ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

رۇسىيەنىڭ بريانسك ئوبلاستىدا يەنە بىر قېتىم يۈك پويىزى رېلىستىن چىقىپ كېتىش ۋەقەسى يۈز بەردى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2023-05-03 11:06

پولشا دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى 5-ئاينىڭ 2-كۈنى، رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ شۇ كۈنى پولشانىڭ رۇسىيەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ ۋاقىتلىق ۋاكالەتچىسىنى چاقىرىتىپ، پولشا ھۆكۈمىتىنىڭ رۇسىيەنىڭ پولشادا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ مەكتىپى تۇرۇشلۇق ئىمارەتنى ئۆتكۈزىۋالغانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈرگەنلىكىنى دەلىللىدى.

4-ئاينىڭ 29-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، پولشانىڭ ۋارشاۋادىكى ساقچىلىرى رۇسىيەنىڭ پولشادا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىغا قاراشلىق بىر مەكتەپكە باستۇرۇپ كىرگەن، ئارقىدىن پولشا دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى ۋارشاۋا شەھەرلىك ھۆكۈمەت سوت مەھكىمىسىنىڭ ھۆكۈمىگە ئاساسەن بۇ مەكتەپنى ئۆتكۈزۈۋالدى دېدى. رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى پولشانى «ۋيېنا دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئەھدىنامىسى»گە خىلاپلىق قىلدى دەپ ئەيىبلەپ، رۇسىيە بۇنىڭغا قاتتىق ئىنكاس قايتۇرىدۇ، دېدى.

ئۇكرائىنا ئالىي راداسى 5-ئاينىڭ 2-كۈنى ئۇرۇش ھالىتى ۋە ئومۇميۈزلۈك سەپەرۋەرلىك بۇيرۇقىنى ئۇزارتىش توغرىسىدىكى ئىككى قانۇن لايىھەسىنى ماقۇللىدى. ئۇكرائىنانىڭ ئۇرۇش ھالىتى ۋە ئومۇميۈزلۈك سەپەرۋەرلىك بۇيرۇقى 2023-يىلى 5-ئاينىڭ 20-كۈنىدىن باشلاپ يەنە 90 كۈن ئۇزارتىلىدۇ. بۇلتۇردىن بۇيان، ئۇكرائىنا دۆلەتنىڭ ئۇرۇش ھالىتى ۋە ئومۇمىي سەپەرۋەرلىك بۇيرۇقىنى كۆپ قېتىم ئۇزارتتى.

رۇسىيەنىڭ بريانسك ئوبلاستىدا 5-ئاينىڭ 2-كۈنى كەچتە يەنە بىر قېتىم يۈك پويىزى رېلىستىن چىقىپ كېتىش ۋەقەسى يۈز بەردى، ھازىرچە ئۆلۈم-يېتىم ھەققىدە دوكلات يوق. بريانسك ئوبلاستىنىڭ باشلىقى: بۇ ۋەقە ئېنىق بولمىغان بىر پارتلاتقۇچ قۇرۇلمىسىنىڭ سنېژېج ۋوگزالى ئەتراپىدا پارتلىغانلىقىدىن كېلىپ چىقتى دېدى. بۇنىڭدىن بىر كۈن ئىلگىرى، بريانسك ئوبلاستىدىكى بىر بۆلەك رېلىستا پارتلاش يۈز بېرىپ، بىر يۈك پويىزىنىڭ بىر پاراۋۇزى ۋە يەتتە ۋاگونى رېلىستىن چىقىپ كەتكەن، ئۆلۈم-يېتىم بولمىغان.

تەرجىمان: ئامانگۈل ھەبىبۇللا

中央广播电视总台 央广网 版权所有