ياپونىيە ئاممىسى يىغىلىش ئۆتكۈزۈپ يەتتە دۆلەت گۇرۇھى خىروشىما باشلىقلار يىغىنىغا قارشى تۇردى
يەتتە دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنى پات ئارىدا ياپونىيەنىڭ خىروشىمادا ئۆتكۈزۈلىدۇ، ياپونىيەنىڭ باش ۋەزىرى فۇمىئو كىشىدا 5-ئاينىڭ 13-كۈنى خىروشىماغا بېرىپ باشلىقلار يىغىنىنىڭ تەييارلىق ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈردى، ئامما شۇ كۈنى خىروشىمادا يىغىلىش ئۆتكۈزۈپ، بۇ قېتىمقى يەتتە دۆلەت گۇرۇھى خىروشىما باشلىقلار يىغىنىغا قاتتىق قارشى تۇردى.
ياپونىيە شەھەر ئاھالىلىرى تەشكىلاتى «تىنچلىق ئامبىرى» كېڭىشىنىڭ ئەزاسى مۇمۇكۋون نۇتقىدا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: يەتتە دۆلەت گۇرۇھىغا ئەزا دۆلەتلەر تىنچ ئوكيان رايونىدىكى بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرنى كۈچەيتتى، ياپونىيە يەنە ئاتالمىش «تەيۋەننىڭ ئىشى ياپونىيەنىڭ ئىشى» دەپ داۋراڭ سالدى، بۇ ھەم بىمەنىلىك ھەم خەتەرلىك.
ياپونىيە خىروشىما شەھەرلىك داشۆنىڭ پېنسىيەگە چىققان پىروفېسسورى تاناكا نۇتۇقىدا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ياپونىيە جۇڭگو، چاۋشيەن يېرىم ئارىلى قاتارلىق ئاسىيا دۆلەتلىرى ۋە رايونلىرىغا رەھىمسىزلەرچە تاجاۋۇز قىلغان، ياپونىيە ئاتوم بومبىسىنىڭ بومباردىمانىغا ئۇچرىغان بىردىنبىر زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى دۆلەت ئىكەنلىكىنى قايتا-قايتا تەكىتلەپ، ئۆزىنىڭ زىيانكەشلىك قىلغۇچى دۆلەت بولۇشتەك رەزىل تارىخىنى قەستەن يوشۇردى. ھازىر ياپونىيە يەنە ئاتوم بومبىسىنىڭ بومباردىمانىغا ئۇچرىغان خىروشىمادىن پايدىلىنىپ سىياسىي خاراكتېرلىك يەتتە دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنى ئۆتكۈزمەكچى. خىروشىما خەلقى ئويغىنىشى كېرەك.
يىغىلىشنى ئۇيۇشتۇرغۇچى تەرەپ: 5-ئاينىڭ 14-كۈنى خىروشىما تىنچلىق خاتىرە باغچىسىدىن يولغا چىقىپ، كوچىنى بويلاپ مېڭىپ ئېتىراز بىلدۈرۈش پائالىيىتى ئۆتكۈزىمىز، دېدى.
تەرجىمان: ئادىل ئابلەت