ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

سۇداندىكى توقۇنۇشۇۋاتقان تەرەپلەر ۋەكىللىرى ئۇرۇش توختىتىش ھەققىدە تۇنجى قېتىم سۆزلەشتى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2023-05-09 16:57

سۇداندىكى توقۇنۇشۇۋاتقان تەرەپلەر ۋەكىللىرى 5-ئاينىڭ 6-كۈنى سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ غەربىدىكى پورت شەھىرى جىددە شەھىرىدە سۆزلىشىپ، سۇداندا ئىنسانپەرۋەرلىك يۈزىسىدىن ئۇرۇش توختىتىش قاتارلىق قارالمىلارنى مۇزاكىرە قىلدى. جامائەتچىلىك بىردەك: بۇ-ئىككى تەرەپنىڭ تۇنجى قېتىم بىۋاسىتە سۆزلىشىشى دەپ قارىدى. سەئۇدى ئەرەبىستانى بىلەن ئامېرىكىنىڭ شۇ كۈنى ئەتىگەندە ئېلان قىلغان بىر بىرلەشمە باياناتىدا مۇنداق دېيىلدى: سۇدان قوراللىق قىسمى بىلەن تېز ياردەم قىسمىنىڭ بۇ قېتىمقى «سۆھبەتتىن بۇرۇنقى سۆزلىشىش»نى قانات يايدۇرۇشىنى قارشى ئالىمىز. باياناتتا يەنە سۆزلىشىشتە پەقەت ئىنسانپەرۋەرلىك يۈزىسىدىن ئۇرۇش توختىتىش قاتارلىق قارالمىلارلا مۇزاكىرە قىلىنىدۇ، ئىككى تەرەپنىڭ ئۇرۇش توختىتىش قارالمىسىغا چېتىلمايدۇ دەپ تەكىتلەندى. سۇداندىكى توقۇنۇشۇۋاتقان ئىككى تەرەپ ئىلگىرى كۆپ قېتىم ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ھاسىل قىلغان بولسىمۇ، لېكىن بىرەرسىمۇ قاتتىق ئىجرا قىلىنمىدى، خارتۇم ۋە ئېنتۇمەن قاتارلىق شەھەرلەردە يەنىلا پات-پات قوراللىق توقۇنۇش يۈز بېرىپ تۇردى. نۇرغۇن تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 5-ئاينىڭ 6-كۈنى سۆزلەشكەن كۈنى خارتۇمدا يەنىلا ھاۋا ھۇجۇمى ۋە ئېتىشىش يۈز بەرگەن.

ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقى 5-ئاينىڭ 6-كۈنى قاھىرەدە دائىمىي تۇرۇشلۇق ۋەكىللەر جىددىي يىغىنى ئېچىپ، سۇدان توقۇنۇشى ۋە سۇرىيەنىڭ ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقىغا قايتىپ كېلىش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى. بۇ قېتىمقى يىغىنغا مىسىر رىياسەتچىلىك قىلدى، سۇدان ۋە سۇرىيەدىن كەلگەن ۋەكىللەر يىغىنغا قاتناشتى.

تەرجىمان: ئامانگۈل ھەبىبۇللا

中央广播电视总台 央广网 版权所有