ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

«بىيو قوراللارنى چەكلەش ئەھدىنامىسى»نىڭ 9-قېتىملىق قاراپ چىقىش يىغىنى شىۋېيتسارىيەنىڭ جەنۋەدىكى دۆلەتلەر سارىيىدا ئېچىلدى. يىغىندا «تيەنجىن قوللانمىسى»نى مۇھىم نەتىجە قىلىش مۇراجىئەت قىلىندى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2022-12-04 15:51

«بىيو قوراللارنى چەكلەش ئەھدىنامىسى»نىڭ 9-قېتىملىق قاراپ چىقىش يىغىنى شىۋېيتسارىيەنىڭ جەنۋەدىكى دۆلەتلەر سارىيىدا ئېچىلدى. 11-ئاينىڭ 29-كۈنى، تيەنجىن داشۆسى بىلەن جۇڭگو دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى «ئالىملارنىڭ بىيو خەۋپسىزلىكى ھەرىكەت مىزانى تيەنجىن قوللانمىسى» توغرىسىدا بىرلىكتە باش تېمىلىق يانداش يىغىنى ئاچتى.

جۇڭگونىڭ «بىيو قوراللارنى چەكلەش ئەھدىنامىسى»نىڭ 9-قېتىملىق قاراپ چىقىش يىغىنىغا قاتناشقان ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ باشلىقى، ھەربىي ھازىرلىقلارنى قىسقارتىش ئىشلىرى باش ئەلچىسى لى سۇڭ باش مەقسەت سۆزى قىلىپ مۇنداق كۆرسەتتى: «تيەنجىن قوللانمىسى» جۇڭگو قاتارلىق 20 نەچچە دۆلەت ئالىملىرىنىڭ خەلقئارا جەمئىيەتنى تەمىنلىگەن بىر تۈرلۈك دەل ۋاقتىدا بولغان خەلقئارا ئاممىۋى مەھسۇلات، شۇنداقلا يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ئارقا كۆرۈنۈشىدە ھەرقايسى دۆلەت ئالىملىرىنىڭ بىيو خەۋپسىزلىكى ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشتىكى نادىر ئەسىرى.

لى سۇڭ مۇنداق دېدى: «تيەنجىن قوللانمىسى» «بىيو قوراللارنى چەكلەش ئەھدىنامىسى» رامكىسى ئاستىدا مەسئۇلىيەتچان پەن-تەتقىقات سۆھبەت مۇساپىسىنى تەشەببۇس قىلىشنىڭ مەھسۇلى بولۇپ، 2016-يىلى جۇڭگو بىلەن پاكىستان تۇنجى بولۇپ تەشەببۇس قىلغان، تيەنجىن داشۆسى جونس خوپكىنس داشۆسى بىلەن بىرلىشىپ خەلقئارا ئىلىم-پەن ساھەسىدە پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەرقايسى قىتئەلەردىن كەلگەن 20 دىن ئارتۇق دۆلەت ئالىملىرىنىڭ ئەقىل-پاراسىتى ۋە تىرىشچانلىقىنى مۇجەسسەملىگەن. يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى مەزگىلىدە قاتمۇقات قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، ئاخىرى مول نەتىجىگە ئېرىشتۇق.

لى سۇڭ مۇنداق دېدى: «تيەنجىن قوللانمىسى» خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بىيو خەۋپسىزلىكى خەۋپىنى تۆۋەنلىتىپ، بىيولوگىيە ئىلمىنىڭ ئىنسانىيەتكە بەخت يارىتىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئاكتىپ، پايدىلىق سىناق بولۇپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ بىيو خەۋپسىزلىكىنى قېلىپلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىش ئىرادىسى ۋە ئەقىل-پاراسىتىنى نامايان قىلىپ، ھاياتلىق ئىلمى نەتىجىلىرىنى مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن ئىشلىتىشنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرۈشنى خەلقئارا ئورتاق تونۇشقا ئايلاندۇردى.

نۆۋەتتە، «تيەنجىن قوللانمىسى» بارغانسېرى خەلقئارانىڭ ئېتىراپ قىلىشى ۋە كېڭەيتىشىگە ئېرىشتى، جۇڭگو باشقا شەرتنامە تۈزۈشكەن دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە، بۇ قېتىمقى «بىيو قوراللارنى چەكلەش ئەھدىنامىسى» نى قاراپ چىقىش يىغىنىدا «تيەنجىن قوللانمىسى»نى تەكشۈرۈپ بېكىتىشنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، مەنپەئەتكە مۇناسىۋەتلىك بارلىق تەرەپلەرنىڭ «تيەنجىن قوللانمىسى» نى ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن قوبۇل قىلىشىغا ئىلھام بېرىپ، بىيو تېخنىكىنىڭ خاتا ئىشلىتىلىپ قېلىشىنىڭ تېخىمۇ ياخشى ئالدىنى ئېلىپ، بىيو پەن-تېخنىكىسىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى.

لى سۇڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: «تيەنجىن قوللانمىسى» جۇڭگودا بارلىققا كەلگەن، دۇنياغا تەۋە، جۇڭگو تەشەببۇسىدىن دۇنياۋى تەشەببۇسقا ئايلاندى.

«تيەنجىن قوللانمىسى»نى پىلانلاش، تۈزۈش ۋە كېڭەيتىش جەريانى كۆپ تەرەپچىللىكنىڭ جانلىق كارتىنىسى بولۇپ، بىر خىل ئالاھىدە ئۇسۇل ئارقىلىق دۇنياۋى ئاممىۋى خەۋپسىزلىكى خىرىسى ئالدىدا، ئىنسانىيەتنىڭ تەقدىرى بىر-بىرىگە زىچ باغلانغان، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ مەنپەئەتى زىچ باغلانغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلىدى. جۇڭگو شەرتنامە تۈزۈشكەن دۆلەتلەر ۋە خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن بىرلىكتە «تيەنجىن قوللانمىسى»نى يېڭى باشلىنىش نۇقتىسى قىلىپ، دۇنيا بىيو خەۋپسىزلىكىنى تۈزەش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشكە پائال كۈچ چىقىرىپ، بىيو خەۋپسىزلىكىنىڭ يېڭى خىرىسىغا تاقابىل تۇرۇپ، بىيو پەن-تېخنىكىسىنىڭ تېخىمۇ ساغلام، بىخەتەر توغرا يۆنىلىشنى بويلاپ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ.

يىغىندا تيەنجىن داشۆسى ۋە جونس خوپكىنس داشۆسىنىڭ مۇتەخەسسىسلىرى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «تيەنجىن قوللانمىسى»دا، مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئالغان بىيو پەن تەتقىقاتى تەشەببۇس قىلىندى، بۇ 10 تۈرلۈك يېتەكچى پىرىنسىپ ۋە ھەرىكەت ئۆلچىمىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، پەن-تەتقىقات مەسئۇلىيىتى، نەتىجىلەرنى تارقىتىش، پەن-تېخنىكىنى ئومۇملاشتۇرۇش، خەلقئارا ئالماشتۇرۇش قاتارلىق ھالقىلاردا پەن-تەتقىقات خادىملىرىنىڭ بىيو خەۋپسىزلىك ئېڭىنى ئۆستۈرۈشنى تەشەببۇس قىلىدۇ.

خەلقئارا پەنلەر ئاكادېمىيەسى تەشكىلاتى كاتىبات باشقارمىسى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «تيەنجىن قوللانمىسى» خەلقئارا پەنلەر ئاكادېمىيەسى تەشكىلاتىنىڭ تەكشۈرۈشىدىن ئۆتكەن بولۇپ، خەلقئارا ئىلىم-پەن ساھەسىدىكىلەرنىڭ ئورتاق تونۇشىنى ئەكس ئەتتۈردى، خەلقئارا پەنلەر ئاكادېمىيەسى تەشكىلاتى ئۆزىنىڭ 150 دۆلەت دەرىجىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسى تورىدىن پايدىلىنىپ زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلىۋاتىدۇ ۋە كېڭەيتىۋاتىدۇ.

«بىيو قوراللارنى چەكلەش ئەھدىنامىسى»نى ئىجرا قىلىشنى قوللاش ئورگىنىنىڭ مەسئۇلى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «تيەنجىن قوللانمىسى» خەلقئارا ئىلىم-پەن ساھەسىنىڭ «بىيو قوراللارنى چەكلەش ئەھدىنامىسى»نىڭ رولىنى كۈچەيتىشكە ئۈلگە تىكلەپ بەردى، «بىيو قوراللارنى چەكلەش ئەھدىنامىسى» مۇساپىسىدا بۇ تولۇق مۇزاكىرە قىلىندى ھەمدە يۈكسەك ئېتىراپ قىلىندى.

پاكىستان، بىرازىلىيە، رۇسىيە، فىلىپپىن ۋە كۇبا قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ۋەكىللىرى بەس-بەستە سۆز قىلىپ، «تيەنجىن قوللانمىسى»نى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، مەسئۇلىيەتچان پەن-تەتقىقاتنى تەشەببۇس قىلىش، ئالىملارنىڭ ھەرىكەت مىزانىنى تۈزۈشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى تەكىتلەپ، «تيەنجىن قوللانمىسى» مۇساپىسىدە نامايان قىلىنغان ئاشكارا، سىغدۇرۇشچانلىق روھىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، جۇڭگونىڭ يېتەكچىلىك رولىنى جارى قىلدۇرغانلىقىغا يۈكسەك ئاپىرىن ئېيتتى. «بىيو قوراللارنى چەكلەش ئەھدىنامىسى»نىڭ 9-قېتىملىق قاراپ چىقىش يىغىنىدا «تيەنجىن قوللانمىسى» نى مۇھىم نەتىجە قىلىشنى مۇراجىئەت قىلدى.

تەرجىمان: گۈزەلنۇر روزى

中央广播电视总台 央广网 版权所有

«بىيو قوراللارنى چەكلەش ئەھدىنامىسى»نىڭ 9-قېتىملىق قاراپ چىقىش يىغىنى شىۋېيتسارىيەنىڭ جەنۋەدىكى دۆلەتلەر سارىيىدا ئېچىلدى. يىغىندا «تيەنجىن قوللانمىسى»نى مۇھىم نەتىجە قىلىش مۇراجىئەت قىلىندى

«بىيو قوراللارنى چەكلەش ئەھدىنامىسى»نىڭ 9-قېتىملىق قاراپ چىقىش يىغىنى شىۋېيتسارىيەنىڭ جەنۋەدىكى دۆلەتلەر سارىيىدا ئېچىلدى. 11-ئاينىڭ 29-كۈنى، تيەنجىن داشۆسى بىلەن جۇڭگو دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى «ئالىملارنىڭ بىيو خەۋپسىزلىكى ھەرىكەت مىزانى تيەنجىن قوللانمىسى» توغرىسىدا بىرلىكتە باش تېمىلىق يانداش يىغىنى ئاچتى.