سۇرىيە تاراتقۇلىرى ئامېرىكا ئارمىيەسى سۇرىيەدىن ئىراققا ئوغرىلىقچە نېفىت توشىدى، دېدى
سۇرىيە ئاگېنتلىقىنىڭ شۇ جايدىكى خەۋەردار كىشىنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ ئېيتىشىچە، 6-ئاينىڭ 1-كۈنى ئامېرىكا ئاۋۋال 40 ماي باكلىق ئاپتوموبىل ئارقىلىق سۇرىيەنىڭ شەرقىي شىمالىدىن ئوغرىلىقچە توشۇلغان نېفىتنى قانۇنسىز چېگرادىن ئۆتۈش نۇقتىسىدىن ئۆتكۈزۈپ ئىراققا توشۇغان. ئارقىدىن ئامېرىكا ئارمىيەسى 6 بىرونېۋىكىنى ئىشلىتىپ نېفىت توشۇيدىغان 9 ماي باكلىق ئاپتوموبىلنى قوغداپ چېگرادىن چىقىرىپ قويغان
تەرجىمان: دىلناز تۇرسۇن