ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

سۇدان قوراللىق قىسمى بىلەن تېز ياردەم قىسمىنىڭ توقۇنۇشى شەھەر كوچا ئۇرۇشى باسقۇچىغا كىردى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2023-05-30 09:49

شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 26-كۈنى، سۇدان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، سەپتىن چېكىنگەن بارلىق ھەربىيلەر ۋە ئوفىتسېرلار ھەمدە قوراللىق ئۇرۇش قىلىش ئىقتىدارى بار پۇقرالارنى ئەڭ يېقىن ھەربىي لاگېرغا بېرىپ سۇدان قوراللىق قىسمىغا قاتنىشىشقا چاقىردى. باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: سۇدان قوراللىق قىسمى بىلەن تېز ياردەم قىسىمنىڭ توقۇنۇشى شەھەر كوچا ئۇرۇشى باسقۇچىغا كىردى، ئۇرۇش يەنە داۋاملىشىدۇ. 5-ئاينىڭ 20-كۈنى ئىككى تەرەپ مۇددىتى بىر ھەپتىلىك ۋاقىتلىق ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ئىمزالىدى. ئەمما 5-ئاينىڭ 23-كۈنى كېچىدىن باشلاپ ئىككى تەرەپ يەنە قوراللىق توقۇنۇشتى.

تەرجىمان: ئىمىنجان ئىسمايىل

中央广播电视总台 央广网 版权所有

سۇدان قوراللىق قىسمى بىلەن تېز ياردەم قىسمىنىڭ توقۇنۇشى شەھەر كوچا ئۇرۇشى باسقۇچىغا كىردى

سۇدان قوراللىق قىسمى بىلەن تېز ياردەم قىسىمنىڭ توقۇنۇشى شەھەر كوچا ئۇرۇشى باسقۇچىغا كىردى، ئۇرۇش يەنە داۋاملىشىدۇ.