كىرودىيە زۇڭتۇڭى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ ئۇكرائىنانى جانغا زامىن بولغۇچى قورال بىلەن تەمىنلىشىگە قارشى تۇردى
شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەت كىرودىيە زۇڭتۇڭى مىلانوۋىچ 1-ئاينىڭ 30-كۈنى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىدىكى نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ ئۇكرائىنانى ئاساسىي جەڭ تانكىسى قاتارلىق جانغا زامىن بولغۇچى قوراللار بىلەن تەمىنلىشىگە قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ: بۇ قوراللارنى بېرىش پەقەت توقۇنۇشنى ئۇزارتىۋېتىدۇ، دەپ كۆرسەتتى.
مىلانوۋىچ توقۇنۇشنى ئۇزارتىۋېتىش ياۋروپانى بەدەل تۆلەتكۈزىدۇ، زىيانغا ئۇچرىتىدۇ، ئەمما ئامېرىكا ھېچقانداق زىيانغا ئۇچرىمايدۇ، دېدى. مىلانوۋىچ گېرمانىيەنىڭ ئۇكرائىنانى «يىلپىز» ناملىق ئاساسىي جەڭ تانكىسى بىلەن تەمىنلەشنى قارار قىلغانلىقىغا قارىتا: نۇرغۇن گېرمانىيەلىكلەر بۇ ئۇسۇلنى ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس دەپ قارايدۇ، دەپ كۆرسەتتى.
تەرجىمان: پاتىگۈل مەمەت