ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

كىرودىيە ياۋرو رايونىغا كىرسە پۇرسەت بىلەن خىرىس تەڭ مەۋجۇت بولىدۇ

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2023-01-08 11:40

2023-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنى، كىرودىيە ياۋرو رايونى ۋە شېنگېن رايونىغا بىرلا ۋاقىتتا كىرىپ، ياۋرو رايونىدىكى 20-ئەزا دۆلەت ۋە شېنگېن رايونىدىكى 27-ئەزا دۆلەتكە ئايلاندى. تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ كۆرسەتتى : كىرودىيەنىڭ ياۋرو رايونىغا كىرىشى ئىقتىسادىغا پايدىلىق ۋە پۇل مۇئامىلىسىگە مۇقىملىق ئېلىپ كېلىدۇ، لېكىن كىرودىيە شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئىقتىسادتا مال باھاسى داۋالغۇش ۋە ئېشىش سۈرئىتى تۆۋەنلەش قاتارلىق خىرىسلارغا دۇچ كېلىدۇ.

كىرودىيەنىڭ نوپۇسى تەخمىنەن 4 مىليونغا يېتىدۇ، بۇ دۆلەت 2015-يىلىدىن بۇيان ياۋرو رايونىغا كىرگەن تۇنجى دۆلەت. ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى 2022-يىلى 12-ئاينىڭ 30-كۈنى ئېلان قىلغان خەۋەردە مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: كىرودىيەنىڭ ياۋرو رايونىغا كىرىشى ياۋرو رايونىدىكى دۆلەتلەرنىڭ 20 گە، نوپۇسىنىڭ 347 مىليونغا يەتكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ، بۇ ياۋرو رايونى، شېنگېن رايونىغا نىسبەتەن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپ، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ مۇھىم ئابىدىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ رەئىسى ئۇرسۇلا ۋوندېر لېيېن كىرودىيە ئاگېنتلىقىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: كىرودىيەنىڭ ياۋرو رايونى ۋە شېنگېن رايونىغا كىرىشى مەبلەغ جەلپ قىلىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتى يارىتىپ، ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كىرودىيەنىڭ ياۋروپانىڭ تېرىلمە ئېنېرگىيە مەركىزىگە ئايلىنىشىغا كۈچ قوشىدۇ. بۇ كىرودىيەگە نىسبەتەن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپلا قالماي، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ قۇدرەت تاپقانلىقى ۋە ئىتتىپاقلاشقانلىقىنىڭ ئىسپاتى.

ياۋروپا مەركىزىي بانكىسى 2022-يىلى 7-ئايدا ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ياۋروپا ئىتتىپاقى كېڭىشى كىرودىيەنىڭ 2023-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنى ياۋرو رايونىغا كىرىشىنى رەسمىي تەستىقلىدى، شۇ چاغدا ياۋرونىڭ كىرودىيە كۇناسىغا بولغان پېرېۋوت نىسبىتى 1:7.5345 بولىدۇ، دېدى.

كىرودىيە ياۋروپانىڭ ئوتتۇرا جەنۇبىغا جايلاشقان. سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، 2021-يىلى كىرودىيە ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش نىسبىتى %10 تىن ئېشىپ، نۆۋەتتە ياۋروپادىكى ئېشىش سۈرئىتى ئەڭ تېز بولغان ئىقتىسادىي گەۋدىلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالغان، لېكىن كىشى بېشى ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىنىڭ %70 ىگە يەتكەن.

كىرودىيەنىڭ بىر قىسىم ئەمەلدارلىرى ۋە ئالىملىرى كىرودىيەگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ياۋرو رايونىغا كىرىش ھەم تاۋار ۋە مۇلازىمەت ئوبوروتىنى تېخىمۇ قولايلاشتۇرغىلى، ساياھەتچىلىكنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرگىلى، پۇل مۇئامىلە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلغىلى ھەم خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرگىلى بولىدۇ، دەپ كۆرسەتتى.

كىرودىيەنىڭ مالىيە مىنىستىرى ماركو پرىمولاز كىرودىيەنىڭ ئىقتىسادى «ياۋرولاشتۇرۇلدى»، %70 تىن ئارتۇق ئامانەت پۇل ياۋرو بىلەن ھېسابلىنىدۇ، ئۆي مۈلۈك، ئاپتوموبىل قاتارلىقلارنىڭ باھاسى ئۇزۇن مەزگىل ياۋرو بىلەن بېكىتىلىدۇ، دېدى. ھازىر، ياۋرو كىرودىيە ئىقتىسادىنىڭ مۇقىملاشتۇرغۇچىسى بولۇپ، پۇل مۇئامىلە بازىرىنىڭ تاشقى زەربىسىگە تاقابىل تۇرۇپ، مەبلەغ سېلىش مۇھىتىنى ياخشىلايدۇ.

كىرودىيەنىڭ سىياسىي تەھلىلچىسى داۋور گېنېرو مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: كىرودىيەنىڭ ياۋرو رايونىغا كىرىشى ئاممىغا ئىقتىسادىي نەپ ئېلىپ كېلىدۇ ۋە ئۇلارنىڭ پىسخىكا جەھەتتىن ئېتىراپ قىلىشنى تېخىمۇ كۈچەيتىدۇ، بىر تەرەپتىن تاۋار ۋە مۇلازىمەت ئوبوروتىنى تېزلىتىپ، ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى تېخىمۇ كۆپ ساياھەتچىلەرنى كىرودىيەنى زىيارەت قىلىشقا جەلپ قىلىدۇ، يەنە بىر تەرەپتىن ياۋرو ھۆكۈمەتنىڭ ئوبوروت پۇلى بولۇش سۈپىتى بىلەن پۇل مۇئامىلىنىڭ مۇقىملىقى ۋە ئۆسۈم نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىشكە پايدىلىق بولىدۇ.

ساياھەتچىلىك كىرودىيە ئىقتىسادىنىڭ مۇھىم تۈۋرۈكى. 2022-يىلى كىرودىيە ساياھەتچىلىكى يۇقۇمنىڭ تەسىرىدىن تەدرىجىي قۇتۇلۇپ، ئالدىنقى 8 ئايدا 15 مىليون ئادەم قېتىم ساياھەتچى كۈتۈۋېلىپ، 2019-يىلى كۈتۈۋالغان ساياھەتچى ئومۇمىي سانىنىڭ %90 دىن ئاشتى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، يۇقۇم پەيدا بولغاندىن بۇيان ياۋروپادا قىسقا مۇساپىلىك ساياھەت تەدرىجىي ئالقىشقا ئېرىشتى، كىرودىيەنىڭ شېنگېن رايونىغا كىرىشى ۋە ياۋرو ئىشلىتىشى بۇ يۈزلىنىشنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈشكە ئۈمىد تۇغدۇردى.

كىرودىيەگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ياۋرو رايونىغا كىرىش ئىقتىسادنىڭ ئالغا ئىلگىرىلىشىگە ئۈمىد تۇغۇلغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ، لېكىن كىرودىيە ئىقتىسادىمۇ پۇل تەڭشەش مەزگىلىدىكى مال باھاسىنىڭ ئۆرلىشى، ئىقتىسادنىڭ ئېشىشى ئاستىلاش قاتارلىق خىرىسلارغا ھەمدە نوپۇسنىڭ قېرىلىشىشى ۋە ئەمگەك كۈچىنىڭ ئۇزۇن مۇددەت كەمچىل بولۇشى قاتارلىق چەكلەش ئامىللىرىغا دۇچ كەلدى.

ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى ئېلان قىلغان ياۋروپا بارومېتىرى تەكشۈرۈشىدىن مەلۇم بولۇشىچە، %55 كىرودىيەلىك ياۋرو ئىشلىتىشنى قوللايدىكەن، لېكىن %30 ئامما دۆلەت پۇل ئالماشتۇرۇش تەييارلىقىنى قىلىپ بولدى، دەپ قارايدىكەن. بۇنىڭدىن باشقا، تەخمىنەن %81 كىرودىيەلىك پۇل تەڭشەش مەزگىلىنىڭ باھانىڭ ئۆرلەپ كېتىشىنى پەيدا قىلىشىدىن ئەنسىرەيدىكەن.

كىرودىيە زاگرېب داشۆسىنىڭ ئىقتىسادشۇناسلىق پىروفېسسورى ليۇبو يۇرچىچ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: كىرودىيە خەلقى ياۋرو ئىشلىتىشكە ئادەتلەنگەن، پۇل تەڭشەش ۋاقتى ئۇزۇن ھەم مۇرەككەپ بولمايدۇ، لېكىن بۇ مەزگىلدە باھانىڭ ئۆسۈشى چوقۇم كونترول قىلىنىشى زۆرۈر.

2022-يىلى 11-ئايدا، كىرودىيەنىڭ پۇل پاخاللىقى نىسبىتى %13.5 كە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكى ياۋرو رايونىنىڭ پۇل پاخاللىقى نىسبىتىدىن 3.5 پوئىنت يۇقىرى بولدى. ئىقتىسادشۇناسلار ئەنسىرەپ، ئەگەر پۇل تەڭشەش مەزگىلىدە مال باھاسى داۋاملىق ئۆرلىسە، پۇل پاخاللىقى ۋەزىيىتىگە تاقابىل تۇرۇش تېخىمۇ تەسكە توختايدۇ، دېدى.

يۇرچىچ يەنە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: گەرچە شەكىل جەھەتتە ياۋرو رايونىغا كىرىش ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن بولسىمۇ، كىرودىيەنىڭ ئەمەلىي ئىقتىسادىي تەرەققىيات سەۋىيەسى ياۋرو رايونىنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىدىن يەنىلا پەرقلىنىدۇ.

ۋيېنا سېلىشتۇرما ئىقتىساد تەتقىقاتخانىسى: كىرودىيە ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى قېرىلىشىش ئەڭ ئېغىر دۆلەتلەرنىڭ بىرى، بىر قىسىم كەسىپلەر ئىختىساسلىقلار ئېقىپ كېتىش ۋە ئەمگەك كۈچى كەمچىل بولۇش مەسىلىسىگە دۇچ كەلدى، دەپ قارىدى.

دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشى ئاستىلىغان، ياۋروپادا پۇل پاخاللىقى ئۆرلىگەن، ئېنېرگىيە باھاسى تۆۋەنلىمەيۋاتقان چوڭ مۇھىتتا، يەنە كېلىپ ئىچكى ئېھتىياج ئاجىزلاپ، ئېكسپورت كاساتلىشىۋاتقان ئەھۋالدا، كىرودىيە ئىقتىسادىنىڭ 2023-يىلىدىكى ئېشىش سۈرئىتىنىڭ ياخشى بولۇشىدىن بەك ئۈمىد كۈتۈلمىدى.

ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ 2022-يىلى كۈز پەسىللىك ئىقتىساد كۆزلىمىسى دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، 2023-يىلى كىرودىيە ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى زور دەرىجىدە تۆۋەنلەپ %1 كە چۈشىدىكەن، 2021-يىلى بۇ دۆلەت ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش نىسبىتى %10 تىن ئاشقان، 2022-يىلى ئېشىش سۈرئىتى %6 بولغان. شۇڭا كىرودىيەنىڭ نۆۋەتتىكى ئىقتىسادىي ۋەزىيىتىنى ئىنتايىن كەسكىن، دېيىشكە بولىدۇ.

تەرجىمان: ئادىل ئابلەت

中央广播电视总台 央广网 版权所有

كىرودىيە ياۋرو رايونىغا كىرسە پۇرسەت بىلەن خىرىس تەڭ مەۋجۇت بولىدۇ

2023-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنى، كىرودىيە ياۋرو رايونى ۋە شېنگېن رايونىغا بىرلا ۋاقىتتا كىرىپ، ياۋرو رايونىدىكى 20-ئەزا دۆلەت ۋە شېنگېن رايونىدىكى 27-ئەزا دۆلەتكە ئايلاندى.