ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىق زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ ئۆسۈم قوشۇش دەۋرىيلىكىنىڭ كۆپ بولۇشى ئىقتىسادىي كىرىزىس پەيدا قىلىدۇ

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2023-05-17 08:55

ئامېرىكا دوللىرى زومىگەرلىكى-ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىنكى دۇنيا سىستېمىسىنىڭ مۇھىم بىر ئالاھىدىلىكى. ئامېرىكا ئامېرىكا دوللىرى زومىگەرلىكىگە تايىنىپ، ئۆزىدە پۇل پاخاللىقى يۇقىرى بولغان ئەھۋالدا، مالىيە ۋە پۇل سىياسىتى ئارقىلىق يەرشارىغا پۇل پاخاللىقىنى چىقىرىپ، دۆلەت ئىچىدىكى مەسىلىلەرنى پۇلدىن ئىبارەت بۇ ۋاسىتە ئارقىلىق پۈتۈن دۇنياغا «سېلىق قىلىپ تاڭماقچى بولدى». ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىق زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ ھەدەپ ئۆسۈم قوشۇشىنىڭ ئارقىسىغا ئامېرىكىنىڭ ئامېرىكا دوللىرى زومىگەرلىكى قاتارلىق «زەھەر تازىلاش قورالى»دىن پايدىلىنىپ، كىرىزىسنى سىرتقا ئارتىپ قويۇشنى تېزلىتىش چوتى يوشۇرۇنغان. بۇنداق ئىشلار كۆپ يۈز بەرگەن.

20-ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىدا، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىق زاپاس پۇل كومىتېتى ئۇزاق مۇددەت تۆۋەن ئۆسۈم سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، مەبلەغ سېلىش ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تۈرتكە بولغان، لاتىن ئامېرىكىسىدىكى بەزى دۆلەتلەر پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ زور مىقداردا تۆۋەن ئۆسۈملۈك ئامېرىكا دوللىرىنى ئۆتنە ئېلىپ، نېفىت ئېچىشقا مەبلەغ سالغان، بۇنىڭ بىلەن، لاتىن ئامېرىكىسىدىكى دۆلەتلەرنىڭ تاشقى قەرز كۆلىمى ئۈزلۈكسىز كېڭەيگەن. 20-ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىنىڭ ئاخىرىدىن 80-يىللىرىنىڭ باشلىرىغىچە، دۆلەت ئىچىدە ئىزچىل ئۆرلەۋاتقان پۇل پاخاللىقىنى توسۇش ئۈچۈن، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىق زاپاس پۇل كومىتېتى تۇيۇقسىز ھەدەپ ئۆسۈم قوشۇشقا باشلىغان، قوشما ئىشتات فوندىنىڭ ئۆسۈم نىسبىتى 1980-يىلى %20 كە يېقىنلىشىپ، ئامېرىكا دوللىرىنىڭ قىممىتى ئۆرلەپ، نېفىت باھاسى چۈشۈپ كەتكەن، ئامېرىكا دوللىرى ئۆتنە ئېلىپ نېفىت قازغان ئاشۇ لاتىن ئامېرىكىسى دۆلەتلىرى بىراقلا ئامېرىكا دوللىرى توزىقىغا چۈشۈپ قالغان، نۇرغۇن لاتىن ئامېرىكىسى دۆلەتلىرى ئارقا-ئارقىدىن قەرز قايتۇرۇش قىيىنچىلىقىغا دۇچ كەلگەن، شۇنىڭ بىلەن 80-يىللار لاتىن ئامېرىكىسىدا «قولدىن كەتكەن ئون يىل» دەپ ئاتالغان.

20-ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىنىڭ بېشىدا، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا رايونىنىڭ ئىقتىسادى گۈللىنىپ تەرەققىي قىلغان، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىق زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ كونتروللۇقىدا، زور مىقداردىكى مەبلەغ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىياغا ئېقىپ كىرگەن، نۇرغۇن دۆلەتلەردە ئىقتىسادتا زىيادە قىزىپ كېتىش ئەھۋالى كۆرۈلگەن. شۇنىڭدىن كېيىن 1994-يىلىدىن 1995-يىلىغىچە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىق زاپاس پۇل كومىتېتى 13 ئاي ئىچىدە ئۇدا يەتتە قېتىم ئۆسۈم قوشقان. ئامېرىكا دوللىرىنىڭ كۈچىيىشى بىلەن زور مىقداردىكى كاپىتال ئامېرىكىغا قايتىپ كېلىپ، 1997-يىلىدىن 1998-يىلىغىچە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا پۇل مۇئامىلە كىرىزىسىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ھالقىلىق ئامىلغا ئايلانغان.

20-ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىدا ئۇچۇر ئىنقىلابى ۋە ئىنتېرنېت كۆپۈكى ئامېرىكا پاي بازىرىنىڭ گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىق زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ ئەينى چاغدا كەڭ كۆلەمدە ئۆسۈمنى تۆۋەنلىتىش پۇل سىياسىتى ئىنتېرنېت كۆپۈكىنىڭ كاتالىزاتورى بولغان. ئىقتىسادتا زىيادە قىزىپ كېتىش ئالامەتلىرىنىڭ كۆرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىق زاپاس پۇل كومىتېتى يەنە بىر قېتىم ئۆسۈم قوشۇش دەۋرىيلىكىنى باشلىغان، 1999-يىلى 6-ئايدىن باشلاپ جەمئىي ئالتە قېتىم ئۆسۈم قوشقان. بۇ قېتىملىق ئۆسۈم قوشۇش دەۋرىيلىكىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە، بازارنىڭ ئامېرىكا پاي چېكى پايدىسىنىڭ تۆۋەنلىشىگە بولغان ئەندىشىسى كۈچىيىپ، ئىنتېرنېت كۆپۈكى يېرىلغان. ناسداكنىڭ ئۇنىۋېرسال كۆرسەتكۈچى 2000-يىلى 3-ئاينىڭ 10-كۈنىدىكى 5048.62 نۇقتىدىن 2002-يىلى 10-ئاينىڭ 4-كۈنى 1139.90 نۇقتىغا چۈشكەن، تۆۋەنلەش نىسبىتى تەخمىنەن %77 بولغان.

ئىنتېرنېت كۆپۈكى يېرىلغاندىن كېيىن، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىق زاپاس پۇل كومىتېتى ئۆسۈمنى تۆۋەنلىتىشكە باشلىغان، 2003-يىلى 7-ئايدا %1 ئەتراپىغا چۈشۈرگەن. نەتىجىدە، ئامېرىكا ئۆي مۈلۈك بازىرى مىسلىسىز گۈللەنگەن، ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ئىككىلەمچى قەرز بازىرى كېڭىيىپ، ئۆي مۈلۈك كۆپۈكى شەكىللىنىشكە باشلىغان ھەم ئۈزلۈكسىز كېڭەيگەن. يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان سىستېمىلىق پۇل مۇئامىلە خېيىم-خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىق زاپاس پۇل كومىتېتى 2004-يىلىدىن باشلاپ ھەدەپ ئۆسۈم قوشۇشقا باشلىغان، بۇ قېتىملىق ئۆسۈم قوشۇش مەزگىلىدە جەمئىي 17 قېتىم ئۆسۈم قوشقان. ھالبۇكى، ئۆسۈم نىسبىتىنىڭ زىيادە تېز ئۆرلىشى ۋە ئۆي مۈلۈك بازىرىنىڭ تېز سۈرئەتتە تۆۋەنلىشى ئۆي مۈلۈك كۆپۈكىنى بۇزۇپ تاشلاپ، سىستېمىلىق پۇل مۇئامىلە خەۋپ-خەتىرىنى گەۋدىلەندۈرگەن. 2007-يىلىدىن باشلاپ، «ئىككىلەمچى قەرز كىرىزىسى» ئامېرىكىنى قاپلاپ، ئاخىرىدا 2008-يىلىدىكى يەر شارى خاراكتېرلىك پۇل مۇئامىلە كىرىزىسىغا ئايلانغان.

2008-يىلى يەر شارى پۇل مۇئامىلە كىرىزىسىدىن كېيىن، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىق زاپاس پۇل كومىتېتى قىسقا مۇددەت ئىچىدە قوشما ئىشتات فوندى ئۆسۈم نىسبىتىنى %4.25 تىن %0.25 لىك تارىختىكى تۆۋەن نۇقتىغا چۈشۈرۈپ، ئىقتىسادنىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە تۈرتكە بولغان. 2015-يىلى 12-ئايغا كەلگەندە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىق زاپاس پۇل كومىتېتى يەنە بىر قېتىم ئۆسۈم قوشۇش دەۋرىيلىكىنى باشلىغان، 2018-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە جەمئىي توققۇز قېتىم ئۆسۈم قوشقان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، 2017-يىلى 10-ئايدا تارايتىش پىلانىنى يولغا قويۇپ، بازاردىكى پۇل ئوبوروت مىقدارىنى ئازايتقان. ئۆسۈم قوشۇش ۋە تارايتىشتىن ئىبارەت قوش رول سىرتتا مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ئېھتىياجى بىر قەدەر يۇقىرى بولغان گۈللەنمە بازار دۆلەتلىرىنى ئالدى بىلەن زەربىگە ئۇچراتقان. 2018-يىلى، ئارگېنتىنا پېسوسىنىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا بولغان پېرېۋوت نىسبىتى %50.56 چۈشۈپ، پۇل پاخاللىقى نىسبىتى %47.6 كە يەتكەن؛ بىرازىلىيە رىيالىنىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا بولغان كۇرسىنىڭ چۈشۈش نىسبىتى %20 كە يەتكەن؛ تۈركىيە لىراسىنىڭ پېرېۋوت نىسبىتى %30 چۈشۈپ كەتكەن.

2022-يىلى 3-ئايدا، پۇل پاخاللىقىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىق زاپاس پۇل كومىتېتى يېڭى بىر نۆۋەتلىك ئۆسۈم قوشۇش دەۋرىيلىكىنى باشلىدى، 2023-يىلى 5-ئايغىچە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىق زاپاس پۇل كومىتېتى 10 قېتىم ئۆسۈم قوشتى، جەمئىي ئۆسۈم قوشۇش نىسبىتى 500 ئاساسىي نۇقتىغا يەتتى. ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىق زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ بۇ نۆۋەتلىك ھەدەپ ئۆسۈم قوشۇشى رايون خاراكتېرلىك بانكا كىرىزىسىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.

2023-يىلى 3-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئامېرىكا كالىفورنىيە ئىشتاتلىق پۇل مۇئامىلىنى قوغداش ۋە يېڭىلىق يارىتىش ئىدارىسى دەسلەپ ئىگىلىك تىكلىگەن كارخانىلارغا مۇلازىمەت قىلىدىغان ئاساسلىق رايون خاراكتېرلىك بانكا كىرىمنىي جىلغىسى بانكىسىنى قانۇن بويىچە ئۆتكۈزۈۋالغانلىقىنى جاكارلىدى ھەم ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىق ئامانەت پۇل سۇغۇرتا شىركىتىنى كىرىمنىي جىلغىسى بانكىسىنىڭ ھېساباتىنى ئېنىقلاشنى باشقۇرۇشقا ئەۋەتتى، بۇنىڭغا كىرىمنىي جىلغىسى بانكىسىنىڭ يۆتكىلىشچانلىقى ۋە قەرز قايتۇرۇش ئىقتىدارى يېتەرلىك ئەمەس دېگەننى سەۋەب قىلدى. كىرىمنىي جىلغىسى بانكىسى تاقالغاندىن كېيىن، ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقى، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىق زاپاس پۇل كومىتېتى بىلەن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىق ئامانەت پۇل سۇغۇرتا شىركىتى 3-ئاينىڭ 12-كۈنى بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىپ، باش ئورگىنى نىيۇيورك شەھىرىگە جايلاشقان ئىمزا قويۇش بانكىسىنىڭ شۇ جايدىكى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئاپپاراتلىرى تەرىپىدىن تاقالغانلىقىنى جاكارلىدى. دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، ئامېرىكا رايون خاراكتېرلىك بانكا كىرىزىسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقتىن، 3-ئاينىڭ 19-كۈنى، شىۋېيتسارىيە فېدېراتسىيە ھۆكۈمىتى شىۋېيتسارىيە UBS گۇرۇھىنىڭ شىۋېيتسارىيە ئىناۋەتلىك قەرز بانكىسىنى سېتىۋالىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. بۇ-2008-يىلىدىكى خەلقئارا پۇل مۇئامىلە كىرىزىسىدىن بۇيان، يەر شارى سىستېمىسىدىكى ئىككى مۇھىم بانكىنى تۇنجى سېتىۋېلىش دېلوسى. 5-ئاينىڭ 1-كۈنىگە كەلگەندە، كالىفورنىيە ئىشتاتلىق پۇل مۇئامىلىنى قوغداش ۋە يېڭىلىق يارىتىش ئىدارىسى ئامېرىكا 1-جۇمھۇرىيەت بانكىسىنى تاقىۋەتتى، بانكا كەسپىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئاپپاراتى بولغان ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىق ئامانەت پۇل سۇغۇرتا شىركىتى ئۇنى ئۆتكۈزۈۋالدى. شۇ كۈنى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىق ئامانەت پۇل سۇغۇرتا شىركىتى مورگان چاس بىلەن ئالاقىدار كېلىشىم ئىمزالىدى، مورگان چاس بىرىنچى جۇمھۇرىيەت بانكىسىنىڭ بارلىق ئامانەت پۇلى ۋە مۇتلەق كۆپ قىسىم مۈلكىنى سېتىۋالدى. نۆۋەتتە، ئامېرىكىنىڭ رايون خاراكتېرلىك بانكا كىرىزىسى يەنىلا داۋاملىق كۈچىيىۋاتىدۇ.

تارىخ شۇنى ئىسپاتلىدىكى، ئامېرىكا ئامېرىكا دوللىرى زومىگەرلىك ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ، يەر شارى پۇل مۇئامىلە بازىرىنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ، خەۋپ-خەتەرنى باشقا دۆلەت ۋە رايونلارغا ئارتىپ قويماقچى بولدى، بۇ-دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ بىر چوڭ قالايمىقانچىلىق مەنبەسى.

تەرجىمان: ئابدۇللا موللا

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىق زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ ئۆسۈم قوشۇش دەۋرىيلىكىنىڭ كۆپ بولۇشى ئىقتىسادىي كىرىزىس پەيدا قىلىدۇ

ئامېرىكا دوللىرى زومىگەرلىكى-ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىنكى دۇنيا سىستېمىسىنىڭ مۇھىم بىر ئالاھىدىلىكى. ئامېرىكا ئامېرىكا دوللىرى زومىگەرلىكىگە تايىنىپ،