ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

كەسكىن پارتىيەلەر تىركىشىشى ئامېرىكىنىڭ «قەرز بومبىسى»نى پارتلاتتى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2023-03-20 09:33

يېقىندىن بۇيان، ئامېرىكىدىكى ئىككى پارتىيەنىڭ قەرز يۇقىرى چېكى مەسىلىسىنى چۆرىدىگەن تالاش-تارتىشى ئۈزۈلمىدى. چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئاۋام پالاتاسىدىكى جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىدىن بولغان پارلامېنت ئەزالىرى ئەگەر پارلامېنت قوشما شىتات قەرزىنىڭ يۇقىرى چېكىنى ئۆستۈرەلمىسە، ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقىدىن ئاممىنىڭ ئىلىكىدىكى ھۆكۈمەت قەرزىنى ئالدىن تۆلەپ بېرىشنى تەلەپ قىلىش تەكلىپىنى بەرگەن. دېموكراتلار پارتىيەسىدىن بولغان پارلامېنت ئەزالىرى بۇ ئۇسۇلغا قارشى تۇرۇپ، قەرزنىڭ يۇقىرى چېكىنى شەرتسىز ئۆستۈرۈش ياكى ۋاقتىنچە توختىتىشنى مۇراجىئەت قىلغان.

دېموكراتلار پارتىيەسى بىلەن جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ تىركىشىشىنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى-ئامېرىكىنىڭ يەنە بىر قېتىم قەرز كېلىشىمىگە خىلاپلىق قىلىش ئاگاھلاندۇرۇشى چىقارغانلىقىدىن بولدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ مالىيە چىقىمى ئۈزلۈكسىز كېڭىيىپ، قەرز كۆلىمى ئاشتى.

بۇ يىل 1-ئايدا، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىق ھۆكۈمىتىنىڭ قەرز كۆلىمى 31 تىرىليون 400 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىلىق قانۇندا بەلگىلەنگەن قەرز يۇقىرى چېكىگە يەتتى. ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقى ھۆكۈمەت قەرزى كېلىشىمىگە خىلاپلىق قىلىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن «ئالاھىدە تەدبىر» قوللاندى.

2-ئايدا، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى بايدىن ئاۋام پالاتاسىنىڭ باشلىقى مىكاسى بىلەن قەرز يۇقىرى چېكىنى ئۆستۈرۈش مەسىلىسى ئۈستىدە سۆھبەتلەشكەن بولسىمۇ، لېكىن ئىككى تەرەپ بىردەكلىك ھاسىل قىلالمىدى. شۇنىڭدىن كېيىن، ئىككى پارتىيەنىڭ سىياسىي كۈرىشىنىڭ بارغانسېرى كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، ئىككى تەرەپ قەرز يۇقىرى چېكىنى ئۆستۈرۈش تەكلىپى ئۈستىدە باشتىن-ئاخىر كېلىشىم ھاسىل قىلالمىدى.

قەرز يۇقىرى چېكى ئامېرىكا پارلامېنتى قوشما ئىشتاتلىق ھۆكۈمەتكە بېكىتكەن  شەكىللەنگەن تۆلەش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىش ئۈچۈن ئالغان قەرزنىڭ ئەڭ يۇقىرى چېكىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ «قىزىل سىزىق»قا تېگىش-ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ قەرز ئېلىش ھوقۇقىنى ئىشلىتىپ بولغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. قەرز يۇقىرى چېكىگە يېقىنلاشقاندا، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئادەتتە بەزى ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ قەرز كېلىشىمىگە خىلاپلىق قىلىشتىن مۇنداق ساقلىنىدۇ. بىرىنچى، قەرز يۇقىرى چېكىنى ئۆستۈرىدۇ. 1997-يىلىدىن 2022-يىلىغىچە، ئامېرىكا قەرز يۇقىرى چېكىنى 22 قېتىم ئۆستۈردى؛ ئىككىنچى، قەرز يۇقىرى چېكىنى ۋاقتىنچە توختىتىپ، قەرز يۇقىرى چېكىنى ئۆستۈرۈش ياكى قەرزنى قايتۇرۇش ئۈچۈن ۋاقىتنى قولغا كەلتۈرىدۇ؛ ئۈچىنچى، ئالاھىدە تەدبىر قوللىنىدۇ. ئالايلۇق، مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ قوشما شىتات خادىملىرىنىڭ پېنسىيە ئامانەت پۇلى پىلانىنى ۋاقتىنچە توختىتىش، ئوبوروتسىز قەرز تارقىتىشنى ۋاقتىنچە توختىتىش، «قەرز تارقىتىش»نى ۋاقتىنچە توختىتىش مۇددىتىنى جاكارلاش قاتارلىقلار.

مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: قەرز يۇقىرى چېكى ماھىيەتتە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزىگە چەك قويۇشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.1979-يىلى قەرز تېخنىكىسىدا كېلىشىمگە خىلاپلىق قىلىش ئەھۋالى كۆرۈلگەندىن كېيىن، ئامېرىكىدا قەرز كېلىشىمىگە خىلاپلىق قىلىش ئەھۋالى قايتا كۆرۈلمىدى. بىراق، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئامېرىكا پارتىيەلىرىنىڭ تالاش-تارتىشىنىڭ كۈنسېرى كەسكىنلىشىشىگە ئەگىشىپ، قەرز يۇقىرى چېكى تەدرىجىي ئىككى پارتىيەنىڭ سىياسىي كۈرىشىنىڭ پىشكىسىغا ئايلىنىپ، يەر شارى پۇل مۇئامىلە بازىرىنى قالايمىقانلاشتۇرىدىغان يوشۇرۇن خەۋپ بولۇپ قالدى.

جۇڭگو خەلقئارا ئىقتىساد ئالماشتۇرۇش مەركىزى ئامېرىكا ياۋروپا تەتقىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، تەتقىقاتچى جاڭ مونەن تەھلىل قىلىپ مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە، ئامېرىكىدىكى ئىككى پارتىيەنىڭ قەرز يۇقىرى چېكى مەسىلىسىنى چۆرىدەپ كۈچ سىنىشىشى كەسكىنلەشتى. بولۇپمۇ بۇلتۇر ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا مەزگىللىك سايلىمىدىن كېيىن، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسى ئاۋام پالاتاسىدا كۆپ ئورۇنغا ئېرىشىپ، مالىيە ھوقۇقىنى قولغا ئالدى. بايدىن ھۆكۈمىتى ئەگەر قەرز يۇقىرى چېكىنى داۋاملىق ئۆستۈرمەكچى بولسا، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ ماسلىشىشىنى قولغا كەلتۈرۈشى زۆرۈر. ئۇنىڭ ئۈستىگە جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسى قەرز يۇقىرى چېكىنى سىياسىي باھا قىلىپ، دېموكراتلار پارتىيەسىنى باشقا قارالمىلاردا يول قويۇشقا، مەسىلەن، ئاممىۋى چىقىمنى زور دەرىجىدە ئازايتىشقا مەجبۇرلىدى. ئامېرىكىدىكى ئىككى پارتىيە قەرز يۇقىرى چېكى مەسىلىسىدە قاتمال ھالەتكە چۈشۈپ قىلىپ، بازارنىڭ چوڭقۇر ئەندىشىسىنى قوزغىدى.

مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ چىقىمنى تىزگىنلىيەلمەسلىكىدىكى سەۋەب شۇكى، ئۇنىڭغا ئامېرىكا دوللىرى زومىگەرلىكى تىرەك بولدى.

جاڭ مونەن تەھلىل قىلىپ مۇنداق دېدى: ئۇزۇندىن بۇيان، ئامېرىكا دوللىرىنىڭ خەلقئارادىكى پۇل ئورنى ئامېرىكىنىڭ قالايمىقان پۇل تارقىتىش ھەرىكىتىنى كۈچەيتىۋەتتى. ئامېرىكا دوللىرى ئۆلچىمى تۈزۈمى ئەمەلىيەتتە ئامېرىكىنىڭ قەرز ئۆلچىمى تۈزۈمىگە ئۆزگەردى. ئامېرىكا قوشما شىتاتلىق زاپاس پۇل كومىتېتى كەڭ كۆلەمدە مىقدارلاشتۇرۇپ بوشىتىپ، ئەمەلىيەتتە قەرز ئۈچۈن مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى قەرزىنىڭ ئېشىشىغا تۈرتكە بولدى. نۆۋەتتە، ئامېرىكا قەرزىنىڭ ئېشىش سۈرىتى ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ ئېشىش سۈرىتىدىن خېلىلا ئېشىپ كەتتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆسۈم نىسبىتىنىڭ ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ، دىرى بىلەن ئۆسۈمىنى قايتۇرۇش بېسىمى بارغانسېرى كۈچەيدى. گەرچە ئوتتۇرا، قىسقا مەزگىلدىن قارىغاندا، ئامېرىكىنىڭ قەرزىدە كېلىشىمگە ماھىيەتلىك خىلاپلىق قىلىش ئېھتىماللىقى چوڭ ئەمەس، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئادەتلەنگەن ۋاسىتە ئارقىلىق، قەرز يۇقىرى چېكىنى ئۆستۈرۈش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ مالىيە قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلسا بولىدۇ. لېكىن ئۇزاق مەزگىلدىن قارىغاندا، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ قەرزى سىجىل بولمايۋاتىدۇ، يېڭى قەرزنى كونا قەرزىنىڭ ئورنىغا دەسسىتىش ئۇسۇلى پەقەت تېخىمۇ كۆپ ئۆسۈم ۋە تېخىمۇ كۆپ قەرز پەيدا قىلىپ، يامان سۈپەتلىك ئايلىنىشنى شەكىللەندۈرىدۇ.

ئامېرىكا يالې داشۆسىنىڭ زىيارەتچى ئالىمى بيەن يۇڭزۇ تەھلىل قىلىپ مۇنداق دېدى: قىسقا مەزگىلدىن قارىغاندا، ئامېرىكا قەرز كېلىشىمىگە خىلاپلىق قىلىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، قەرز يۇقىرى چېكىنى يەنە بىر قېتىم ئۆستۈرۈشى مۇمكىن، بۇ قەرز كۆلىمىنىڭ ئۈزلۈكسىز كېڭىيىشىنى پەيدا قىلىدۇ. نۆۋەتتە، ئامېرىكا ۋە ياۋروپادىكى نۇرغۇن دۆلەتلەردە پۇل پاخاللىقى يۇقىرىلىدى، بۇ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ توختىماي پۇل بېسىشى، توختىماي قەرز ئېلىشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. نۆۋەتتە، يەر شارى ئىقتىسادى پەسكويغا چۈشۈپ قالدى، دۇنيا مۇقىملىق ۋە ئېنىقلىققا موھتاج بولدى، ئامېرىكىنىڭ قەرز كىرىزىسى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنماسلىقىمىز، ئامېرىكىنىڭ بەتخەجلىكى ئۈچۈن بەدەل تۆلىمەسلىكىمىز كېرەك.

فىرانسىيەدە چىقىدىغان «سادا گېزىتى»دە: ئامېرىكىنىڭ خەلق سايلىغان ئەمەلدارلىرىنىڭ كۈچلۈك مەسئۇلىيەتچانلىقىنى نامايەن قىلىپ، دۇنيانى بىر مەيدان زۆرۈرىيەتسىز كىرىزىستىن ساقلاپ قىلىشىنى يەنە بىر قېتىم ئۈمىد قىلىمىز،دېيىلدى.

تەرجىمان: ئادىل ئابلەت

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

كەسكىن پارتىيەلەر تىركىشىشى ئامېرىكىنىڭ «قەرز بومبىسى»نى پارتلاتتى

يېقىندىن بۇيان، ئامېرىكىدىكى ئىككى پارتىيەنىڭ قەرز يۇقىرى چېكى مەسىلىسىنى چۆرىدىگەن تالاش-تارتىشى ئۈزۈلمىدى.