ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

رۇسىيە بېلارۇسىيەدە يادرو قورالى ئورۇنلاشتۇرۇشقا باشلىدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2023-05-30 09:25

رۇسىيەنىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى شويگۇ بىلەن بېلارۇسىيەنىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى كرېنىن 5-ئاينىڭ 25-كۈنى بېلارۇسىيەدە رۇسىيەنىڭ تاكتىكىلىق يادرو قورالى ئورۇنلاشتۇرىدىغانلىقى توغرىسىدا ھۆججەت ئىمزالىدى. شويىگۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بېلارۇسىيەدە ئورۇنلاشتۇرۇلغان تاكتىكىلىق يادرو قوراللىرىنى كونترول قىلىش ھوقۇقى يەنىلا رۇسىيەدە بولىدۇ. بېلارۇسىيە زۇڭتۇڭى لۇكاشېنكو 5-ئاينىڭ 25-كۈنى يادرو قوراللىرىنى يۆتكەش خىزمىتى شۇ كۈنى باشلاندى، دېدى. بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئاشكارىلانغان ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، رۇسىيە 7-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن ئىلگىرى بېلارۇسىيەدە تاكتىكىلىق يادرو قوراللىرىنى ساقلاش ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشىنى تاماملايدىكەن.

شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 25-كۈنى رۇسىيە ۋاگنېر ياللانما ئەسكەرلەر گۇرۇھى خەۋەر ئېلان قىلىپ، ۋاگنېر قىسىمىنىڭ ئارتيوموۋسكتىن يەنى ئۇكرائىنا ئاتايدىغان باخمۇتتىن چېكىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ۋاگنېرنىڭ ئاساسلىق كۈچى 6-ئايمىڭ 1-كۈنىدىن بۇرۇن ئارقا تەرەپ لاگېرغا يۆتكىلىدۇ ھەمدە بازىسىنى دۆلەت مۇداپىئە قىسىمىغا تاپشۇرۇپ بېرىدۇ. ئۇكرائىنا زۇڭتۇڭ ئىشخانىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى شۇ كۈنى ئۇكرائىنا قوراللىق قىسمىنىڭ قايتۇرما ھۇجۇمى نەچچە كۈن داۋاملاشتى، دېدى.

رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى 5-ئاينىڭ 25-كۈنى مۇنداق دېدى: رۇسىيە گېرمانىيە، شىۋېتسىيە ۋە دانىيەنىڭ رۇسىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسىنى چاقىرتىپ، ئۈچ دۆلەتنىڭ «شىمالىي ئېرىق» تەبىئىي گاز تۇرۇبىسى پارتلاش ۋەقەسىنى تەكشۈرۈشىنىڭ «نەتىجىسى بولمىغانلىقى»غا ئېتىراز بىلدۈردى. رۇسىيە ئۈچ دۆلەت تەكشۈرۈشنى قەستەن كېچىكتۈردى ھەمدە پارتلاش ۋەقەسىنىڭ پەردە ئارقىسىدىكى قارا قولنى يوشۇرماقچى بولدى، دېدى. رۇسىيە تەكشۈرۈشنىڭ ئاشكارىسىزلىقى ھەمدە ئۈچ دۆلەتنىڭ تەكشۈرۈشىدە رۇسىيە بىلەن ئۇچرىشىشنى رەت قىلغانلىقىدىن نارازى بولدى. رۇسىيەنىڭ ياۋروپاغا تەبىئىي گاز يەتكۈزىدىغان «شىمالىي ئېرىق» تۇرۇبىسىدا بۇلتۇر 9-ئاينىڭ ئاخىرىدا ئېقىپ كېتىش ۋەقەسى يۈز بەردى، ئېقىپ كەتكەن دېڭىز تەۋەلىكىدە سۇ ئاستىدا ئىككى قېتىم كۈچلۈك پارتلاش يۈز بەرگەنلىكى تەكشۈرۈلدى، ھەرقايسى تەرەپلەر تۇرۇبا يولى قەستەن بۇزۇۋېتىلگەن دەپ قارىدى. شۇنىڭدىن كېيىن دانىيە، شىۋېتسىيە ۋە گېرمانىيە مۇستەقىل تەكشۈرۈشنى باشلىدى. رۇسىيە كۆپ قېتىم ئورتاق تەكشۈرۈشنى مۇراجىئەت قىلغان بولسىمۇ، بىراق رەت قىلىندى.

تەرجىمان: دىلناز تۇرسۇن

中央广播电视总台 央广网 版权所有

رۇسىيە بېلارۇسىيەدە يادرو قورالى ئورۇنلاشتۇرۇشقا باشلىدى

رۇسىيەنىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى شويگۇ بىلەن بېلارۇسىيەنىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى كرېنىن 5-ئاينىڭ 25-كۈنى بېلارۇسىيەدە رۇسىيەنىڭ تاكتىكىلىق يادرو قورالى ئورۇنلاشتۇرىدىغانلىقى توغرىسىدا ھۆججەت ئىمزالىدى.