ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى ئۇكرائىنا يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى توشۇش توغرىسىدا پولشا قاتارلىق بەش دۆلەت بىلەن كېلىشىم ھاسىل قىلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2023-04-30 15:23

ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى 4-ئاينىڭ 28-كۈنى بۇلغارىيە، ۋېنگىرىيە، پولشا، رومىنىيە ۋە سىلوۋاكىيە بىلەن ئۇكرائىنا يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى چۆرىدەپ پىرىنسىپال كېلىشىم ھاسىل قىلغانلىقىنى جاكارلىدى. بۇ-ئۇكرائىنا يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى بۇ دۆلەتلەر ئارقىلىق داۋاملىق سىرتقا توشۇسا بولىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ ئىجرائىيە مۇئاۋىن رەئىسى دومبروۋسىكىس شۇ كۈنى تىۋىتتېردا يۇقىرىقى بەش دۆلەت بىلەن پىرىنسىپال كېلىشىم ھاسىل قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى بەش دۆلەتنىڭ دېھقانلىرىنى 100 مىليون ياۋرو بىلەن قوللايدۇ ھەمدە باشقا تەدبىرلەر ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ئەرزان باھالىق ئۇكرائىنا يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ تەسىرىگە تاقابىل تۇرۇشىغا ياردەم بېرىدۇ.

تەرجىمان: دىلناز تۇرسۇن

中央广播电视总台 央广网 版权所有