ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئافرىقا چوڭ قۇرۇقلۇقى ئەركىن سودا رايونى قۇرۇلۇشىنىڭ ئىستىقبالى پارلاق

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2023-03-27 09:47

يېقىندا يېپىلغان ئافرىقا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ 36-نۆۋەتلىك باشلىقلار يىغىنىدا، «ئەركىن سودا رايونى» يىغىنغا قاتناشقان ھەر قايسى تەرەپلەر قىزغىن مۇنازىرە قىلغان مەزمۇنغا ئايلاندى. بۇ نۆۋەتلىك يىغىندا «ئافرىقا چوڭ قۇرۇقلۇقى ئەركىن سودا كېلىشىمى يىلى: ئافرىقا چوڭ قۇرۇقلۇقى ئەركىن سودا رايونىنىڭ يولغا قويۇلۇشىنى تېزلىتىش» باش تېما قىلىنىپ، ئافرىقا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ ئىقتىسادنى ئىلگىرى سۈرۈش ئىرادىسى نامايان قىلىندى.

ئافرىقا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ «2063-يىل قارالمىسى» ( 2014-يىلىدىن 2023-يىلىغىچە ) نىڭ بىرىنچى ئون يىللىق پىلانىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالىغا ئاساسەن، ئافرىقا ئافرىقا چوڭ قۇرۇقلۇقى ئەركىن سودا رايونى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتتە ئىلگىرىلەشكە ئېرىشتى. ھازىر ئافرىقا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا 54 دۆلەت ئافرىقا چوڭ قۇرۇقلۇقى ئەركىن سودا رايونى كېلىشىمى ئىمزالىدى. 2022-يىلى 11-ئايغىچە 44 ئەزا دۆلەت تەستىقنامىنى تاپشۇردى. بۇ كېلىشىم دۇنيا سودا تەشكىلاتى قۇرۇلغاندىن بۇيان، قاتناشقان دۆلەتلەر ئەڭ كۆپ ئەركىن سودا كېلىشىمى بولۇپ قالدى. ئافرىقا چوڭ قۇرۇقلۇقى ئەركىن سودا رايونى 2019-يىلى 7-ئايدا رەسمىي قۇرۇلۇپ، 2021-يىلى 1-ئايدا ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى.

يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يامرىغان ۋە دۇنيا ئىقتىسادى ئاستا ئەسلىگە كېلىۋاتقان ئارقا كۆرۈنۈشتە، ئافرىقا چوڭ قۇرۇقلۇقى ئەركىن سودا رايونى قۇرۇلۇشىنىڭ نەتىجىسى يەنىلا ياخشى بولدى: ئەركىن سودا رايونى كېلىشىمىنىڭ ئالدىنقى ئىككى باسقۇچلۇق سۆھبىتى ئاساسىي جەھەتتىن تاماملاندى. بۇنىڭ ئىچىدە ئىككىنچى باسقۇچلۇق سۆھبەت بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى، مەبلەغ سېلىش ۋە رىقابەت سىياسىتىگە چېتىلىدۇ. ئۈچىنچى باسقۇچتىكى سۆھبەت جىددىي ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ، «رەقەملىك سودا كېلىشىمنامىسى»، «ئاياللار ۋە ياشلار سودا كېلىشىمنامىسى»نى قاراپ چىقىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. سودا تەننەرخىنىڭ تۆۋەنلىشىدىن ئۈمىد بار.

2022-يىلى 1-ئايدا، ئافرىقا چوڭ قۇرۇقلۇقى ئەركىن سودا رايونى كاتىبات باشقارمىسى ئافرىقا ئىمپورت-ئېكسپورت بانكىسى قاتارلىق ئاپپاراتلار بىلەن بىرلىشىپ گانانىڭ پايتەختى ئاكرادا پان ئافرىقا چىقىم راسچوت سىستېمىسىنى ئېلان قىلدى. بۇ سىستېما ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ ئۆز دۆلىتىنىڭ پۇلىنى ئىشلىتىپ ئافرىقا چوڭ قۇرۇقلۇقىدا ۋاقتىدا، بىخەتەر ۋە تېز چىقىم قىلىشىنى قوللاپ، ئۈچىنچى تەرەپنىڭ پۇلىغا تايىنىشنى ئازايتىدۇ، مۆلچەرلىنىشىچە ھەر يىلى ئافرىقا چوڭ قۇرۇقلۇقى ئۈچۈن بەش مىليارد ئامېرىكا دوللىرى چىقىم تەننەرخىنى تېجەپ بېرىدىكەن. سودىنى تۇتاشتۇرۇشتا پائال ئىلگىرىلەش بولدى. 2022-يىلى 7-ئايدا، ئافرىقا چوڭ قۇرۇقلۇقى ئەركىن سودا رايونى كېلىشىمى رامكىسىدا، رىۋاندا، كامېرون، مىسىر، گانا، كېنىيە، ماۋرىتىئۇس ۋە تانزانىيەدىن ئىبارەت يەتتە دۆلەت سودا سىناق نۇقتىسى قىلىشقا تاللاندى.

ئافرىقا چوڭ قۇرۇقلۇقى ئەركىن سودا رايونى كاتىبات باشقارمىسى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ ھەرىكەت ئافرىقىنىڭ ئىچكى سودا مۇھىتى، قانۇن ۋە سودا سىياسىتى ئاساسىنى سىناشنى مەقسەت قىلىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، بەزى ئافرىقا دۆلەتلىرىمۇ چاقىرىققا ئاۋاز قوشۇپ، ئالاقىدار سىياسەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈردى. مەسىلەن، نىگېرىيە ئەركىن سودا رايونى ئەنيېبا ئىقتىساد شەھىرىنى يولغا قويدى، شەھەر ئىچىدە پىششىقلاپ ئىشلەنگەن ياكى قۇراشتۇرۇلغان مەھسۇلاتلار باجسىز ھالدا پۈتكۈل ئافرىقا بازارلىرىغا سېتىلدى. دۇنيا بانكىسى بىلەن ئافرىقا ئەركىن سودا رايونى كاتىبات باشقارمىسى بۇنىڭدىن ئىلگىرى دوكلات ئېلان قىلىپ، ئەركىن سودا رايونى كېلىشىمى تولۇق يولغا قويۇلغان، مەبلەغ سېلىش ۋە رىقابەت قېلىپلاشتۇرۇلغان ئەھۋالدا، 2035-يىلىغا بارغاندا ئافرىقىنىڭ 571 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى كىرىمىنى ئاشۇرۇپ، يېڭىدىن 18 مىليون ئىش ئورنىنى كۆپەيتىپ، %2.5 ئەمگەك كۈچىنىڭ گۈللەنمە كەسىپلەرگە كىرىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، 50 مىليون كىشىنى ئېغىر نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشتىن ئۈمىد بار، دېگەن.

جۇڭگو ئافرىقا تەتقىقات يۇرتى ئىقتىساد تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ياڭ باۋرۇڭ مۇنداق دېدى: ئافرىقا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ ئەركىن سودا رايونى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشى مۇتلەق كۆپ ساندىكى ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ بىرلىشىپ ئۆزىنى كۈچەيتىش، ئۆز ئالدىغا تەرەققىي قىلىشتىن ئىبارەت بۇ ئاچقۇچلۇق قارالمىغا قايتىپ كەلگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئافرىقا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ بىرلىككە كەلگەن چوڭ بازار قۇرۇپ، تەرەققىياتتىكى كەمتۈكلۈكنى تولۇقلاشقا بولغان تونۇشى ۋە ئەمەلىيىتىنى كۈچەيتتى. دۇنيا مىقياسىدىن قارىغاندا، ئافرىقا چوڭ قۇرۇقلۇقى نوپۇسى كۆپ، كۆلىمى زور بازار بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئەركىن سودا رايونى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە كۈچ چىقاردى، بۇ ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشى ۋە دۇنيا ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىقىغا نىسبەتەن بىر ئاكتىپ سىگنال بولۇپ، قىسمەن دۆلەتلەرنىڭ «مۇناسىۋەتنى ئۈزۈش»، «زەنجىرنى ئۈزۈش» قاتارلىق سۆزلىرىگە قايتۇرما زەربە بەردى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئافرىقا چوڭ قۇرۇقلۇقى ئەركىن سودا رايونى قۇرۇلۇشىمۇ 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىنكى رايون ھەمكارلىقىدىكى بەزى پايدىلىق تەجرىبىلەردىن ئۆرنەك ئالغان بولۇپ، رايون ۋە دۇنيانىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق. دۇنيادىكى تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر ئەڭ مەركەزلەشكەن چوڭ قۇرۇقلۇق بولغان ئافرىقا چوڭ قۇرۇقلۇقى ئەركىن سودا رايونى قۇرۇلۇشىدا يەنىلا نۇرغۇن خىرىسقا دۇچ كەلمەكتە.

ئافرىقا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ 36-نۆۋەتلىك باشلىقلار يىغىنىدا، ئافرىقا ئەللىرى ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ رەئىسى فاكى مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: خەلقئارا ۋەزىيەت ئېنىقسىزلىققا تولۇش، جۇغراپىيەلىك سىياسىي توقۇنۇش كەسكىنلىشىش، دۇنيا ئىقتىسادىنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى خىرىسقا دۇچ كېلىش قاتارلىق ئامىللار ئافرىقىغا چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئۇ ئافرىقا رەھبەرلىرىنى ئافرىقا چوڭ قۇرۇقلۇقى ئەركىن سودا رايونى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش، ئافرىقىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش ۋە ئافرىقا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ «2063-يىل قارالمىسى» قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئافرىقىنىڭ ئەمەلگە ئاشۇرماقچى بولغان ئاساسلىق نىشانىغا كۆڭۈل بۆلۈشكە مۇراجىئەت قىلدى.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگو-ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى،«بىر بەلباغ بىر يول»نى تەڭ قۇرۇش قاتارلىق مېخانىزملارنىڭ يېتەكچىلىكىدە، جۇڭگو بىلەن ئافرىقا ئاساسىي قۇرۇلۇش، سەھىيە، مائارىپ، يېزا ئىگىلىكى، مۇھىت ئاسراش قاتارلىق ساھەلەردە ھەر تەرەپلىمە ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇپ، ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ ئۇل ئەسلىھە ۋە سودىنى قولايلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈرۈپ، ئافرىقا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ ئەركىن سودا رايونى قۇرۇلۇشىغا كۈچ قوشتى. خۇددى نىگېرىيە جۇڭگو تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى چارلىز ئونۇنايىجۇ ئېيتقاندەك، ئافرىقا چوڭ قۇرۇقلۇقى ئەركىن سودا رايونىنىڭ رەسمىي قۇرۇلۇشى ئافرىقىنىڭ بىر گەۋدىلىشىش مۇساپىسىدىكى ئابىدىلىك ئىش.

جۇڭگو يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئىلگىرى سۈرگەن جۇڭگو-ئافرىقا ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ھەمكارلىقى ۋە «بىر بەلباغ بىر يول» قۇرۇلۇشى ئافرىقىنىڭ تەرەققىيات مەنزىلىگە تامامەن ماس كېلىدۇ، ئافرىقا جۇڭگونىڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىغا داۋاملىق مەبلەغ سېلىپ، رايون ئالاقىسىنى راۋانلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، جۇڭگو 2009-يىلىدىن باشلاپ ئۇدا 13 يىل ئافرىقىنىڭ 1-چوڭ سودا ھەمراھىلىق ئورنىدا مۇقىم تۇرغان. جۇڭگو ـ ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى قۇرۇلغاندىن بۇيان، جۇڭگو ئافرىقا دۆلەتلىرىگە ياردەم بېرىپ يېڭىدىن ياسىغان ۋە دەرىجىسىنى ئۆستۈرگەن تۆمۈر يول 10 مىڭ كىلومېتىردىن ئاشىدۇ، تاشيول 100 مىڭ كىلومېتىرغا يېتىدۇ، كۆۋرۈك مىڭغا، پورت 100 گە، توك يەتكۈزۈش-بېسىم ئۆزگەرتىش لىنىيەسى 66 مىڭ كىلومېتىرغا يېتىدۇ. ھازىر 52 ئافرىقا دۆلىتى ۋە ئافرىقا ئەللىرى ئىتتىپاقى كومىتېتى جۇڭگو بىلەن «بىر بەلباغ بىر يول» ھەمكارلىق ھۆججىتى ئىمزالىدى، ئافرىقا ئىتتىپاقى يىغىن مەركىزى، ئافرىقا كېسەللىكلەرنى تىزگىنلەش مەركىزى باش ئىشتابى، مومباسا نايروبى تۆمۈريولى، ئەددىس ئەبېبە-جىبۇتى تۆمۈريولى قاتارلىق بەلگە خاراكتېرلىك قۇرۇلۇشلار ئۈزلۈكسىز مەيدانغا كەلدى.

ب د ت ئافرىقا ئىقتىساد كومىتېتى ئېنېرگىيە، ئۇل ئەسلىھە ۋە مۇلازىمەت باشقارمىسىنىڭ مۇدىرى لىشىنجى مۇنداق دېدى: «بىر بەلباغ بىر يول» نى ئورتاق قۇرۇش ھەمكارلىق نەتىجىسى ئافرىقا ئەركىن سودا رايونى قۇرۇلۇشى ۋە ئىقتىساد مۇساپىسىگە نۇرغۇن پايدا ئېلىپ كەلدى.

زامبىيە داشۆسى قۇرۇلۇش ئىلمى مۇتەخەسسىسى دەنىس مۇۋابا مۇنداق دېدى: جۇڭگونىڭ ياردىمى ئافرىقىنىڭ ئالاقىنى ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇش، دۆلەت، رايون ھالقىغان ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى سەۋىيەسىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، ئافرىقىنىڭ سودا سېلىنمىسىنى قولايلاشتۇرۇپ ۋە ئىقتىسادىنى زور دەرىجىدە ئىلگىرى سۈرۈپ، ئافرىقا دۆلەتلىرىگە سانائەتلىشىش تەرەققىيات پۇرسىتى ئېلىپ كەلدى. ياڭ باۋرۇڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو بىلەن ئافرىقىنىڭ يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قەدەم قويۇشىغا ئەگىشىپ، جۇڭگونىڭ يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشى ئافرىقىنىڭ تەرەققىياتىغا تېخىمۇ كۆپ جۇڭگو پۇرسىتى ئېلىپ كېلىدۇ؛ ئافرىقا چوڭ قۇرۇقلۇقى ئەركىن سودا رايونى قۇرۇلۇشى تېزلىتىلىپ، ئافرىقا ئىقتىسادىنىڭ بىر گەۋدىلىشىشى بىلەن رايون ئىقتىسادىنىڭ يۇغۇرۇلۇشى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، جۇڭگو-ئافرىقا ھەمكارلىقىدا تېخىمۇ زور تەرەققىيات بوشلۇقى بارلىققا كېلىدۇ. كەلگۈسىدە جۇڭگو-ئافرىقا ھەمكارلىقىنىڭ بىر-بىرىنى تولۇقلاشچانلىقى تېخىمۇ گەۋدىلىنىدۇ، تەرەققىياتتىكى كەمتۈكلۈكلەرنى ئورتاق تولۇقلاش ئىقتىدارى تېخىمۇ كۈچىيىدۇ، تەرەققىيات ئارقىلىق ھەر قايسى ساھەلەردىكى خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇشتىكى ئورتاق تونۇش تېخىمۇ كۆپىيىدۇ. يېڭى ۋەزىيەتتە، جۇڭگو بىلەن ئافرىقا يېڭى بىر نۆۋەتلىك تېخنىكا ئىنقىلابى ئېلىپ كەلگەن پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، كەسىپ تېخنىكا ھەمكارلىقىغا تۈرتكە بولۇپ، تەرەققىيات ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ دۇنيا ئىقتىسادى ۋە كەسىپ تەقسىماتىدىكى ئورنىنى ئۆستۈرۈپ، جۇڭگو ئافرىقا خەلقىگە بەخت يارىتىشى كېرەك.

تەرجىمان:ئەنۋەر ئەركىن

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ئافرىقا چوڭ قۇرۇقلۇقى ئەركىن سودا رايونى قۇرۇلۇشىنىڭ ئىستىقبالى پارلاق

يېقىندا يېپىلغان ئافرىقا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ 36-نۆۋەتلىك باشلىقلار يىغىنىدا، «ئەركىن سودا رايونى» يىغىنغا قاتناشقان ھەر قايسى تەرەپلەر قىزغىن مۇنازىرە قىلغان مەزمۇنغا ئايلاندى. بۇ نۆۋەتلىك يىغىندا «ئافرىقا چوڭ قۇرۇقلۇقى ئەركىن سودا كېلىشىمى يىلى: ئافرىقا چوڭ قۇرۇقلۇقى ئەركىن سودا رايونىنىڭ يولغا قويۇلۇشىنى تېزلىتىش» باش تېما قىلىنىپ، ئافرىقا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ ئىقتىسادنى ئىلگىرى سۈرۈش ئىرادىسى نامايان قىلىندى.