ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

زور سوممىلىق قورال-ياراغ زاكازى ئامېرىكىنىڭ «جەڭ مېۋىسى» ياۋروپانىڭ «ئاچچىق مېۋىسى»

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2023-01-17 17:03

ئامېرىكا «دىپلوماتىيە سىياسىتى» ژۇرنىلىنىڭ يېقىندا خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى دۆلەت مۇداپىئە خەۋپسىزلىكى ئىدارىسىنىڭ بىر سانلىق مەلۇمات دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2022-يىلى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر رۇسىيە- ئۇكرائىنا ۋەزىيىتى سەۋەبىدىن زور مىقداردا قورال-ياراغ زاپاس ساقلىغاچقا، ئامېرىكا شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىدىكى ئىتتىپاقداشلىرىغا سېتىپ بېرىشنى تەستىقلىغان قورال-ياراغلارنىڭ سانى ۋە باھاسى 2021-يىلىدىكىدىن بىر ھەسسە دېگۈدەك قاتلانغان، ئاساسلىق قورال-ياراغ سېتىش تۈرى 24كە ، قىممىتى تەخمىنەن 28 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەن، بۇنىڭ ئىچىدە كەلگۈسىدە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەت فىنلاندىيەگە بىر مىليارد 240 مىليون ئامېرىكا دوللىرى قىممىتىدىكى قورال سېتىپ بېرىش تۈرىمۇ بار ئىكەن.

ياۋروپادىكى ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ قورال-ياراغ زاكازى ئارقا-ئارقىدىن كەلگەنلىكتىن، ئامېرىكا قورال-ياراغ سودىگەرلىرى نۇرغۇن پۇل تاپتى. چەت ئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا ھەربىي سانائەت كارخانىلىرىنىڭ پايدىسىدا 2022-يىلى رېكورت يارىتىلغان، نۇرغۇن كارخانىلارنىڭ پاي باھاسى يىل ئاخىرىدا تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى نۇقتىغا يەتكەن ياكى يېقىنلاشقان. ئۆتكەن 12 ئايدا ئامېرىكىدىكى چوڭ تىپتىكى ھەربىي سانائەت كارخانىسى بولغان نوسلوپ گرۇمان شىركىتى، لوكشىد مارتېن شىركىتى ۋە رايزون تېخنىكا شىركىتىنىڭ پېيى ئايرىم-ئايرىم %40، 37%، 17% ئۆرلىگەن.

ئامېرىكا ھەربىي سانائەت بىرىكمە گەۋدىسى «شامپان ئېچىپ تەبرىكلەش» بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئاتلانتىك ئوكياننىڭ قارشى قىرغىقىدىكى ياۋروپا يۇتۇش تەس بولغان ئاچچىق مېۋە يېمەكتە.

زور سوممىلىق ھەربىي خىراجەت چىقىمى ياۋروپادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ مالىيە يۈكىنى يەنىمۇ ئېغىرلاشتۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ ئەسلىگە كېلىش مۇساپىسىنى قالايمىقانلاشتۇرىۋەتتى. ئامېرىكا ۋە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى بېكىتكەن دۆلەت مۇداپىئە چىقىمى ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ %2گە يېتىدىغان «قاتتىق كۆرسەتكۈچ»نى قاندۇرۇش ئۈچۈن، نۇرغۇن ياۋروپا دۆلەتلىرى پۇل پاخاللىقى يۇقىرى، مالىيە قىيىنچىلىقى بولغان شارائىتتا ھەربىي خىراجەتنى كۆپەيتىشكە مەجبۇر بولدى، بۇنىڭ خېلى بىر قىسمى ئامېرىكىنىڭ قورال-ياراغلىرىنى سېتىۋېلىشقا ئىشلىتىلدى. گېرمانىيە پارلامېنتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ 10 مىليارد ياۋرو سەرپ قىلىپ لوكشىد مارتېن شىركىتى ياسىغان F-35 كۈرەشچى ئايروپىلاننى سېتىۋېلىشىنى تەستىقلىدى، شىۋېيتسارىيە، ئەنگلىيە، پولشا قاتارلىق دۆلەتلەرمۇ بۇ تىپتىكى كۈرەشچى ئايروپىلاننى سېتىۋېلىش يۇقىرى سوممىلىق زاكازىغا ئىمزا قويدى. 2022-يىلىدىن بۇيان، ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى ئېستونىيە، نورۋېگىيە، فىنلاندىيە قاتارلىق ياۋروپادىكى نۇرغۇن دۆلەتلەرگە قورال-ياراغ سېتىپ بېرىشنى تەستىقلىدى. ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى كۆزەتكۈچىلەر تور بېكىتى مەسخىرە قىلىپ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئەسلىدە ئىجتىمائىي مۇلازىمەت قاتارلىق ساھەلەرگە مەبلەغ سېلىشقا بولىدىغان غايەت زور مەبلەغ تەتقىق قىلىپ ياساش ۋە قورال سېتىۋېلىشقا ئىشلىتىلدى. ھالبۇكى، ياۋروپانىڭ خەۋپسىزلىكى ھەربىي سانائەت كارخانىلىرى ۋە ئۇنىڭغا مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ پايدىنى ئاساس قىلىش ئارزۇسى ئۈستىگە قۇرۇلماقتا، بۇ كەلگۈسىدىكى ئۇرۇشنىڭ ئەۋج ئېلىشىغا سەۋەبچى بولىدۇ ھەم ئىنسانىيەتنىڭ ئازاب-ئوقۇبىتىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ.

ئامېرىكا شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ئارقىلىق خەۋپسىزلىك ئەندىشىسىگە پېتىپ قالغان ياۋروپانى ئۆزىنىڭ «ئۇرۇش ئاپتوموبىلى»غا چىقىرىپ، ياۋروپانىڭ ئىستراتېگىيەلىك مۇستەقىللىق مۇساپىسىنى زور زەربىگە ئۇچراتتى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك مۇستەقىللىقىنى كۈچەيتىشنى تەشەببۇس قىلىش ساداسى ئىزچىل يۇقىرى بولدى. ئۇكرائىنا كىرىزىسىدىن بۇيان، ئامېرىكا ياۋروپانى دىپلوماتىيە، ھەربىي ئىشلار، ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەش قاتارلىق كۆپ ساھەلەردە قامال قىلىشنى كۈچەيتتى، ياۋروپانىڭ ئىستراتېگىيەلىك مۇستەقىللىقنى قولغا كەلتۈرۈش ھەرىكىتى زور دەرىجىدە چەكلىمىگە ئۇچرىدى. ئامېرىكا ياۋروپاغا يۇقىرى سوممىلىق ھەربىي قورال-ياراغ سېتىپ بېرىشكە تايىنىپ، بىر تەرەپتىن شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ئارقىلىق ياۋروپانىڭ كوللېكتىپ خەۋپسىزلىكىنى قوغداشقا ۋەدە بېرىپ، ياۋروپانى كونترول قىلىشنى كۈچەيتتى؛ يەنە بىر تەرەپتىن ئاتالمىش «رىقابەتچى» تەھدىتىنى كۈچەپ مۇبالىغە قىلىپ، رۇسىيە بىلەن ياۋروپا ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتنى كۆپتۈرۈپ، ياۋروپادا بۆلگۈنچىلىك ۋە قارشىلىشىش پەيدا قىلدى ھەمدە رۇسىيەنى يەنىمۇ چەكلىدى. تېگى-تەكتىدىن ئېيتقاندا، ئامېرىكا ئۆزىنىڭ رۇسىيەنى بېسىش، ياۋروپانى ئىسكەنجىگە ئېلىش، ھەربىي سانائەت گۇرۇھىنى قوللاشتەك كۆپ خىل شەخسىي مەنپەئەتىنى ئىشقا ئاشۇرماقچى بولدى. ئەنگلىيە iNew تور بېكىتىنىڭ ماقالىسىدا مۇنداق دېيىلدى:ئامېرىكا ئۇكرائىنا كىرىزىسىنى «گۇماشتىلار ئۇرۇشى»غا ئايلاندۇرۇپ قويدى--ھېچقانداق ئامېرىكا ئەسكىرى تالاپەتكە ئۇچرىمىغان ئەھۋالدا ئېلىپ بېرىلىدىغان ئۇرۇشتا، ئامېرىكا پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئۇستىلىق بىلەن بۇلاڭ-تالاڭ قىلدى، ياۋروپانى قۇرۇقداپ قويدى.

ئامېرىكا ئۇكرائىنا كىرىزىسىدە داۋاملىق ئوت ئۈستىگە ياغ چېچىپ، ياۋروپانىڭ خەۋپسىزلىك ئەھۋالىنى تېخىمۇ كۈچەيتىۋەتتى. بۈگۈنكى كۈندە، رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنانىڭ جىددىي ۋەزىيىتى تېخى پەسەيمىدى، تاشقى خەۋپ-خەتەر داۋاملىق گەۋدىلەندى، ياۋروپا ئېنېرگىيە كىرىزىسى، ئاشلىق كەمچىل بولۇش، مۇساپىرلار كۆپىيىش، ئىقتىسادىي كاساتچىلىق قاتارلىق كۆپ خىل خىرىسقا دۇچ كەلدى، ئەنئەنىۋى خەۋپسىزلىك بىلەن غەيرىي ئەنئەنىۋى خەۋپسىزلىك تەھدىتى گىرەلىشىپ كەتتى. ئەمما، ئامېرىكا «چوڭ دۆلەتلەرنىڭ ئىستراتېگىيەلىك تەھدىتى»، «رايون كىرىزىسىنى ھەل قىلىش» قاتارلىقلارنى باھانە قىلىپ، قورال-ياراغ ئېكسپورت زاكازىنى داۋاملىق كېڭەيتىپ، ياۋروپانىڭ خەۋپسىزلىك ۋەزىيىتىنى قالايمىقانلاشتۇردى. ئامېرىكا ھەربىي سانائەت گۇرۇھىنىڭ نەزىرىدە پەقەت مەنپەئەتلا بار: «ئامېرىكا ئۇرۇش ئارقىلىق پۇل تاپىدۇ». ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە سانائىتىنى ھۆددىگە ئالغۇچى سودىگەر ھەممىباب ئېنېرگىيە شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى نوۋاكوۋىچ ھەتتا ئاشكارا ئىپادە بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: 2022-يىلى ئىنتايىن ياخشى باشلىنىش بولدى، گەرچە ئىنسانلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، دۇنيا بارغانسېرى خەتەرلىك بولۇپ قالغان بولسىمۇ، لېكىن بىز ئېھتىياجنىڭ مۇقىم ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت ياخشى سىگنالنى ئاڭلاۋاتىمىز.

ياۋروپاغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ھەقىقىي خەۋپسىزلىك ھەرگىزمۇ ئامېرىكا شەخسىي مەنپەئەتى ئۈچۈن قۇرغان قارشىلىشىش لاگېرىدىن ئەمەس، بەلكى تەڭپۇڭ، ئۈنۈملۈك، ئىمكانىيەتلىك سىجىل رايون خەۋپسىزلىك رامكىسىدىن كېلىدۇ، سەگەك ھۆكۈم ۋە كۈچلۈك ئۇيۇشۇش كۈچى بىلەن «ئىستراتېگىيەلىك ئۆز ئالدىغا ئىش كۆرۈش» يولىغا قايتىش-قايتماسلىق ياۋروپانىڭ ئالدىغا قويۇلغان چوقۇم جاۋاب بېرىشكە تېگىشلىك مەسىلە بولۇپ قالدى.

تەرجىمان: ئىمىنجان ئىسمايىل

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

زور سوممىلىق قورال-ياراغ زاكازى ئامېرىكىنىڭ «جەڭ مېۋىسى» ياۋروپانىڭ «ئاچچىق مېۋىسى»

2022-يىلى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر رۇسىيە- ئۇكرائىنا ۋەزىيىتى سەۋەبىدىن زور مىقداردا قورال-ياراغ زاپاس ساقلىغاچقا، ئامېرىكا شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىدىكى ئىتتىپاقداشلىرىغا سېتىپ بېرىشنى تەستىقلىغان قورال-ياراغلارنىڭ سانى ۋە باھاسى 2021-يىلىدىكىدىن بىر ھەسسە دېگۈدەك قاتلانغان