ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئافرىقا چوڭ دۆلەتلەرنىڭ كۈچ سىنىشىش مەيدانى بولماستىن، بەلكى خەلقئارا ھەمكارلىق چوڭ سەھنىسى بولۇشى كېرەك

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2023-02-06 09:47

ئۆتكەن يىلنىڭ ئاخىرىدا، ئامېرىكا-ئافرىقا باشلىقلار يىغىنى ئارىدىن سەككىز يىل ئۆتۈپ يەنە ئېچىلدى، ئارقىدىن ئامېرىكىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى ئارقا-ئارقىدىن ئافرىقىنى زىيارەت قىلدى. ئالدى بىلەن ئامېرىكىنىڭ مالىيە مىنىستىرى جېنىت يېلېن 1-ئاينىڭ 20-كۈنىدىن باشلاپ سېنېگال، زامبىيە، جەنۇبىي ئافرىقىدا زىيارەتتە بولدى، كېيىن ئامېرىكىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا دائىمىي تۇرۇشلۇق ۋەكىلى، ئافرىقىلىقلار ئەۋلادىدىن بولغان دىپلوماتىيە ئەمەلدارى لىندا توماس گرېنفېلد 1-ئاينىڭ 25-كۈنىدىن باشلاپ گانا، موزامبىك، كېنىيەدە زىيارەتتە بولدى.

ئامېرىكىنىڭ بۇ بىر قاتار ھەرىكەتلىرى «ئافرىقىغا قايتىش» سىگنالىنى يەتكۈزمەكچى بولغاندەك قىلسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ ھەقىقىي مەقسىتى ئافرىقا بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇپ، ئافرىقىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش بولماستىن، بەلكى «جۇڭگونىڭ ئافرىقىدىكى تەسىر كۈچىگە تاقابىل تۇرۇش» ئۈچۈندۇر.

ئامېرىكا ئەمەلدارلىرى زىيارەت جەريانىدا ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ قەرز يۈكى قاتارلىق تېمىلارنى قايتا-قايتا تىلغا ئېلىپ، جۇڭگو-ئافرىقا مۇناسىۋىتىنى بۇزۇشقا ئۇرۇندى. ئەمەلىيەتتە، كىم ئافرىقا بىلەن بولغان ھەمكارلىققا ھەقىقىي ئەھمىيەت بەردى، كىم ئافرىقىنىڭ تەرەققىياتىغا چىن كۆڭلىدىن ياردەم بەردى، كىم ئافرىقا خەلقىنىڭ بەخت-سائادىتىنى ئاشۇرۇشقا ھەقىقىي كۈچ چىقاردى، ئافرىقا خەلقىنىڭ قەلبىدە بۇ ھەقتە ئېنىق سان بار، ئۇلارنىڭ سۆز قىلىش ھوقۇقى ئەڭ چوڭ.

ئەمەلىيەتتە، ئامېرىكا ئەمەلدارلىرى ئافرىقىنى زىيارەت قىلىش سەپىرىدە، ئايروپىلان قونىدىغان ئايرودۇرۇم، ئاپتوموبىل ئەترىتى ئۆتىدىغان تاشيول، كۆۋرۈك قاتارلىقلارنىڭ كۆپىنچىسىنى جۇڭگو كارخانىلىرى ياساپ بەرگەن. ئەمما ئۇلار قېلىنلىق قىلىپ جۇڭگو بىلەن بولغان ھەمكارلىشىش «خەتەرلىك» دېدى، ھەتتا «تەھدىت» سېلىپ ئاگاھلاندۇردى، ئافرىقا خەلقى بۇنى ئېتىراپ قىلمىدى.

كۆپ يىللاردىن بۇيان، جۇڭگو-ئافرىقا ھەمكارلىقى ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ تەرەققىيات جىددىي ئېھتىياجىغا ماس كەلدى، بولۇپمۇ «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسىنىڭ تۈرتكىسىدە، جۇڭگو بىلەن ئافرىقىنىڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى ساھەسىدىكى ھەمكارلىقىدا مول نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، جۇڭگو-ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى قۇرۇلغان 23 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو كارخانىلىرى ئافرىقىغا 10 مىڭ كىلومېتىردىن ئارتۇق تۆمۈر يول، 100 مىڭ كىلومېتىرغا يېقىن تاشيول، مىڭغا يېقىن كۆۋرۈك، 100 گە يېقىن پورت ياسىغان ۋە دەرىجىسىنى ئۆستۈرگەن، يەنە نۇرغۇن دوختۇرخانا ۋە مەكتەپلەرنى سېلىپ بېرىپ، 4 مىليون 500 مىڭدىن ئارتۇق ئىش ئورنى يارىتىپ بەرگەن.

كېنىيە ئاقىللار ئامبىرى «رايون ھالقىغان ئىقتىساد تورى»نىڭ بۇلتۇر ئېلان قىلغان بىر تەكشۈرۈش دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، جۇڭگونىڭ ئافرىقا بىلەن بولغان ھەمكارلىقى ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، تېز تەدبىر بەلگىلەش ۋە قۇرۇلۇش تۈرلىرىنى ۋاقتىدا تاماملاش قاتارلىق جەھەتلەردە ئافرىقىلىق ئەربابلارنىڭ يۈكسەك ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشكەن. سانلىق مەلۇمات ۋە ئەمەلىيەت جۇڭگونىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق ئافرىقىنىڭ تەرەققىياتىغا ھەقىقىي تۆھپە قوشقانلىقىنى ئىسپاتلىدى.

ئامېرىكا ئەمەلدارلىرى زامبىيەدە زىيارەتتە بولغاندا ئافرىقىنىڭ قەرز مەسىلىسىنى تىلغا ئالدى ھەمدە جۇڭگوغا دارىتمىلاپ، باشقىچە غەرەزدە بولدى. ئەمەلىيەتتە، ئاتالمىش جۇڭگونىڭ ئافرىقىغا بولغان «قەرز تۇزىقى» دېيىش ئامېرىكا بىلەن غەربنىڭ سۆز قىلتىقى. جۇڭگونىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى چىن گاڭ يېقىندا ئافرىقىدا زىيارەتتە بولغاندا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئافرىقا قەرز مەسىلىسىنىڭ ماھىيىتى تەرەققىيات مەسىلىسى. ئافرىقا قەرز مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتا قەرزنى بىر تەرەپ قىلىش قاتارلىق ۋاسىتىلەر ئارقىلىق ھادىسىدىن تۈزەپلا قالماي، يەنە ماھىيەتتىن تۈزەپ، ئافرىقىنىڭ ئۆز ئالدىغا ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىي قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك. جۇڭگونىڭ ئافرىقا بىلەن بولغان مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ھەمكارلىقى ئاساسلىقى ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى ۋە ئىشلەپچىقىرىش خاراكتېرلىك ساھەلەرگە چېتىلىدۇ، بۇنىڭدا ئافرىقىنىڭ ئۆز ئالدىغا ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كۆزدە تۇتۇلغان. جۇڭگو باشتىن-ئاخىر ئافرىقىنىڭ قەرز بېسىمىنى يېنىكلىتىشىگە ياردەم بېرىشكە كۈچ چىقىرىپ، 20 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ قەرزنى كېچىكتۈرۈش تەشەببۇسىغا پائال قاتنىشىپ، 19 ئافرىقا دۆلىتى بىلەن قەرزنى كېچىكتۈرۈش كېلىشىمى ئىمزالىدى ياكى قەرزنى كېچىكتۈرۈش جەھەتتە ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى، جۇڭگو 20 دۆلەت گۇرۇھى ئەزالىرى ئىچىدە قەرزنى كېچىكتۈرۈش سوممىسىنى ئەڭ كۆپ ئەمەلىيلەشتۈرگەن دۆلەت ھېسابلىنىدۇ. جۇڭگو يەنە 20 دۆلەت گۇرۇھى ئورتاق رامكىسىدا چاد، ئېفىيوپىيە، زامبىيەنىڭ ئايرىم قەرزىنى بىر تەرەپ قىلىشقا پائال قاتناشتى.

دۇنيا بانكىسىنىڭ سىتاستىكا دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشچە، ئافرىقىنىڭ ئومۇمىي تاشقى قەرزى ئىچىدە، كۆپ تەرەپلىك پۇل مۇئامىلە ئورگانلىرى ۋە سودا ھەقدارلىرىنىڭ قەرزى تۆتتىن ئۈچ قىسىمنى ئىگىلىگەن بولۇپ، ئافرىقىنىڭ قەرزى ئىچىدە ئەڭ كۆپ. ئۇلار ئافرىقىنىڭ قەرز مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتا تېخىمۇ چوڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇشى كېرەك. ھەر قايسى تەرەپلەر «ئورتاق ھەرىكەت قىلىش، ئادىل ئۈستىگە ئېلىش» پىرىنسىپى بويىچە، ئافرىقىنىڭ قەرز بېسىمىنى يەڭگىللىتىش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشى، ھەرگىزمۇ قېلىنلىق قىلىپ باشقىلارنى ئەيىبلىمەسلىكى كېرەك.

ئافرىقا بىلەن بولغان ھەمكارلىقتا، جۇڭگو باشتىن-ئاخىر چىن، سەمىمىي بولۇش ئىدىيەسى ۋە توغرا مەنپەئەت قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق ئافرىقىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئافرىقا خەلقىنىڭ بەخت-سائادىتىنى ئاشۇردى. سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، 2021-يىلى جۇڭگو بىلەن ئافرىقىنىڭ ئىككى تەرەپلىك سودا ئومۇمىي سوممىسى 254 مىليارد 300 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %35.3 ئاشقان، جۇڭگو ئۇدا 13 يىل ئافرىقىنىڭ ئەڭ چوڭ سودا ھەمراھى بولۇش ئورنىنى ساقلاپ كەلگەن. شۇ يىلى، ئامېرىكىنىڭ ئافرىقىغا قىلغان مال ئېكسپورت ئومۇمىي سوممىسى 26 مىليارد 700 مىليون ئامېرىكا دوللىرى، ئافرىقىدىن قىلغان مال ئىمپورت ئومۇمىي سوممىسى 37 مىليارد 600 مىليون ئامېرىكا دوللىرى بولغان.

ئامېرىكىنىڭ قىلغان-ئەتكەنلىرى ئافرىقا خەلقىنى ئالدىيالمايدۇ. زامبىيەنىڭ ئافرىقا ئىتتىپاقىدا تۇرۇشلۇق سابىق ۋەكىلى ئېمانۇئېل مۇۋانبا: ئامېرىكا ئەمەلدارلىرى ئافرىقىدا زىيارەتتە بولغان مەزگىلدە جۇڭگونى تىلغا ئېلىپ، دىپلوماتىيە قائىدىسىگە خىلاپلىق قىلدى، دەپ قارىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگو كارخانىلىرى زامبىيەدە سۇ ئېلېكتىر ئىستانسىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىغا پائال ئاتلىنىپ، زامبىيەنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى زور دەرىجىدە قوللىدى. زامبىيە زامبىيە-جۇڭگو دوستلۇق جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى فرېدېرىك مۇتېسا: ئامېرىكىنىڭ ئافرىقىغا ياخشىچاق بولۇشىدىكى ھەقىقىي مەقسىتى ئافرىقىغا چىن كۆڭلىدىن ياردەم بېرىش بولماستىن، بەلكى ئۆزىنىڭ تەسىر كۈچىنى تەدرىجىي يوقاتقان مەلۇم بىر رايون ياكى دۆلەتتە ئۆز مەنپەئەتىنى كېڭەيتىش، دەپ قارىدى.

ئافرىقا چوڭ دۆلەتلەرنىڭ كۈچ سىنىشىش مەيدانى بولماستىن، بەلكى خەلقئارا ھەمكارلىق چوڭ سەھنىسى بولۇشى كېرەك. ھەر قانداق بىر دۆلەت ئافرىقىنىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشىغا چىن كۆڭلىدىن ياردەم بەرسىلا، باشقا تەرەپلەر ئۇنىڭ قىلغان ئىشلىرىنى ئېنىق بىلىدۇ؛ ئەگەر بەزى دۆلەتلەر ئارىغا بۆلگۈنچىلىك سېلىش ئارقىلىق ئۆز مەنپەئەتىنى كۆزلىسە، ئافرىقا دۆلەتلىرى تەبىئىيلا ئېتىراپ قىلمايدۇ، ئەڭ ئاخىرىدا زىيانغا ئۇچرايدىغىنى ئۆزىنىڭ خەلقئارادىكى تەسىر كۈچى ۋە ئاممىۋى ئىشەنچ دەرىجىسى بولىدۇ.

تەرجىمان: ئامانگۈل ھەبىبۇللا

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ئافرىقا چوڭ دۆلەتلەرنىڭ كۈچ سىنىشىش مەيدانى بولماستىن، بەلكى خەلقئارا ھەمكارلىق چوڭ سەھنىسى بولۇشى كېرەك

ئۆتكەن يىلنىڭ ئاخىرىدا، ئامېرىكا-ئافرىقا باشلىقلار يىغىنى ئارىدىن سەككىز يىل ئۆتۈپ يەنە ئېچىلدى، ئارقىدىن ئامېرىكىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى ئارقا-ئارقىدىن ئافرىقىنى زىيارەت قىلدى.