرەپلەر بىلەن قول تۇتۇشۇپ، ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونى تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ تىنچ، گۈللەنگەن گۈزەل كەلگۈسىنى تەڭ يارىتىپ ۋە ئۇنىڭدىن تەڭ بەھرىلىنىپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ كۈچىنى تەقدىم قىلىدۇ.

تەرجىمان: ئامانگۈل ھەبىبۇللا

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونى تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى بىرلىكتە بەرپا قىلايلى

ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ 29- قېتىملىق رەھبەرلەر بىرەسمىي يىغىنى پات ئارىدا ئېچىلىدۇ.