ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

پولشا كۆپ خىل تەدبىر قوللىنىپ، ساياھەتچىلىكنىڭ جانلىنىشىنى ئىلگىرى سۈردى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2023-03-20 09:58

يېقىنقى بىر مەزگىلدىن بۇيان، پولشا نۇرغۇن خەلقئارالىق ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋالدى. پايتەخت ۋارشاۋا كونا شەھىرىنىڭ كوچىلىرىغا ھەر قايسى دۆلەتلەردىن كەلگەن ساياھەتچىلەر يىغىلىپ، نەچچە ئەسىر بۇرۇنقى قەدىمىي ئىمارەتلەردىن ھۇزۇرلاندى. ۋارشاۋادىكى بەلگە خاراكتېرلىك قۇرۇلۇش ئىلىم-پەن مەدەنىيەت سارىيىدا، ساياھەتچىلەر مەنزىرە كۆرۈش سۇپىسىغا چىقىپ، ئەنئەنە بىلەن زامانىۋىلىقنىڭ بىرلەشتۈرۈلگەنلىكىنى ھېس قىلدى. ۋارشاۋا شەھەر ئەتراپىدىكى ۋېرانوف رايونىدا، رەڭگارەڭ چىراغ مەنزىرىسى نۇرغۇن ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلدى. ياۋروپا ئىتتىپاقى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتقا ئاساسلانغاندا، نۆۋەتتە پولشادىكى ساياھەتچىلەرنىڭ سانى يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىدىن بۇرۇنقى 2019-يىلىدىكى سەۋىيەگە يېقىنلاشقان، ساياھەتچىلىكتە تېز ئەسلىگە كېلىش ۋەزىيىتى كۆرۈلگەن.

ساياھەتچىلىك پولشا ئىقتىسادىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولۇپ، بىر مىليوندىن ئارتۇق ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتى بىلەن تەمىنلىدى. پولشانىڭ شىمالى بالتىق دېڭىزىغا تۇتىشىدۇ، جەنۇبىدا تاترا تېغى بار، مازۇرىيە رايونىدا نۇرغۇن كۆل بار، شۇنداقلا ياۋروپادىكى ئەڭ چوڭ ئىپتىدائىي ئورمانلىق بىياۋوۋېزا تەبىئىي باغچىسى بار. پولشانىڭ ئاساسلىق شەھەرلىرىدىن تەبىئىي مەنزىرىگاھلارغا ئاپتوموبىل بىلەن بىر-ئىككى سائەتتىلا بارغىلى بولىدۇ، قاتنىشى قولايلىق. دۆلەت ئىچىدە يەنە نۇرغۇن ئارىشاڭ ئەسلىھەلىرى بار، ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى باشقا دۆلەتلەرگە سېلىشتۇرغاندا باھاسى تېخىمۇ مۇۋاپىق بولۇپ، نۇرغۇن ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلماقتا. نۆۋەتتە، پولشادىكى كۆپ ساندىكى ساياھەت مەنزىرە نۇقتىلىرى، مېھمانساراي، مۇزېي قاتارلىقلار ساياھەتچىلەرگە ئېچىۋېتىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، مەنزىرىگاھلارغا كېلىدىغان ساياھەتچىلەر سانىغا چەك قويۇش، دېزىنفېكسىيە قىلىشنى كۈچەيتىش قاتارلىق بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى يولغا قويدى.

پولشا ھۆكۈمىتى ساياھەتچىلىكنى جانلاندۇرۇش ئۈچۈن، ئۆز دۆلىتى پۇقرالىرىنى ياتاق، كوللېكتىپ ساياھەت ۋە باشقا ساياھەت مۇلازىمىتىگە ئىشلەتكىلى بولىدىغان ساياھەت بېلىتى بىلەن تەمىنلىدى. ساياھەت تارماقلىرى مەنزىرە نۇقتىلىرىنىڭ ئۇچۇرلىرىنى رەتلەش، ۋېدىيولۇق تەشۋىق قىلىش، تەشۋىقات قوللانمىسى تارقىتىش قاتارلىق كۆپ خىل تەدبىرلەرنى يولغا قويۇپ، تور بېكىتى، يان تېلېفون ئەپ دېتالى قاتارلىق كۆپ خىل يوللار ئارقىلىق تەشۋىق قىلىپ، ساياھەت ماركىسىنىڭ تەسىر كۈچىنى ئاشۇردى.

ئوتتۇرا، شەرقىي ياۋروپا تور ساياھەت سۇپىسى ساراسنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى سىگۋارى مۇنداق دېدى: پولشا ساياھەتچىلىكىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىدە يېڭى ئالاھىدىلىك كۆرۈلدى، بىرىنچى، «مېھمانساراي بولمىغان» قونالغۇلاردا يېتىش ئارزۇسى ئاشتى، نۇرغۇن ساياھەتچىلەر مېھمانسارايدا ئەمەس بەلكى پۇقراۋى قونالغۇلاردا تۇرۇشنى تېخىمۇ ياخشى كۆرىدۇ؛ ئىككىنچى، توردا زاكاز قىلىش نورمال ھالەتكە ئايلاندى، يۇقۇم مەزگىلىدە، ساياھەتچىلەر توردا زاكاز قىلىشقا ئادەتلەنگەن، توردا زاكاز قىلىش نىسبىتى بىر قاتلاندى. مۆلچەرلىنىشىچە، 2023-يىلى پولشانىڭ ساياھەتچىلىك كىرىمى تەخمىنەن 8 مىليارد 358 مىليون ئامېرىكا دوللىرى بولۇپ، يىللىق ئېشىش نىسبىتى 2.23% كە يېتىدىكەن. 2027-يىلىغا بارغاندا پولشانىڭ 89% ساياھەتچىلىك كىرىمى توردا سېتىشتىن كېلىدىكەن.

جۇڭگونىڭ چېگرادىن چىقىپ ساياھەت قىلىشنى قايتا باشلىشى پولشا ساياھەتچىلىكىگە يېڭى قۇۋۋەت قوشتى. پولشانىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو چېگرىدىن كىرىش-چىقىش سىياسىتىنى تەڭشىگەندىن كېيىن، جۇڭگو خەلقئارا ئاۋىياتسىيە شىركىتى بىلەن پولشا ئاۋىياتسىيە شىركىتى بېيجىڭ-ۋارشاۋا ئوتتۇرىسىدا بىۋاسىتە ئۇچىدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلاننى ئەسلىگە كەلتۈردى. پولشا ساياھەت ئىدارىسى بېيجىڭ ئىش بېجىرىش ئورنىنىڭ بازار باش نازارەتچىسى شىڭ دەيچى مۇنداق دېدى: جۇڭگو ئىزچىل پولشانىڭ ئاسىيادىكى ئاساسلىق ساياھەتچىلەر مەنبەسىنىڭ بىرى، 2019-يىلى 130 مىڭدىن ئارتۇق جۇڭگولۇق ساياھەتچى پولشاغا ساياھەتكە بارغان. 2023-يىلىنىڭ بېشىدا، پولشا ساياھەت ئىدارىسى سودا ساياھىتىنى باش تېما قىلىپ، ئالدى بىلەن جۇڭگولۇق سودىگەر ۋە ساياھەتچىلەرگە پولشانى تەشۋىق قىلدى. كەلگۈسىدە پولشا ساياھەت ئىدارىسى تېخىمۇ كۆپ ئاساسىي تېمىلىق ساياھەت لىنىيەلىرىنى ئاچىدۇ. بىز جۇڭگولۇق ساياھەتچىلەرنىڭ كېلىشىنى تەقەززالىق بىلەن كۈتمەكتىمىز.

تەرجىمان: ئامانگۈل ھەبىبۇللا

中央广播电视总台 央广网 版权所有

پولشا كۆپ خىل تەدبىر قوللىنىپ، ساياھەتچىلىكنىڭ جانلىنىشىنى ئىلگىرى سۈردى

يېقىنقى بىر مەزگىلدىن بۇيان، پولشا نۇرغۇن خەلقئارالىق ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋالدى. پايتەخت ۋارشاۋا كونا شەھىرىنىڭ كوچىلىرىغا ھەر قايسى دۆلەتلەردىن كەلگەن ساياھەتچىلەر يىغىلىپ، نەچچە ئەسىر بۇرۇنقى قەدىمىي ئىمارەتلەردىن ھۇزۇرلاندى