رۇسىيە-ئۇكرائىنا توقۇنۇشى يەنىلا ئۇچرىشىش لىنىيەسىنى بويلاپ داۋاملاشماقتا، گېرمانىيە ھۆكۈمىتى ئۇكرائىنانى «يىلپىز 2» تىپلىق تانكا بىلەن تەمىنلەشنى خالىمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى
رۇسىيە-ئۇكرائىنا توقۇنۇشى يەنىلا ئۇچرىشىش لىنىيەسىنى بويلاپ داۋاملاشماقتا، گېرمانىيە ھۆكۈمىتى ئۇكرائىنانى «يىلپىز 2» تىپلىق تانكا بىلەن تەمىنلەشنى خالىمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى
رۇسىيە-ئۇكرائىنا توقۇنۇشى يەنىلا ئۇچرىشىش لىنىيەسىنى بويلاپ داۋاملاشماقتا. رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى 1-ئاينىڭ 9-كۈنى رۇسىيە ئارمىيەسى كۇپىيانسك قاتارلىق جايلاردا ئۇكرائىنانىڭ ھەربىي قورال - ياراغلىرىنى ۋەيران قىلدى، دېدى. ئۇكرائىنا بولسا، ئۇكرائىنا ئارمىيەسىنىڭ رۇسىيە خادىملىرى مەركەزلەشكەن نۇرغۇن رايونغا زەربە بەرگەنلىكىنى بىلدۈردى. رۇسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ 1-ئاينىڭ 9-كۈنىدىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، رۇسىيە ئەمەلدارى رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنانىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرىغا مەسئۇل ئەمەلدارلىرىنىڭ 1-ئاينىڭ 12-كۈنىدىن 14-كۈنىگىچە تۈركىيەدە ئۇچرىشىدىغانلىقىنى، بۇنىڭدىن باشقا، رۇسىيە-ئۇكرائىنا توقۇنۇشى يۈز بەرگەندىن بۇيان، 5 مىليون 100 مىڭدىن ئارتۇق مۇساپىرنىڭ رۇسىيە چېگراسىغا كىرگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
گېرمانىيە فېدېراتسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ باياناتچىسى خېبىشترايت 1-ئاينىڭ 9-كۈنى، فېدېراتسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ نۆۋەتتە ئۇكرائىنانى «يىلپىز 2» تىپلىق ئاساسىي ئۇرۇش تانكىسى بىلەن تەمىنلەش ئويى يوق دېگەن.
تەرجىمان: بەختىيار تۇردى