ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئامېرىكا ناشۋىل باشلانغۇچ مەكتىپىدىكى ئوققا تۇتۇش دېلوسىنى تەكشۈرۈشنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالى ئېلان قىلىندى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2023-03-29 15:35

ئامېرىكا ناشۋىل باشلانغۇچ مەكتىپىدىكى ئوققا تۇتۇش دېلوسىنى تەكشۈرۈشنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالى ئېلان قىلىندى: جىنايەت گۇماندارى ئاز دېگەندە ئىككى مىلتىق، بىر تاپانچا ئېلىپ يۈرگەن

ئامېرىكا تېننېسسى ئىشتاتىنىڭ ناشۋىلدىكى بىر باشلانغۇچ مەكتەپتە 3-ئاينىڭ 27-كۈنى ئوققا تۇتۇش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، ئالتە ئادەم زىيانكەشلىككە ئۇچرىدى. شۇ جايدىكى ساقچى دائىرىلىرىنىڭ 3-ئاينىڭ 28-كۈنى ئېلان قىلىشىچە، قاتىل شۇ جايدىكى 28 ياشلىق ئايال بولۇپ، ئۇ ئىلگىرى بۇ باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇغان، دېلو سادىر قىلىش مۇددىئاسى تەكشۈرۈلۈۋېتىپتۇ. ساقچىلارنىڭ ئېيتىشىچە، قاتىل ئاز دېگەندە ئىككى  مىلتىق، بىر تاپانچا ۋە «كۆپ مىقداردىكى ئوق-دورا»نى ئېلىپ يۈرگەن. تەكشۈرگۈچىلەر يەنە ئۇنىڭ ئۆيىدىن «بىر دانە سۇنۇپ كەتكەن ئوۋ مىلتىقى، يەنە بىر دانە ئوۋ مىلتىقى ۋە باشقا ئىسپاتلار»نى قولغا چۈشۈرگەن.

ئامېرىكا «قورال-ياراغ زوراۋانلىقى ئارخىپى» تور بېكىتىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 3-ئاينىڭ 28-كۈنىگىچە، بۇ يىل ئامېرىكىدا 10 مىڭغا يېقىن ئادەم قورال-ياراغ زوراۋانلىقى سەۋەبىدىن ھاياتىدىن ئايرىلغان، بۇنىڭ ئىچىدە 400 دىن ئارتۇق بالا ۋە ياش-ئۆسمۈر بار ئىكەن.

تەرجىمان: ئىمىنجان ئىسمايىل

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ئامېرىكا ناشۋىل باشلانغۇچ مەكتىپىدىكى ئوققا تۇتۇش دېلوسىنى تەكشۈرۈشنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالى ئېلان قىلىندى

ئامېرىكا تېننېسسى ئىشتاتىنىڭ ناشۋىلدىكى بىر باشلانغۇچ مەكتەپتە 3-ئاينىڭ 27-كۈنى ئوققا تۇتۇش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، ئالتە ئادەم زىيانكەشلىككە ئۇچرىدى. شۇ جايدىكى ساقچى دائىرىلىرىنىڭ 3-ئاينىڭ 28-كۈنى ئېلان قىلىشىچە،