ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

پۇتىن: سېيمور ھېرىشنىڭ ئامېرىكا ئاخبارات ئورگانلىرى «شىمالىي ئېرىق» تەبىئىي گاز تۇرۇبا يولىنى بۇزۇشقا قاتناشقان دېگەن يەكۈنىگە قوشۇلىمەن

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2023-03-27 10:20

رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن 3-ئاينىڭ 25-كۈنى رۇسىيە تاراتقۇلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: مەن ئامېرىكىنىڭ تەكشۈرۈش مۇخبىرى سېيمور ھېرىشنىڭ «شىمالىي ئېرىق» تەبىئىي گاز تۇرۇبا يولى ۋەقەسى توغرىسىدىكى ماقالىسى، يەنى ئامېرىكا ئاخبارات ئورگانلىرى «شىمالىي ئېرىق» تەبىئىي گاز تۇرۇبا يولىنى بۇزۇشقا قاتناشقان دېگەن يەكۈنىگە تامامەن قوشۇلىمەن. ئۇ يەنە مۇنداق دېدى:«شىمالىي ئېرىق» تەبىئىي گاز تۇرۇبا يولى ۋەقەسىنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى بىلىش ناھايىتى تەس، لېكىن ھەقىقىي ئەھۋال ھامان ئاشكارىلىنىدۇ.

سېيمور ھېرىش يېقىندا تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا ئامېرىكىنىڭ «شىمالىي ئېرىق» تەبىئىي گاز تۇرۇبا يولىنى بۇزۇشنى پىلانلىغانلىقىدىن ھەيران قالمىدىم دېدى. ئۇ مۇنداق دەپ قارىدى: ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قىلمىشىغا بىر تەرەپتىن رۇسىيەنى قورقۇتماقچى بولغانلىقى، يەنە بىر تەرەپتىن گېرمانىيەنىڭ ئۇكرائىناغا تېخىمۇ كۆپ قورال بېرىشنى رەت قىلىشىدىن ئەنسىرىگەنلىكى سەۋەب بولغان.

تەرجىمان: دىلناز تۇرسۇن

中央广播电视总台 央广网 版权所有

پۇتىن: سېيمور ھېرىشنىڭ ئامېرىكا ئاخبارات ئورگانلىرى «شىمالىي ئېرىق» تەبىئىي گاز تۇرۇبا يولىنى بۇزۇشقا قاتناشقان دېگەن يەكۈنىگە قوشۇلىمەن

مەن ئامېرىكىنىڭ تەكشۈرۈش مۇخبىرى سېيمور ھېرىشنىڭ «شىمالىي ئېرىق» تەبىئىي گاز تۇرۇبا يولى ۋەقەسى توغرىسىدىكى ماقالىسى، يەنى ئامېرىكا ئاخبارات ئورگانلىرى «شىمالىي ئېرىق» تەبىئىي گاز تۇرۇبا يولىنى بۇزۇشقا قاتناشقان دېگەن يەكۈنىگە تامامەن قوشۇلىمەن.