ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئەمەلدارى: ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر ئېنېرگىيە كىرىزىسىگە تاقابىل تۇرۇشقا قارىتا كۈچلۈك تەدبىر قوللانمىدى
ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ ئىقتىساد ئىشلىرىغا مەسئۇل مۇئاۋىن ئىجرائىيە رەئىسى ۋالكىس.دۇبروۋىسكى شۇ يەر ۋاقتى 1-ئاينىڭ 2-كۈنى ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق دېدى: ياۋروپا مەركىزى بانكىسى تەدبىر قوللىنىپ پۇل پاخاللىقىنى كېچىكتۈرۈۋاتقان پەيتتە، ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر خامچوت قىزىل رەقىمىنى ئازايتىشى ھەمدە تېخىمۇ چىڭ مالىيە سىياسىتىنى يولغا قويۇشى كېرەك، مالىيە ۋە پۇل سىياسىتىنىڭ توقۇنۇشماسلىقى ئىنتايىن مۇھىم.
ۋالكىس.دۇبروۋىسكى يەنە مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئېنېرگىيە كىرىزىسى مەزگىلىدە قوللاش تەدبىرىنى قوللىنىش ناھايىتى مۇھىم، ئەمما نۆۋەتتىكى مەسىلە ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر قوللانغان كۆپ ساندىكى قوللاش تەدبىرلىرىدە مۇھىم نۇقتا ئەڭ ئېھتىياجلىق ئاممىغا قارىتىلمىغان، يەنە كېلىپ نۇرغۇن قوللاش تەدبىرلىرىدە ئېنېرگىيە سەرپىياتىنى ئازايتىشقا ئىلھام بېرىلمىگەن.
تەرجىمان: قۇرباننىسا جاپپار