ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش كۆزلىمىسىنى ئۆستۈرۈشتە يەنىلا تۆۋەنلەش خەتىرى بار

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2023-07-26 17:26

خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى 7-ئاينىڭ 25-كۈنى 2023-يىللىق دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش مۆلچەرىنى %3كە ئۆستۈردى، بۇ 4-ئايدىكى مۆلچەر قىممەتتىن 0.2 پوئىنت يۇقىرى، لېكىن شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا دۇنيا ئىقتىسادى كۆپ خىل تۆۋەنلەش خەتىرىگە دۇچ كېلىۋاتىدۇ، ئېشىش يەنىلا ئاجىز دەپ قارالدى. خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى تەرەققىي تاپقان ئىقتىسادىي گەۋدىلەرنىڭ ئېشىشى كۆرۈنەرلىك ئاستىلىدى، دەپ قارىدى، مۆلچەرلىنىشىچە ئېشىش سۈرىتى 2022-يىلىدىكى %2.7تىن 2023-يىلىدىكى %1.5كە تۆۋەنلەيدىكەن. كونكرېت ئەھۋالدىن قارىغاندا، ئامېرىكىنىڭ 2023-يىللىق ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش كۆزلىمىسى %1.8 بولغان، 2024-يىلى ئېشىش سۈرئىتى ئاستىلاپ %1.0كە چۈشىدىكەن. ياۋرو رايونىدا بۇ يىل ۋە كېلەر يىلى ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشى ئايرىم-ئايرىم ھالدا %0.9 ۋە %1.5 بولىدىكەن. خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتىنىڭ مۆلچەرلىشىچە، گۈللەنمە بازار ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان ئىقتىسادىي گەۋدىلەر داۋاملىق مۇقىم ئەسلىگە كېلىش ۋەزىيىتىنى ساقلاپ، 2023-يىلى %4 ئېشىپ، 4-ئايدىكى مۆلچەر قىممەتتىن 0.1 پوئىنت ئۆرلەيدىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتىنىڭ ئەڭ يېڭى مۆلچەرىگە ئاساسلانغاندا، جۇڭگونىڭ 2023- يىلىدىكى ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى %5.2 بولۇپ، 4-ئايدىكى مۆلچەر قىممىتى بىلەن تەڭلىشىدىكەن.

تەرجىمان: ئەنۋەر ئەركىن

中央广播电视总台 央广网 版权所有

دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش كۆزلىمىسىنى ئۆستۈرۈشتە يەنىلا تۆۋەنلەش خەتىرى بار

خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى 7-ئاينىڭ 25-كۈنى 2023-يىللىق دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش مۆلچەرىنى %3كە ئۆستۈردى،