رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى:رۇسىيە ئۇكرائىنانىڭ موسكۋاغا ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان بىلەن قىلغان ھۇجۇمىنى مەغلۇپ قىلدى، دېدى
رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى 7-ئاينىڭ 24-كۈنى مۇنداق دېدى: رۇسىيە شۇ كۈنى ئۇكرائىنانىڭ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان بىلەن موسكۋاغا قىلغان ھۇجۇمىنى مەغلۇپ قىلدى. رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: ئۇكرائىنا شۇ كۈنى سەھەردە ئىككى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان بىلەن موسكۋا شەھىرىدىكى نىشانلارغا ھۇجۇم قىلدى، ئۇكرائىنانىڭ ئىككى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانى ئېلېكتىرونلۇق ئۇرۇش ئۈسكۈنىسىنىڭ كاشىلىسىغا ئۇچرىغاندىن كېيىن چۈشۈپ كەتتى. ھۇجۇمدا ئۆلۈش-يارىلىنىش بولمىدى.
تەرجىمان: ئەنۋەر ئەركىن