ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئەمەلىي كۈچى قالمىغان شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىدا دولقۇن قوزغىيالمايدۇ

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2023-02-06 10:06

1-ئاينىڭ 31-كۈنى كەچتە، ياپونىيەدە زىيارەتتە بولۇۋاتقان شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى ستولتېنبېرگ ياپونىيەنىڭ باش ۋەزىرى فومىئو كىشىدا بىلەن بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىپ، ئىككى تەرەپ دېڭىز خەۋپسىزلىكى، تور بوشلۇقى، ھەربىي ھازىرلىقلارنى تىزگىنلەش قاتارلىق ساھەلەردە ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، جۇڭگونىڭ ھەربىي كۈچى ۋە تەيۋەن مەسىلىسىنى تىلغا ئېلىشنى ئۇنتۇپ قالمايدۇ، دېدى. ياپونىيە تاراتقۇلىرى: بۇ يېقىنقى ئالتە يىلدىن بۇيان شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى باش كاتىپىنىڭ تۇنجى قېتىم ياپونىيەدە زىيارەتتە بولۇشى، ياپونىيە بىلەن شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى تېز سۈرئەتتە يېقىنلىشىۋاتىدۇ، دېدى.

بۇنىڭدىن ئىلگىرى سىتولتېنبېرگ كورېيەدە زىيارەتتە بولغاندا تىغ ئۇچىنى جۇڭگوغا قارىتىپ، جۇڭگو غەربنىڭ «قىممەت قارىشى، مەنپەئەتى ۋە خەۋپسىزلىكىگە خىرىس پەيدا قىلدى» دېدى. شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىدىن ئىبارەت بۇ سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىنىڭ مەھسۇلى ئامېرىكىنىڭ ئاتالمىش «ھىندى ئوكيان-تىنچ ئوكيان ئىستراتېگىيەسى»نىڭ تۈرتكىسىدە، جۇڭگونى باھانە قىلىپ ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىغا قولىنى سوزۇپ، سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى كۆلەڭگىسىنى پەيدا قىلدى. ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونى بۇنىڭدىن يۈكسەك ھوشيار بولۇشى كېرەك.

شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى جىنايەت تۈسىنى ئالغان يەر شارىدىكى ئەڭ چوڭ ھەربىي ئىتتىپاق. ئۇ قۇرۇلغان كۈندىن باشلاپلا ئامېرىكىنىڭ گۇرۇھ ئۇيۇشتۇرۇپ، گۇرۇھ بولۇپ قارشى تۇرىدىغان قورالى بولۇپ كەلدى. شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىنىڭ ئاياغلىشىشىغا ئەگىشىپ، نىشان ۋە يۆنىلىشنى يوقىتىپ، فىرانسىيە زۇڭتۇڭى ماكرون تەرىپىدىن «مېڭىسى ئۆلدى» دېيىلدى. ئۆتكەن يىلنىڭ بېشىدا ئۇكرائىنا كىرىزىسى پارتلىغاندىن كېيىن، ئامېرىكا پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنى كۈچەيتىشكە ئۇرۇندى، «ئاسىيا-تىنچ ئوكيان نۇسخىسىدىكى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى»نى بەرپا قىلىپ، ئۇنى جۇڭگونى چەكلەپ، ئامېرىكىچە زومىگەرلىكنى قوغدايدىغان قورال قىلماقچى بولدى.

ئۆتكەن يىلى 5-ئايدا، ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى بىلىنكىن جۇڭگوغا قارىتىلغان سىياسىتى توغرىسىدىكى نۇتقىدا، جۇڭگونىڭ ئەتراپىدىكى ئىستراتېگىيەلىك مۇھىتنى «بەرپا قىلىش» كېرەك، دەپ جار سالدى؛ ئۆتكەن يىلى 6-ئايدا، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنىغا تۇنجى قېتىم ياپونىيە، كورېيە، ئاۋسترالىيە، يېڭى زېلاندىيە رەھبەرلىرى تەكلىپ قىلىندى ھەمدە ئەڭ يېڭى ئىستراتېگىيەلىك ھۆججىتىدە جۇڭگو «ياۋروپا-ئاتلانتىك ئوكيانغا سىستېمىلىق خىرىس پەيدا قىلدى» دەپ تۆھمەت قىلىندى؛ بۇ يىل 1-ئاينىڭ ئاخىرىدا، ستولتېنبېرگ ياپونىيە ۋە كورېيەنى زىيارەت قىلىپ، «جۇڭگو خىرىسى» نى يەنە بىر قېتىم تەرغىب قىلدى. بۇ بىر قاتار قىلمىشلار شۇنى چۈشەندۈرىدۇكى، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى گۇرۇھ بولۇپ قارشى تۇرۇش ئاپەت مەنبەسىنى ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىغا ئېلىپ كىرىپ، ئۆزىنىڭ «جېنىنى ساقلاپ قېلىش»، ئامېرىكىچە زومىگەرلىك ئۈچۈن يول ئېچىش كويىدا بولۇۋاتىدۇ.

سىتولتېنبېرگقا ئەگىشىپ، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئائۇستىن 1-ئاينىڭ 30-كۈنى كورېيەگە يېتىپ بېرىپ، ئامېرىكىنىڭ ھەيۋە ئىقتىدارىنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى قايتا تەكىتلىدى. ئامېرىكا بىلەن شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى بىر تەرەپتىن جۇڭگو «ھەربىي تەھدىتى»نى كۆپتۈرسە، يەنە بىر تەرەپتىن ئاسىيادىكى ئىتتىپاقداشلىرى بىلەن ھەربىي بىرلەشمە ھەرىكەتنى ماھىيەتلىك كۈچەيتىپ، ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىغا چوڭقۇر تەشۋىش ۋە خەۋپسىزلىك تەھدىتى پەيدا قىلدى. بۇ ئامېرىكىنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنى ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىلاشتۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ ئارقىسىدىكى مەشغۇلاتچى ئىكەنلىكىنى ئېنىق چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. ئامېرىكا ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى ئىتتىپاقداشلىرى بىلەن شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنى تۇتاشتۇرۇپ، ئاتالمىش «ھىندى ئوكيان-تىنچ ئوكيان ئىستراتېگىيەسى»نى ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگونى چەكلەيدىغان خەۋپسىزلىك رامكىسىنى شەكىللەندۈرۈشكە كۈچ چىقىرىۋاتىدۇ.

ھالبۇكى، بۈگۈنكى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى بۇرۇنقىغا ئوخشىمايدۇ. ئۇ ھەرقانچە قىلسىمۇ، خۇددى بىر ھاكاۋۇر ئارتىسنىڭ ئۆزىنى كۆز كۆز قىلىش ئۈچۈن كۈچەۋاتقىنىغا ئوخشايدۇ خالاس. ئۇ دەۋر تەرىپىدىن تاشلىۋېتىلگەن سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىنىڭ مەھسۇلى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ھاياتىنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن ھەممىلا يەردە ئاتالمىش خەۋپسىزلىك تەھدىتىنى تەرغىب قىلىشى، ياپونىيە، كورېيە بىلەن كۆپ قېتىم پىكىر ئالماشتۇرۇشى پەقەت بىر سىياسىي ئويۇن، سىمۋوللۇق ئەھمىيىتىلا بار، ئەمەلىي ئەھمىيىتى يوق.

ھەربىي كۈچ نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا، سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىنىڭ ئاياغلىشىشىغا ئەگىشىپ، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ھەربىي ئىتتىپاقتىن سىياسىي ۋە دىپلوماتىك ئىتتىپاققا تەدرىجىي ئۆزگەردى، ئۇنىڭ ئومۇمىي ھەرىكەت ئىقتىدارى داۋاملىق تۆۋەنلىدى، نۇرغۇن ئەزا دۆلەتلەر يەنىلا مەبلەغ يېتىشمەسلىك مەسىلىسىگە دۇچ كەلدى. ھازىر «باشلامچى ئاكىسى» ئامېرىكىدىن باشقا، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەردىن ئەمەلىي كۈچىنى ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىغا قارىتالايدىغانلار ساناقلىقلا. 1-ئاينىڭ باشلىرىدا فۇمىئو كىشىدا ياۋروپادا زىيارەتتە بولغاندا ئەنگلىيە بىلەن «ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئىجازىتى كېلىشىمى» ئىمزالاپ، ئۆزئارا قوراللىق كۈچ ئورۇنلاشتۇرۇشقا رۇخسەت قىلىپ، غەرب كۈچلىرىنى ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىغا قايتۇرۇپ كەلمەكچى بولدى. لېكىن جامائەتچىلىك بۇ ئىشقا ئانچە كۆڭۈل بۆلمىدى، بۇنىڭغا ئەمەلىي ئەھمىيىتى چەكلىك بولغانلىقى سەۋەب بولدى. شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى بىلەن ياپونىيەنىڭ ئۆزئارا ھەمتۈرتكە بولۇشىنىڭ ئاقىۋىتىمۇ چوقۇم شۇنداق بولىدۇ.

ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى خەلق رايىدىن قارىغاندا، ئامېرىكا بىلەن شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ئاپەت مەنبەسىنى شەرققە باشلاش سۇيىقەستىنى ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى مۇتلەق كۆپ ساندىكى دۆلەتلەر ئېنىق كۆرۈپ، قەتئىيلىك بىلەن بۇنىڭغا يول قويمايمىز، دېدى. شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى كورېيە بىلەن ياپونىيەنى زومىگەرلىك قارا نىيىتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ئاچقۇچى دەپ قارايدۇ، لېكىن ئاسىيا دۆلەتلىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ياپونىيە بىلەن كورېيە ئۆزىنىڭ قانداق ئويى بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى بىلەن بىللە ئۇسسۇل ئوينىسا بۆرىنى قوتانغا باشلاپ كىرگەنلىك بولىدىغانلىقىنى بىلىشى زۆرۈر. ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونى ھەمكارلىقىدىن ئىبارەت توغرا يولدا ماڭماي، قارشىلىشىشقا قۇتراتقۇلۇق قىلىدىغان ئەگرى يولدا ماڭغاندا، مەغلۇبىيەتتىن ساقلانغىلى بولمايدۇ.

ئېقىمغا قارشى ھەرىكەت قىلسا، ئەمەلىي كۈچى قالمايدۇ، بۇ ئەلرايىغا خىلاپ. ھازىرقى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى قارىماققا غايەت زور كۆرۈنسىمۇ، لېكىن ئەمەلىي كۈچى قالمىدى. بۇ ھەر قانچە چوڭ سىياسىي ئويۇن بولسىمۇ رېئاللىقنى يوشۇرۇپ قالالمايدۇ. شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىدا ئىش تېرىشنى ئويلىسىمۇ، لېكىن ئۇ دولقۇن قوزغىيالمايدۇ. ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونى چوڭ دۆلەتلەرنىڭ ئېلىشىش مەيدانى ئەمەس، «يېڭى سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى» ئېلىپ بارىدىغان ھەر قانداق سۇيىقەستكە ئاسىيا-تىنچ ئوكيان خەلقى يول قويمايدۇ، دەۋرمۇ يول قويمايدۇ.

تەرجىمان: ئادىل ئابلەت

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ئەمەلىي كۈچى قالمىغان شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىدا دولقۇن قوزغىيالمايدۇ

1-ئاينىڭ 31-كۈنى كەچتە، ياپونىيەدە زىيارەتتە بولۇۋاتقان شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى ستولتېنبېرگ ياپونىيەنىڭ باش ۋەزىرى فومىئو كىشىدا بىلەن بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىپ