ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

قىرغىزىستاننىڭ يېڭى شىمال-جەنۇب تاشيولى ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن جۇڭگونىڭ ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىقىغا تۈرتكە بولدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2023-05-17 08:49

قىرغىزىستان دۆلەتلىك ئىستراتېگىيە تەتقىقاتخانىسىنىڭ تاشقى ئىشلار مەسلىھەتچىسى شېلادىر يېقىندا مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: يېڭى شىمال-جەنۇب تاشيولى دۆلەتلەر ئارا ھەمكارلىق ۋە خەلقئارا سودىنىڭ مۇھىم تۈگۈنىگە ئايلىنىدۇ، بۇ-قىرغىزىستان، قازاقىستان، رۇسىيەنىڭ جۇڭگو بىلەن بولغان ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشكە پايدىلىق.

شېلادىر مۇنداق دېدى: يول ئالاقىسىنى ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇش «بىر بەلباغ، بىر يول»تەشەببۇسىدىكى نىشانلارنىڭ بىرى. ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى ئارىسىدىكى تاشيول تىرانسپورت كارىدورى ئېچىلماقتا، قىرغىزىستان، قازاقىستان، ئۆزبېكىستان، تاجىكىستان ۋە تۈركمەنىستان جۇڭگو بىلەن ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدىكى ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرماقتا.

قىرغىزىستان تاغ كۆپ ئىچكى قۇرۇقلۇق دۆلىتى. شىمالىي قىسىمدىكى پايتەخت بىشكەكتىن جەنۇبىي قىسىمدىكى شەھەر ئوش، جالالئابادقىچە بولغان جايلار بۇ دۆلەتنىڭ مۇھىم ئىقتىساد بەلبېغى ھېسابلىنىدۇ. ئەمما شىمال بىلەن جەنۇبنى تۇتاشتۇرىدىغان كونا تاشيول ئۇزۇن يىل رېمونت قىلىنمىغاچقا، قاتناش راۋان ئەمەس ئىدى.

يېڭى شىمال-جەنۇب تاشيولىنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 433 كىلومېتىر بولۇپ، تۈر ئۈچ باسقۇچقا بۆلۈپ ئېلىپ بېرىلىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە 1-،2-باسقۇچلۇق قۇرۇلۇشنى جۇڭگو يول-كۆۋرۈك شىركىتى ھۆددىگە ئالغان بولۇپ، 2021-يىلى پۈتكەن. ھازىر 3-باسقۇچلۇق قۇرۇلۇش ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ. بۇ تۈر پۈتكەندىن كېيىن، ئۇ قىرغىزىستاننىڭ جەنۇبى بىلەن شىمالىنى تۇتاشتۇرىدىغان قاتناش تومۇرىغا، ھەتتا ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدىكى مۇھىم خەلقئارا قاتناش تۈگۈنىگە ئايلىنىدۇ.

شېلادىر مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: «بىر بەلباغ، بىر يول»تەشەببۇسىنىڭ پايدىسى بىلەن قىرغىزىستان بىلەن جۇڭگونىڭ سودا سوممىسى ئۆتكەن 10يىلدا ئىزچىل ئاشتى. يېڭى شىمال-جەنۇب تاشيولى ھازىرقى بىشكەك-ئوش تاشيولىنىڭ مۇساپىسىنىڭ يېرىمىنى قىسقارتتى، بۇ جۇڭگودىن مال ئىمپورت قىلىش، قىرغىزىستاننىڭ شىمالىي قىسمىدىن جەنۇبىي قىسمىغىچە بولغان تىرانسپورت تەننەرخىنىڭ يېرىمىنى قىسقارتىشنى مۇمكىنچىلىككە ئىگە قىلدى.

قىرغىزىستان قاتناش تىرانسپورت مىنىستىرلىقى ئاسىيا تەرەققىيات بانكىسى تۈرىنى يولغا قويۇش گۇرۇپپىسىنىڭ نازارەت قىلىش ۋە ئاممىۋى مۇناسىۋەت خاس خادىمى تاگې ئالىمبايېف مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: يېڭى شىمال جەنۇب تاشيولىنى ياساش «بىر بەلباغ، بىر يول»تۈرىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى. بۇ تاشيول سۇ ئېلېكتىر ئىستانسىسى قۇرۇش، چەت، يىراق تاغلىق رايونلارنىڭ كان بايلىقلىرىنى ئېچىشقا پۇرسەت يارىتىپ بېرىدۇ، لىنىيە بويىدىكى رايونلارنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدۇ، بۇ دۆلەتنىڭ تەرەققىياتىدا مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە.

جۇڭگو يول-كۆۋرۈك شىركىتىنىڭ تۈر دىرېكتورى سەي يۈ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: 2-باسقۇچلۇق قۇرۇلۇشتىكى ئىككى ئاسما كۆۋرۈك مەزكۇر دۆلەتنىڭ سۇ يىغىش كۆلىمى ئەڭ چوڭ دەرياسى نارىن دەرياسىنى توغرىسىغا كېسىپ ئۆتىدۇ، بۇ مەزكۇر تۈرنىڭ تۈگۈن خاراكتېرلىك ۋە بەلگە خاراكتېرلىك قۇرۇلۇشى بولۇپ، مەزكۇر دۆلەت چېگراسى ئىچىدە تۇنجى قېتىم جۇڭگونىڭ لايىھە ئۆلچىمى قوللىنىلغان، يېڭى تېخنىكا، يېڭى قۇرۇلما، يېڭى ھۈنەر-سەنئەت ۋە يېڭى ئۈسكۈنىلەر مۇجەسسەملەنگەن، بۇ قىرغىزىستان تاشيول قۇرۇلۇشى تارىخىدىكى بىر قېتىملىق زور بۆسۈش ھېسابلىنىدۇ.

قىرغىزىستان زۇڭتۇڭى زاپاروف تاشيول قۇرۇلۇشىنىڭ سۈپىتىنى مۇئەييەنلەشتۈردى. ئۇ 2021-يىلى 8-ئايدا ئىككى ئاسما كۆۋرۈك پۈتكەندە سۆز قىلىپ: بۇ قىرغىزىستاننىڭ «تارىخىي خاراكتېرلىك بىر كۈنى» دېگەن.

ئالىمبايېف مۇنداق دېدى: قىرغىزىستان بىلەن جۇڭگو «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسى رامكىسى ئىچىدە زىچ ھەمكارلاشتى، يەنە باشقا ئاساسىي قۇرۇلۇش تۈرلىرىنى قۇرۇشنى پىلانلىدى، مەسىلەن، جۇڭگو-قىرغىزىستان-ئۆزبېكىستان تۆمۈر يولى. بىز «بىر بەلباغ، بىر يول» تۈرى رامكىسى ئىچىدىكى ھەمكارلىقتا كونكرېت نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردۇق. بۇ تۈرلەر قىرغىزىستاننىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا پايدىلىق ھەمدە پۈتكۈل ئوتتۇرا ئاسىيا رايونى ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان خەلقئارا تىرانسپورت كارىدورى بەرپا قىلىدۇ.

تەرجىمان: ئامانگۈل ھەبىبۇللا

中央广播电视总台 央广网 版权所有

قىرغىزىستاننىڭ يېڭى شىمال-جەنۇب تاشيولى ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن جۇڭگونىڭ ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىقىغا تۈرتكە بولدى

شېلادىر مۇنداق دېدى: يول ئالاقىسىنى ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇش «بىر بەلباغ، بىر يول»تەشەببۇسىدىكى نىشانلارنىڭ بىرى. ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى ئارىسىدىكى تاشيول تىرانسپورت كارىدورى ئېچىلماقتا، قىرغىزىستان، قازاقىستان، ئۆزبېكىستان، تاجىكىستان ۋە تۈركمەنىستان جۇڭگو بىلەن ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدىكى ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرماقتا.