خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى: پارىژ ئولىمپىك مۇسابىقىسى مەيدان-سارايلىرى ۋە تاراتقۇلار كەنتى قۇرۇلۇشىدا پائال ئىلگىرىلەش بولدى، دېدى
خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى 3-ئاينىڭ 29-كۈنى: پارىژ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ مەيدان-سارايلىرى ۋە تاراتقۇلار كەنتى قۇرۇلۇشىدا پائال ئىلگىرىلەشلەر بولدى، ھازىرغىچە 3 مىليون 500 مىڭ پارچە بېلەت سېتىلدى، دېدى. ھازىر پارىژ ئولىمپىك مۇسابىقىسى پىدائىيلارنى قوبۇل قىلىشقا باشلىدى ھەمدە ھالقىلىق سىناق پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرىدۇ.
تەرجىمان: ئىمىنجان ئىسمايىل