ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئىقتىسادنىڭ چېكىنىشى ئامېرىكىدىكى ئاساسلىق بانكىلارنىڭ نەتىجە مۆلچەرىگە توسالغۇ بولدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2023-01-17 16:38

ئامېرىكىدىكى ئاساسلىق بانكىلار 1-ئاينىڭ 13-كۈنى 2022-يىللىق 4-پەسىللىك نەتىجىنى ئېلان قىلدى، ئامېرىكا ئىقتىسادىنىڭ چېكىنىش مۆلچەرىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، بانكىلار ئومۇميۈزلۈك كىرېدىت زىيىنى تەييارلىق فوندىنى كۆپەيتكەنلىكتىن، نەتىجە مۆلچەرىگە روشەن تەسىر كۆرسەتتى. مورگان چاس بانكىسى 2022-يىلى 4- پەسىلدە 2 مىليارد 288 مىليون ئامېرىكا دوللىرى كىرېدىت زىيىنى تەييارلىق فوندى ئاجراتتى، بۇ ئالدىنقى پەسىلدىكى 1 مىليارد 537 مىليون ئامېرىكا دوللىرىدىن كۆپ. مورگان چاس مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ پەسىلدە ئىستېمالچىلار كەسپى بۆلىكى ۋە توپ تارقىتىش كەسپى بۆلىكىدە ئايرىم ئايرىم ھالدا بىر مىليارد ئامېرىكا دوللىرى ۋە 343 مىليون ئامېرىكا دوللىرى كىرېدىت زىيىنى تەييارلىق فوندى ساپ ئاشتى. مورگان چاس گۇرۇھىنىڭ باش مالىيە ئەمەلدارى جېرىم بانام 1-ئاينىڭ 13-كۈنى ئامېرىكا ئىقتىسادىنىڭ چېكىنىشى 2023-يىلى 4-پەسىلدە كۆرۈلۈشى، ئىشسىزلىق نىسبىتى %4.9كە يېتىشى مۇمكىن دېدى. ئامېرىكا بانكىسى 2022-يىلى 4-پەسىلدە 1 مىليارد 92 مىليون ئامېرىكا دوللىرى كىرېدىت زىيىنى تەييارلىق فوندى ئاجراتتى، بۇ ئالدىنقى پەسىلدىكى 898 مىليون ئامېرىكا دوللىرىدىن كۆپ، 2021-يىلى 4-پەسىلدە 489 مىليون ئامېرىكا دوللىرى كىرېدىت زىيىنى تەييارلىق فوندى قويۇپ بەردى. ئامېرىكا بانكىسىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى برايىن موينىخان شۇ كۈنى ئامېرىكا ئىقتىسادىدا مۆتىدىل چېكىنىش كۆرۈلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۈمىدسىز مۆلچەرلىگەندە، ئامېرىكىنىڭ ئىشسىزلىق نىسبىتى 2023-يىلىنىڭ بېشىدا %5.5كە يېتىدۇ، ھەمدە 2024-يىلىنىڭ ئاخىرىدا يەنىلا %5 ياكى تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەنى ساقلاپ قالىدۇ. سىتى گۇرۇھىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى جېين فرازېر ئامېرىكىنىڭ 2023-يىلى 2-پەسىلدە ئىقتىسادىنىڭ مۆتىدىل چېكىنىدىغانلىق مۆلچەرىنى ساقلاپ قالىدىغانلىقى بىلدۈردى. كىرېدىت زىيىنى ۋە كىرېدىت زىيىنى تەييارلىق فوندى ئاشقانلىقتىن، سىتى گۇرۇھىنىڭ 2022-يىلى 4-پەسىلدىكى كىرېدىت ئومۇمىي تەننەرخى 1 مىليارد 845 مىليون ئامېرىكا دوللىرى بولۇپ، ئالدىنقى ئايدىكىدىن %35 ئاشقان. ۋېللىس فارگو بانكىسى 2022-يىلى 4-پەسىلدە 957 مىليون ئامېرىكا دوللىرى كىرېدىت زىيىنى تەييارلىق فوندى ئاجراتتى، بۇ ئالدىنقى پەسىلدىكى 784 مىليون ئامېرىكا دوللىرىدىن كۆپ، 2021-يىلى 4-پەسىلدە 452 مىليون ئامېرىكا دوللىرى قويۇپ بەردى. مورگان چاس شىركىتىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى جېم دامون ئۇقتۇرۇشتا، گەرچە ئامېرىكا ئىقتىسادى ھازىر يەنىلا كۈچلۈك بولسىمۇ، لېكىن جۇغراپىيەلىك سىياسىي جىددىيلىك ۋە مىسلى كۆرۈلمىگەن مىقدارلاشقان قىسىش قاتارلىق پايدىسىز ئامىللارنىڭ ئاخىرقى تەسىرى تېخى ئېنىق ئەمەس، دېدى. سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكا ئىقتىسادى 2022-يىلى 1- ۋە 2- پەسىلدە ئاجىزلىغان، شۇ يىلى 3-پەسىلدە يىللىق نىسبەت بويىچە %3.2 ئاشقان، ئىشسىزلىق نىسبىتى 2022-يىلى 12-ئايدا %3.5كە تۆۋەنلىگەن. شىۋېيتسارىيە بانكىسى گۇرۇھىنىڭ بايلىق باشقۇرۇش يەر شارى باش مەبلەغ سېلىش ئەمەلدارى مارك خېفېل مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئامېرىكا كارخانىلىرىنىڭ نەتىجىسى ئامېرىكا قوشما ئىشتات زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ 2022-يىلى ئۆسۈم قوشۇش تەسىرىنى تېخى تولۇق ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرەلمىدى، 2022-يىلى 4-پەسىللىك مالىيە دوكلاتى ھەقىقىي ئەھۋال بىلەن تەمىنلەيدۇ.

خېفېل مۇنداق دېدى: ئامېرىكا قوشما ئىشتات زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ رادىكال ئۆسۈم قوشۇشى، يۇقۇم ۋەزىيىتىنىڭ ئۆزگىرىشى، ئامېرىكا دوللىرىنىڭ يۈزلىنىشى ۋە ئەمگەك كۈچى تەننەرخىنىڭ ئېشىشى قاتارلىق پايدىسىز ئامىللار يېتەرلىك كۈچلۈك بولغاچقا، ئۆلچەملىك پور 500 كۆرسەتكۈچى شىركىتىنىڭ 2022-يىلى 4-پەسىلدىكى ئومۇمىي پايدىسى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئاشمايدۇ.

تەرجىمان: بەختىيار تۇردى

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ئىقتىسادنىڭ چېكىنىشى ئامېرىكىدىكى ئاساسلىق بانكىلارنىڭ نەتىجە مۆلچەرىگە توسالغۇ بولدى

ئامېرىكىدىكى ئاساسلىق بانكىلار 1-ئاينىڭ 13-كۈنى 2022-يىللىق 4-پەسىللىك نەتىجىنى ئېلان قىلدى، ئامېرىكا ئىقتىسادىنىڭ چېكىنىش مۆلچەرىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، بانكىلار ئومۇميۈزلۈك كىرېدىت زىيىنى تەييارلىق فوندىنى كۆپەيتكەنلىكتىن،