ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

بارغانسېرى كۆپ چەتئەل ئاممىسى جۇڭگوغا ئىجابىي قاراشتا بولدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2022-11-16 09:04

چەتئەللەردىكى نۇرغۇن ئەلرايىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەردە بارغانسېرى كۆپ ئاممىنىڭ جۇڭگوغا ئىجابىي قاراشتا بولغانلىقى ئايان بولدى

يېقىنقى مەزگىلدە چەتئەللەردىكى نۇرغۇن ئەلرايىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەردە بارغانسېرى كۆپ ئاممىنىڭ جۇڭگوغا ئىجابىي قاراشتا بولغانلىقى ئايان بولدى.

ئەنگلىيە كامبرىج داشۆسى يېقىندا ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى تەكشۈرۈش دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەردىكى ئاممىنىڭ جۇڭگوغا بولغان ياخشى تەسىراتى بارغانسېرى كۈچەيگەن. 10-ئاينىڭ ئاخىرىدا، كامبرىج داشۆسى دېموكراتىك كەلگۈسى مەركىزى يەر شارىدىكى 137 دۆلەت ۋە رايوننى قاپلىغان، پۈتۈن دۇنيادىكى %97 نوپۇسقا ۋەكىللىك قىلىدىغان 30 تەكشۈرۈش سانلىق مەلۇماتىنى بىرلەشتۈرۈپ، كۆپ ساندىكى تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەردىكى زىيارەت قىلىنغۇچىلارنىڭ جۇڭگوغا ئىجابىي قاراشتا ئىكەنلىكىنى بايقىدى.

بۇندىن ئىلگىرى، كامبرىج داشۆسى بىلەن ئەنگلىيە جامائەت پىكىرىنى تەكشۈرۈش شىركىتى بىرلىكتە قانات يايدۇرغان «جامائەت پىكىرى-كامبرىج يەر شارىلاشتۇرۇش تۈرى»دە كۆرسىتىلىشىچە، جۇڭگو دۇنيادا كەڭ ئالقىشقا ئېرىشكەن.

بۇ تۈردە بۇ يىل 8-ئايدىن 9-ئايغىچە 20 نەچچە دۆلەتتىكى 10 مىڭدىن ئارتۇق قۇرامىغا يەتكەن كىشى ئارىسىدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلدى. نەتىجىدە كۆرسىتىلىشىچە، لاتىن ئامېرىكىسى، ئافرىقا ۋە ئاسىيا قاتارلىق رايونلاردىكى تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر ئاممىسىنىڭ يېقىنقى ئىككى يىلدىن بۇيان جۇڭگوغا بولغان ياخشى تەسىراتى كۆرۈنەرلىك ئاشقان. بۇنىڭ ئىچىدە، نىگېرىيە خەلقىنىڭ جۇڭگوغا بولغان ياخشى تەسىراتى 2021-يىلىدىكى %68 تىن 2022-يىلى %83 كە، كېنىيەنىڭ %58 تىن %82 كە ئۆرلىگەن.

بۇندىن باشقا، ئامېرىكا پىرىنسېتون داشۆسى پارتىيە-گۇرۇھسىز تەتقىقات تورى «ئەرەب بارومېتىرى» بۇ يىل 7-ئايدا ئېلان قىلغان تەكشۈرۈش دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئوتتۇرا شەرق ۋە شىمالىي ئافرىقا رايونىدىكى ئەرەب دۆلەتلىرى ئاممىسىنىڭ جۇڭگوغا بولغان ياخشى تەسىراتى ئاشقان.

2021-يىلىنىڭ ئاخىرىدىن 2022-يىلى ئەتىيازغىچە بۇ رايوندىكى 20 مىڭدىن ئارتۇق زىيارەت قىلىنغۇچىغا قارىتا ئېلىپ بېرىلغان بۇ تەكشۈرۈشتىن ئايان بولۇشىچە، زىيارەت قىلىنغان توققۇز دۆلەت ئىچىدە، ماۋرىتانىيە، سۇدان، ئىراق، لىۋان، ئىيوردانىيە قاتارلىق يەتتە دۆلەتتىكى كۆپ ساندىكى زىيارەت قىلىنغۇچى جۇڭگوغا نىسبەتەن ئىنتايىن ياخشى ياكى بىر قەدەر ياخشى قاراشتا بولغان.

دوكلاتتا مۇنداق دېيىلدى: جۇڭگونىڭ دۇنياۋى نەزىرى كۈچەيدى، بولۇپمۇ «بىر بەلباغ بىر يول»نى تەڭ قۇرۇش تەشەببۇسى ئارقىلىق، جۇڭگونىڭ ئوتتۇرا شەرق ۋە شىمالىي ئافرىقا رايونىدىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئىقتىساد ئالاقىسى زور دەرىجىدە ئاشتى.

ئوخشاشلا، ئافرىقا دۆلەتلىرىدىكى ياشلارغا قارىتىلغان يەنە بىر تۈرلۈك ئەلرايىنى تەكشۈرۈشتىن ئايان بولۇشىچە، %76 ئافرىقىلىق ياش جۇڭگونىڭ دۇنياغا بولغان تەسىرى ئاكتىپ، ئىجابىي دەپ قارايدىكەن.

بۇ ئۇنىۋېرسال تەكشۈرۈشتە، ئافرىقىدىكى 15 دۆلەتتىكى 18 ياشتىن 24 ياشقىچە بولغان ياشلار بىلەن 4507 قېتىم يۈزتۇرانە سۆھبەتلىشىلىگەندىن كېيىن بۇ يەكۈن چىقىرىلغان. جۇڭگو تاۋارلىرىنىڭ سۈپىتى ياخشى، باھاسى ئەرزان بولۇش، ئافرىقىدا ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىغا مەبلەغ سېلىش، ئافرىقىلىقلارغا ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىش قاتارلىقلار زىيارەت قىلىنغۇچىلارنىڭ جۇڭگوغا قارىتا ئىجابىي تونۇشتا بولۇشىدىكى ئاساسلىق سەۋەب.

بۇ تەكشۈرۈشنى ھاۋالە قىلغان ئىچكوۋىتىز جەمەتى فوندى جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئىفول ئىچكوۋىتىز مۇنداق دېدى: مۇتلەق كۆپ ساندىكى ئافرىقا ياشلىرى جۇڭگو ئافرىقىنىڭ ئىشلىرىغا قاتناشسا قوش پايدا ئېلىپ كېلىدۇ دەپ قارايدۇ، بۇ-جۇڭگونىڭ دىپلوماتىيە سىياسىتىنى ئېتىراپ قىلغانلىق.

تەرجىمان: ئابدۇللا موللا

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

بارغانسېرى كۆپ چەتئەل ئاممىسى جۇڭگوغا ئىجابىي قاراشتا بولدى

چەتئەللەردىكى نۇرغۇن ئەلرايىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەردە بارغانسېرى كۆپ ئاممىنىڭ جۇڭگوغا ئىجابىي قاراشتا بولغانلىقى ئايان بولدى