ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

سۇرىيە ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقىغا قايتىپ كەلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2023-05-10 09:01

ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقى 5-ئاينىڭ 7-كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، شۇ كۈنى قاھىرەدە ئېچىلغان دىپلوماتىيە مىنىستىرى دەرىجىلىكلەر ئالاھىدە يىغىنىدا سۇرىيەنىڭ ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزالىق سالاھىيىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە قوشۇلۇشنى قارار قىلغانلىقىنى بىلدۈردى. ھەمدە داۋاملىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، سۇرىيەنىڭ كىرىزىستىن قۇتۇلۇشىغا ياردەم بېرىش زۆرۈر، دېدى.

يىغىندا يەنە ئىيوردانىيە، سەئۇدى ئەرەبىستانى، ئىراق، لىۋان، مىسىر ۋە ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ باش كاتىپىدىن تەشكىللەنگەن مىنىستىر دەرىجىلىكلەر كومىتېتى قۇرۇش، «سۇرىيە ھۆكۈمىتى بىلەن داۋاملىق بىۋاسىتە سۆزلىشىپ، سۇرىيە كىرىزىسىنى ئومۇميۈزلۈك ھەل قىلىش لايىھەسىنى ھاسىل قىلىش» ماقۇللاندى.

سۈرىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: بۇ بارلىق ئەرەب ئەللىرىنىڭ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن، ئەرەب خەلقىنىڭ بىخەتەرلىكى، مۇقىملىقى، گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا پايدىلىق.

2011-يىلى سۇرىيە كىرىزىسى پارتلىغاندىن كېيىن، ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقى سۇرىيەنىڭ ئەزالىق سالاھىيىتىنى توختاتقان، نۇرغۇن ئەرەب دۆلىتى سۇرىيەدىكى باش ئەلچىخانىلىرىنى تاقىغان.

تەرجىمان: قۇرباننىسا جاپپار

中央广播电视总台 央广网 版权所有