ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئامېرىكىنىڭ ئىراقلىقلارغا ئېلىپ كەلگەن ئازابى يەنىلا تۈگىمىدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2023-03-26 16:06

20 يىل ئىلگىرى، ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ غەربتىكى ئىتتىپاقداشلىرى «ئىراقتا كەڭ كۆلەملىك قىرغۇچى قوراللار بار» دېگەننى باھانە قىلىپ، ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى ھوقۇق بەرمىگەن ئەھۋالدا، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كۈچلۈك قارشىلىقىغا قارىماي، ئىراققا كەڭ كۆلەمدە تاجاۋۇز قىلدى.

ئامېرىكا سىملىق تېلېۋىزىيە ئاخبارات تورىنىڭ 3-ئاينىڭ 20-كۈنىدىكى  ماقالىسىدا مۇنداق دېيىلدى: ئامېرىكا ئارمىيەسى ئىراققا تاجاۋۇز قىلىپ كىرىپ، بۇ يەرگە ھەربىي بازا، تەكشۈرۈش پونكىتى ۋە ئارمىيە ئورۇنلاشتۇرۇپ، سەككىز يىل ئىشغالىيەت يۈرگۈزدى. ئامېرىكا ئىراققا  تىنچلىق ئېلىپ كەلمەيلا قالماستىن، بەلكى ئىراقنى ئىچكى ئۇرۇشقا سۆرەپ كىرىپ، زوراۋانلىق توقۇنۇشى ۋە بۆلۈنۈش پاتقىقىغا پاتتۇرۇپ قويدى. گەرچە 20 يىل ئۆتۈپ كەتكەن بولسىمۇ، لېكىن ئامېرىكا قوزغىغان بۇ ئۇرۇش ئېلىپ كەلگەن  ئازاب يەنىلا ئىراقلىقلارنىڭ قەلبىنى چىرمىۋالدى.

ئىراققا تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەندىن كېيىنكى بىر نەچچە يىل ئىچىدە، ئامېرىكا ئارمىيەسى 20 مىڭدىن ئارتۇق ئىراق ئۇرۇشى ئەسىرلىرىنى تۇتۇپ قالدى. بۇنىڭدىن باشقا، ئەنگلىيەدىكى غەيرىي ھۆكۈمەت تەشكىلاتى قۇرغان «ئىراقتىكى ئۆلۈم ئىستاتىستىكا» تور بېكىتىنىڭ سانلىق مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا ئارمىيەسى تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەن ۋە ئەسكەر چېكىندۈرگەن مەزگىلدە، تەخمىنەن 120 مىڭ ئىراق پۇقراسى ھاياتىدىن ئايرىلغان.

ماقالىدە سالاھ سەيىف ئىسىملىك بىر ئىراقلىق تىلغا ئېلىنغان. 2003-يىلى ئۇ 32 ياشقا كىرگەندە ئامېرىكا ئارمىيەسى تەرىپىدىن سېسىق نامى پۇر كەتكەن ئەبۇغىرائىپ تۈرمىسىگە قامالغان. گەرچە ھازىر ئۇ خوتۇن-بالىلىرى بىلەن يۇرتىدىن ئايرىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇرۇش ۋەھىمىسى ئۇنى ھەر ۋاقىت قىيناپ كەلدى.

سەيىف ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، نەزەربەند قىلىنغان چاغدىكى ئازاب ھازىرغىچە جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن يوقالغىنى يوق. ئۇ مۇنداق دېدى: مەندە يۈز بەرگەن ئىشلار ئىنتايىن ئازابلىق. مەن ناھايىتى ئۇزۇن ۋاقىتتىن كېيىن ئاندىن يامان چۈش كۆرمەيدىغان بولدۇم.

سەيىف CNN مۇخبىرىغا مۇنداق دېدى: نەزەربەند قىلىنغان مەزگىلدە مېنىڭ كىيىملىرىم كۆپ قېتىم سالدۇرۇۋېتىلدى، يېمەكلىكلىرىم بۇلاپ كېتىلدى، تۈرمىگە قارايدىغان ئامېرىكا ئارمىيەسى ھەتتا ئىتلارنى ئىشقا سېلىپ   مېنى قورقۇتتى، يەنە مېنى ئايرىم قامىدى.

-2008يىلى ئەبۇغىرائىپ تۈرمىسىدە سوراق قىلىش خىزمىتىگە مەسئۇل ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ھەربىي ئىشلارنى ھۆددىگە ئالغۇچى شىركەت ئۈستىدىن قىلىنغان دەۋادا، ئامېرىكا ئاساسىي قانۇن ھوقۇق مەركىزىدىن كەلگەن كاسېرىن گالاگېر سەيىفنىڭ ئادۋوكاتى بولغان. ئۇنىڭ ئاشكارىلىشىچە، سەيىف جىنايەت ئۆتكۈزگەن دەپ ئەيىبلەنمىگەن.

ماقالىدە مۇنداق دېيىلدى: سانسىزلىغان ئىراقلىقلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، گەرچە جىسمانىي جەھەتتىكى بەزى جاراھەتلەر ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ ساقىيىپ كېتىشى مۇمكىن بولسىمۇ، لېكىن ئۇرۇش ۋە ئۇنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ ئۇلارنىڭ پىسخىكىسىغا كەلتۈرگەن زىيىنى ھازىرغىچە ساقلىنىپ كەلمەكتە.

-2004يىلى ئەبۇغىرائىپ تۈرمىسىدىكى مەھبۇسلارنى خورلاش ۋەقەسى ئاشكارىلىنىپ، پۈتۈن دۇنيانى چۆچىتتى.

نۇرغۇن ئىراقلىقلارنىڭ نەزىرىدە، بۇ ئۇرۇشنىڭ شەپقەتسىزلىكى  قىپيالىڭاچ، مەھبۇسلار تاسما بىلەن باغلانغان، ئەمما ئامېرىكا ئەسكەرلىرى كامېراغا قاراپ كۈلۈمسىرەپ تۇرغان كۆرۈنۈش بولدى.

«دەھشەتلىك جازا ئەسلەتمىسى» دەپ ئاتالغان ھۆججەت كېيىنكى بىر قانچە يىلدا ئاشكارىلانغان بولۇپ، ئۇنىڭدا بۇ سوراق قىلىش ۋاسىتىلىرىگە ئامېرىكا بۇش ھۆكۈمىتىنىڭ ھوقۇق بەرگەنلىكى كۆرسىتىلگەن. كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ كۆرسىتىشىچە، بۇ ۋاستىلەر ئادەتتە دەھشەتلىك جازا، جىنسىي پاراكەندىچىلىك ۋە باسقۇنچىلىق قىلىشنى كۆرسىتىدۇ.

سەيىفقا نىسبەتەن ئېيتقاندا، بۇ ئازابلىق ئەسلىمىلەردىن قېچىش يەنىلا ئىنتايىن قىيىن. 20 يىلدىن كېيىنكى بۈگۈنكى كۈندە، ئۇ يەنىلا ھەققانىيەتنىڭ يېتىپ كېلىشىنى كۈتمەكتە. ماقالىدە يەنە مۇنداق دېيىلدى:2011-يىلى ئامېرىكا ئىراقتىن ئەسكەر چېكىندۈرگەندە، نۇرغۇن ئىراقلىقلار بۇنى يېڭى دەۋرنىڭ تاڭ سەھىرى، ئۇرۇشتىن قېپقالغان زىيانلارنى ساقايتىدىغان دەۋر دەپ قارىدى. بىراق ئامېرىكىنىڭ تاجاۋۇز قىلىپ كىرىشى «بازا» تەشكىلاتىنىڭ ئىراقتىكى تارمىقىنىڭ قۇرۇلۇشىغا سەۋەب بولدى، 2014-يىلىنىڭ ئاخىرىدا، ئىراق ۋە سۇرىيەدىكى  ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتى نۇرغۇن رايونلارنى ئىگىلىۋالدى.

ماقالىدە ئابباس ئىسىملىك بىر بالا تىلغا ئېلىنغان بولۇپ، ئامېرىكا ئارمىيەسى ئىراقنى ئىشغال قىلغاندا ئۇ ئاران بەش ياشتا ئىدى. 2007-يىلى ئۇ چوڭ قىرغىنچىلىقتىن ئۆزىنى قاچۇرۇش ئۈچۈن ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن سۇرىيەگە قېچىپ كەتكەن. گەرچە يېشى كىچىك بولسىمۇ، لېكىن ئابباس ئۆزىنىڭ بالىلىق دەۋرىدىن مەھرۇم بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئەنگلىيەنىڭ روھى ئازاب مۇتەخەسسىسى ئالېكساندرا چېننىڭ ئېيتىشىچە، بۇنداق ئەھۋال ئىراق ياشلىرى ئارىسىدا ناھايىتى ئومۇملاشقان. ئىلمىي تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، بالا تۇغۇلغاندىن كېيىنكى دەسلەپكى بەش يىل چوڭ مېڭىنىڭ يېتىلىشىدىكى ئەڭ سەزگۈر مەزگىل ئىكەن.

-2011يىلى ئابباس ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن باغدادقا قايتىپ كېلىپ، ھاياتىنى قايتىدىن باشلاشنى ئۈمىد قىلدى. ئەمما،  ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتى پەيدا قىلغان داۋالغۇش ئۇلارنىڭ يېڭى تۇرمۇشىغا تەھدىت سېلىپ، ئۇلارنى يەنە بىر قېتىم ئۆي كۆچۈشكە مەجبۇر قىلدى. بۈگۈنكى كۈندە ئابباس ئوقۇشىنى تاماملىغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ ئۇرۇش قاباھەتلىك چۈشى مېنى داۋاملىق قىيناۋاتىدۇ، دېدى.

ئابباس مۇنداق دېدى: ئاشۇ يىللاردا  بىزدەك بالىلار ئۈچۈن بەك جاپالىق ئىدى، چۈنكى مەن ئەينى ۋاقىتتا تېخى بالا ئىدىم، شۇنچە يىللاردىن بۇيان كىشىلەرنىڭ كوچىدا تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ياكى ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى كۆرۈپ كېلىۋاتىمەن. بۇ ماڭا ئىزچىل ھەمراھ بولۇپ كەلدى.

قېچىپ قۇتۇلالمىغان كىشىلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئازاب مەڭگۈ ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىنىڭ بىر قىسمى بولۇپ قالىدۇ. بۇ يىل 28 ياشقا كىرگەن گۇفران مۇھەممەد ئەسلەپ مۇنداق دېدى: ھەر كۈنى ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ كوچىدا ئادەم تۇتۇۋاتقانلىقىنى كۆرەتتۇق. ئاتا-ئانام مېنىڭ روھىي ئازابىمنى بىلگەندىن كېيىن، ماڭا ھەممىنى ئۇنتۇپ كېتىش كېرەكلىكىنى ئېيتىپ، مېنى داۋاملىق تۇرمۇش ۋە ئۆگىنىشكە ئىلھاملاندۇردى.

روھى ئازاب مۇتەخەسسىسى ئالېكساندرا چېن مۇنداق دەپ قارىدى: گەرچە داۋالاش روھى ئازابنى تۈگىتىشكە ياردەم بەرسىمۇ، لېكىن بۇ ھەل قىلىش ئۇسۇلى ئەمەس. بۇ ئۇنچىۋالا قىيىن ئىشمۇ ئەمەس، روھىي ئازابنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىن باشقا، ئۇرۇشنى توسۇش بىردىن-بىردىن ھەل قىلىش چارىسى.

تەرجىمان: ئىمىنجان ئىسمايىل 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ئامېرىكىنىڭ ئىراقلىقلارغا ئېلىپ كەلگەن ئازابى يەنىلا تۈگىمىدى

20 يىل ئىلگىرى، ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ غەربتىكى ئىتتىپاقداشلىرى «ئىراقتا كەڭ كۆلەملىك قىرغۇچى قوراللار بار» دېگەننى باھانە قىلىپ، ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى ھوقۇق بەرمىگەن ئەھۋالدا، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كۈچلۈك قارشىلىقىغا قارىماي، ئىراققا كەڭ كۆلەمدە تاجاۋۇز قىلدى.