ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

مۇدى شىركىتى بىرىنچى جۇمھۇرىيەت بانكىسىنىڭ بارلىق ئۇزۇن مۇددەتلىك ئىناۋەت دەرىجىسىنى تۆۋەنلەتتى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2023-03-20 09:44

خەلقئارا دەرىجە باھالاش ئورگىنى مۇدى شىركىتى شۇ يەر ۋاقتى 3-ئاينىڭ 17-كۈنى: ئامېرىكا بىرىنچى جۇمھۇرىيەت بانكىسىنىڭ مالىيە ئەھۋالى ناچارلاشقاچقا، بىرىنچى جۇمھۇرىيەت بانكىسىنىڭ بارلىق ئۇزۇن مۇددەتلىك ئىناۋەت دەرىجىسىنى تۆۋەنلەتكەنلىكىنى ھەمدە سەلبىي نەزەرنى ساقلاپ قالىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. بىرىنچى جۇمھۇرىيەت بانكىسىنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك تارقاتقۇچىسىنىڭ دەرىجىسى ئەخلەت دەرىجىسىگە چۈشۈرۈلدى. مۇدى شىركىتى بۇ بانكىنىڭ دەرىجىسىنىڭ يەنىمۇ تۆۋەنلىتىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى. 

ئۇنىڭدىن باشقا ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ 3-ئاينىڭ 17-كۈنى ئەھۋالدىن خەۋەردار كىشىلەرنىڭ خەۋىرىنى نەقىل كەلتۈرۈپ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ بانكا يېڭى پاي تارقىتىش ئارقىلىق باشقا بانكا ياكى خۇسۇسىي پاي ھوقۇقى شىركەتلىرىدىن مەبلەغ توپلاپ، مالىيە ئەھۋالىنى ياخشىلاشنى پىلانلاۋېتىپتۇ. خەۋەرلەرگە قارىغاندا، كىرىمنىي جىلغىسى بانكىسىنىڭ تاقىلىشى كەلتۈرۈپ چىقارغان كەسىپ كىرىزىسى ئاستىدا، بىرىنچى جۇمھۇرىيەت بانكىسىنىڭ بازار قىممىتى 3-ئاينىڭ بېشىدىكى تەخمىنەن 22 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن تەخمىنەن 4 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا چۈشۈپ قالغان. 

تەرجىمان: ئامانگۈل ھەبىبۇللا 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

مۇدى شىركىتى بىرىنچى جۇمھۇرىيەت بانكىسىنىڭ بارلىق ئۇزۇن مۇددەتلىك ئىناۋەت دەرىجىسىنى تۆۋەنلەتتى

ئامېرىكا بىرىنچى جۇمھۇرىيەت بانكىسىنىڭ مالىيە ئەھۋالى ناچارلاشقاچقا، بىرىنچى جۇمھۇرىيەت بانكىسىنىڭ بارلىق ئۇزۇن مۇددەتلىك ئىناۋەت دەرىجىسىنى تۆۋەنلەتكەنلىكىنى ھەمدە سەلبىي نەزەرنى ساقلاپ قالىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.