ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ياپونىيە جۇڭگو «ئىقتىسادىي تەھدىت» دەپ داۋراڭ سېلىپ نېمىنى كۆزلىمەكچى؟

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2023-02-02 08:38

2023-يىلىدىن باشلاپ، يەتتە دۆلەت گۇرۇھىنىڭ نۆۋەتچى رەئىسى بولغان ياپونىيەنىڭ دىپلوماتىيە ھەرىكىتى بارغانسېرى كۆپەيدى. ياپونىيەنىڭ باش ۋەزىرى فۇمىئو كىشىدا ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ فىرانسىيە، ئىتالىيە، ئەنگلىيە، كانادا، ئامېرىكا قاتارلىق بەش دۆلەتتە زىيارەتتە بولدى. بۇنىڭدىن ئىلگىرى، ياپونىيەنىڭ ئىقتىساد كەسپى ۋەزىرى ياسۇنورى نىشىمۇرا ئامېرىكىدا زىيارەتتە بولۇپ، نۇرغۇن سورۇنلاردا ئاتالمىش «جۇڭگو تەھدىتى»نى ھەدەپ تەرغىب قىلىپ، جۇڭگونىڭ قىسمەن سودا ھەمراھلىرىغا «ئىقتىسادىي تەھدىت» سېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، «ئىتتىپاقلىشىپ» جۇڭگونى توسۇشىمىز كېرەك دەپ داۋراڭ سېلىپ، يەتتە دۆلەت گۇرۇھىنى بۇ يىل ماسلىشىپ ھەرىكەت قوللىنىشقا كۈشكۈرتۈپلا قالماستىن، بەلكى يەنە تېخىمۇ ئوچۇق-ئاشكارا ھالدا، بىز ياخشى تەييارلىق قىلىپ، تەھدىت سالماقچى بولغان ئاشۇ دۆلەتلەرنىڭ يېتەرسىزلىكلىرىنى ئېنىقلىشىمىز، ئاندىن زۆرۈر تېپىلغاندا قارشى تەدبىر قوللىنىشىمىز كېرەك دېدى.

ياپونىيەنىڭ ئالىي ئەمەلدارلىرى نۇرغۇن دىپلوماتىيە سورۇنلىرىدا «ئىقتىسادىي تەھدىت»نى ئېغىزىدىن چۈشۈرمىدى، بۇ-ئىتتىپاقدىشى ئامېرىكىغا «ساداقەتمەنلىكىنى بىلدۈرۈش» ئۈچۈنمۇ ياكى ئۆزىنىڭ قارا نىيىتىنى «قوغداش» ئۈچۈنمۇ؟ ياپونىيەنىڭ «ئىقتىسادىي تەھدىت» دەپ داۋراڭ سېلىشىنىڭ ئارقىسىدىكى غەرىزىنى چوڭقۇر سۈرۈشتۈرۈپ بېقىشقا ئەرزىيدۇ.

ياپونىيەنىڭ يېقىندىن بۇيانقى دۆلەت ئىستراتېگىيەسىنى تەڭشىشىدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ياپونىيەنىڭ جۇڭگونى «ئىقتىسادىي تەھدىت» دەپ داۋراڭ سېلىشى بىلەن فۇمىئو كىشىدا ھۆكۈمىتى تەكىتلىگەن ئىقتىساد بىخەتەرلىكىنى قوغداش مېخانىزمى تومۇرداش. فۇمىئو كىشىدا ھۆكۈمىتى ئىقتىساد بىخەتەرلىكىنى قوغداشنى تەكىتلىدى ھەم ئىقتىساد بىخەتەرلىكىنى قوغداشنى تۇنجى قېتىم دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ھۆججىتىگە كىرگۈزۈپ، نۆۋەتتىكى ياپونىيە ئىچكى ئىشلار دىپلوماتىيەسىنىڭ بىر يۈرۈش ھەرىكەتلىرىگە ئاساس سالماقچى بولدى. ياپونىيە ئىقتىساد بىخەتەرلىكىنى قوغداش تەدبىرىنى يولغا قويۇش ئۈچۈن، جۇڭگونى «قىياسىي دۈشمەن» دەپ قاراپ كەلدى. 2022-يىلى 4-ئايدا ئېلان قىلىنغان ياپونىيەنىڭ يېڭى نۇسخىدىكى «دىپلوماتىيە كۆك تاشلىق كىتابى»دا، ياپونىيە-ئامېرىكا، ياپونىيە-ئاۋسترالىيە ۋە ياپونىيە-ياۋروپا قاتارلىق ئىقتىساد بىخەتەرلىكىنى قوغداش ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، «جۇڭگونىڭ تەسىرىنى ئازايتىدىغان» تەمىنات زەنجىرى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىش كېرەك دەپ تەكىتلەندى. شۇ يىلى 6-ئايدا، ياپونىيە ئىقتىساد كەسپى ۋازارىتى ئېلان قىلغان «سودا ئاق تاشلىق كىتابى»دىمۇ، يېرىم ئۆتكۈزگۈچ، ئاككۇمۇلياتور قاتارلىق مۇھىم تۈرلەردە ئالاھىدە بەلگىلەنگەن دۆلەتكە تايىنىۋېلىشنى ئازايتىش كېرەك دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى. ياپونىيە تاراتقۇلىرى تەھلىل قىلىپ مۇنداق دېدى: بۇ قېتىم ياسۇنورى نىشىمۇرا ئامېرىكىدا زىيارەتتە بولغاندا، ئامېرىكا بىلەن ياپونىيە «جۇڭگو بىلەن رۇسىيەگە تاقابىل تۇرۇش»نى ئويلىشىپ، يېرىم ئۆتكۈزگۈچ ۋە بىيو پەن-تېخنىكا، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار، كىۋانتلىق ھېسابلاش قاتارلىق مۇھىم گۈللەنمە تېخنىكا ساھەسىدە ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرماقچى بولدى. شۇڭا، ياپونىيەنىڭ جۇڭگونى «ئىقتىسادىي تەھدىت» دەپ داۋراڭ سېلىشى ئېنىقكى، ياپونىيەنىڭ ئىقتىساد بىخەتەرلىكىنى قوغدىشى يوللۇق ئىش شۇنداقلا ياپونىيە بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئىقتىساد بىخەتەرلىكىنى قوغداش ساھەسىدىكى ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىشى ئەقىلگە مۇۋاپىق دېگەننى مەقسەت قىلىدۇ.

ياپونىيەنىڭ ئىزچىل يولغا قويۇپ كەلگەن دىپلوماتىيە پوزىتسىيەسىنى كۆزىتىشتىن شۇنى كۆرۈۋېلىش تەس ئەمەسكى، ياپونىيەنىڭ جۇڭگونى «ئىقتىسادىي تەھدىت» دەپ داۋراڭ سېلىشى ئەمەلىيەتتە ئامېرىكىنىڭ جۇڭگونى توسۇش قىلمىشىنى دورىغانلىق. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، «ئىقتىسادىي تەھدىت» ئامېرىكا قاتارلىق بەزى غەرب دۆلەتلىرىنىڭ جۇڭگوغا بوھتان چاپلاشتىكى ئادەتلەنگەن سۆزى بولۇپ قالدى. يېقىندا، ئامېرىكىنىڭ مۇئاۋىن دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى شېمان ئامېرىكا-ياۋروپا يۇقىرى قاتلام سۆزلىشىشىدە، جۇڭگونى باشقا دۆلەتلەرگە «ئىقتىسادىي تەھدىت» سالدى دەپ ئەيىبلىدى. بۇنىڭدىن ئىلگىرى، يەتتە دۆلەت گۇرۇھى سۆھبىتىدە، ئامېرىكا جۇڭگو «ئىقتىسادىي تەھدىت سالدى» دېگەن سۆزنى ئارقا-ئارقىدىن تىلغا ئالدى. ئۆزىنى ئامېرىكىنىڭ بەك يېقىن ئىتتىپاقدىشى دەپ قارايدىغان ياپونىيە يەتتە دۆلەت گۇرۇھىنىڭ نۆۋەتچى رەئىسى بولغان مەزگىلدە، ئامېرىكا قاتارلىق غەرب دۆلەتلىرى ئويدۇرۇپ چىقارغان جۇڭگوغا چېتىشلىق يالغان-ياۋىداق گەپلەرنى داۋاملىق تارقىتىپ، بۇ ئارقىلىق جۇڭگونى توسۇش جەھەتتە بەزى ئىشلارنى قىلىپ، ياپونىيەنىڭ خەلقئارا ئىشلاردىكى رەھبەرلىك ئىقتىدارى ۋە تەسىر كۈچىنى نامايان قىلىشقا ئۇرۇندى.

قارىماققا، ياپونىيە ئامېرىكىغا ماسلىشىپ، جۇڭگو «ئىقتىسادىي تەھدىت» دەپ داۋراڭ سېلىپ، ئۆزىنىڭ تەسىرىنى كۈچەيتىشكە ئۇرۇنۇۋاتقاندەك قىلىدۇ. ھالبۇكى، ياپونىيەنىڭ جامائەت پىكرىنى قايمۇقتۇرىدىغان بۇ بىمەنە خىيالى ياپونىيەنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي زىددىيەتلەرنى ھەقىقىي ھەل قىلىپ، خەلقئارادىكى ئىناۋىتىنى ئۆستۈرۈشىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئاقىۋىتىنى ئويلىماي ئىش قىلغانغا باراۋەر.

ياپونىيە سانائەت مىنىستىرلىقى يېقىندا ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتقا قارىغاندا، ياپونىيەنىڭ سانائەت مەھسۇلاتى ئۇدا ئۈچ ئاي تۆۋەنلەپ، تارىيىش ھالىتىگە چۈشۈپ قالغان. ياپونىيە تاراتقۇلىرىنىڭ تەھلىل قىلىشىچە، سانائەت مەھسۇلاتىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەب-يەتكۈزۈش تاسمىسى، كىران ھەم ئۆزەك ۋە تەكشى ئېكران ياساشقا ئىشلىتىلىدىغان ئۈسكۈنىلەر مەھسۇلاتىنىڭ ئازىيىپ كەتكەنلىكىدە ئىكەن. سانائەت مەھسۇلاتىنىڭ «ئازىيىشى»دىن باشقا، ياپونىيەنىڭ سودا ئېكسپورتىمۇ پەسكويغا چۈشۈپ قالغان. مۇشۇنداق ئىقتىساد قىيىن ئەھۋالدا، ياپونىيە جۇڭگو «ئىقتىسادىي تەھدىت» دەپ داۋراڭ سېلىپ، ئاتالمىش «بىخەتەرلىك»نى زورلۇق بىلەن يولغا قويۇش ئارقىلىق، جۇڭگو بىلەن بولغان ئىقتىساد-سودا، پەن-تېخنىكا ھەمكارلىقىغا توسقۇنلۇق قىلىپ، جۇڭگو بىلەن «مۇناسىۋەتنى ئۈزۈش»كە ئۇرۇندى، قارىماققا، ئامېرىكىغا سادىق بولغاندەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمەلىيەتتە، بۇ- جۇڭگو بىلەن ياپونىيەنىڭ نورمال ئىقتىساد-سودا ئالاقىسىگە زىيان يەتكۈزۈپلا قالماستىن، بەلكى يەنە ئۆز دۆلىتىنىڭ ئالاقىدار ساھەلەردىكى كەسىپ زەنجىرى، تەمىنات زەنجىرىنىڭ ساغلام يۈرۈشۈشىگە تېخىمۇ زىيان يەتكۈزىدۇ.

ئامېرىكا «ئىقتىسادىي تەھدىتى»نىڭ ئىلگىرىكى زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغۇچى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ياپونىيە شۇنى بىلىشى كېرەككى، ئامېرىكا ئۆزىنىڭ ئىقتىسادىي زومىگەرلىكىنى ساقلاپ قېلىش، ئۆز دۆلىتىنىڭ مەنپەئەتىنى قوغداش ئۈچۈن، ھەر قانداق ئەسكىلىكتىن يانمايدۇ. ياپونىيە تارىخنى ئەينەك قىلغان ھالدا ياخشى ئويلىنىشى كېرەك، ئامېرىكىغا قارىغۇلارچە ئەگىشىپ، جۇڭگونى توسىدىغان يالغان-ياۋىداق گەپلەرنى توقۇپ چىقىپ، جۇڭگو-ياپونىيە ھەمكارلىقىنى توسۇپ، خەلقئارا ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىق قائىدىسىگە خىلاپلىق قىلسا، ئاخىرىدا باشقىلارغا زىيان سالىدۇ، ئۆزىگىمۇ پايدا ئېلىپ كېلەلمەيدۇ.

تەرجىمان: ئابدۇللا موللا

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ياپونىيە جۇڭگو «ئىقتىسادىي تەھدىت» دەپ داۋراڭ سېلىپ نېمىنى كۆزلىمەكچى؟

2023-يىلىدىن باشلاپ، يەتتە دۆلەت گۇرۇھىنىڭ نۆۋەتچى رەئىسى بولغان ياپونىيەنىڭ دىپلوماتىيە ھەرىكىتى بارغانسېرى كۆپەيدى.