دۇنيانىڭ نامراتلارنى ئازايتىش مۇساپىسىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە، تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەر مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تەرەققىيات پىلان مەھكىمىسى بىلەن ئوكسفورد داشۆسى نامراتلىق ۋە ئىنسانىيەت تەرەققىياتى تەتقىقات مەركىزى يېقىندا ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى نۇسخىدىكى دۇنيانىڭ كۆپ ئۆلچەملىك نامراتلىق كۆرسەتكۈچى دوكلاتىدا مۇنداق دېيىلدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، دۇنيا بويىچە يېڭىدىن 165 مىليون كىشى نامراتلىق سىزىقىدىن تۆۋەن ھالغا چۈشۈپ قالدى. بۇ كۆرسەتكۈچ قاپلىغان 110 دۆلەت ئىچىدە، 1 مىليارد 100 مىليون كىشى ئېغىر كۆپ ئۆلچەملىك نامراتلىق ئىچىدە ياشاۋاتىدۇ، بۇ ئومۇمىي نوپۇسنىڭ %18 تىن كۆپرەكىنى ئىگىلەيدۇ.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى گۇتېرىس 2022-يىلى «خەلقئارا نامراتلىقنى تۈگىتىش كۈنى» دە، دۇنيا نامراتلىقنى تۈگىتىش جەھەتتە چېكىنىۋاتىدۇ، دەپ ئاگاھلاندۇرغان. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 2030-يىل ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات نىشانىنىڭ بىرىنچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، «بارلىق شەكىلدىكى نامراتلىقنى تۈگىتىش» بارغانسېرى يەتكىلى بولمايدىغان نىشانغا ئايلانماقتا.
دۇنيادىكى نامراتلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ھەر بىر شەخسنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى ۋە تەرەققىي قىلىشىغا مۇناسىۋەتلىك بولۇپلا قالماستىن، ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات مۇساپىسىگىمۇ تەسىر كۆرسىتىدۇ، شۇڭا دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ مەسئۇلىيەتنى تەڭ ئۈستىگە ئېلىپ، خىرىسقا بىۋاسىتە يۈزلىنىشى زۆرۈر.
دۇنيانىڭ نامراتلارنى ئازايتىش مۇساپىسىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەرنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتى بار. 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن بۇيان، ئامېرىكا ۋە غەرب ئەللىرى يېتەكچىلىكىدىكى خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى، دۇنيا بانكىسى قاتارلىق خەلقئارا ئاپپاراتلار «ۋاشىنگتون ئورتاق تونۇشى»، ياردەم بېرىش پىلانى، قەرزنى ئازايتىش پىلانى قاتارلىقلار ئارقىلىق، سودا، پۇل مۇئامىلىنى ئەركىنلەشتۈرۈشنى ئىقتىسادنى خۇسۇسىيلاشتۇرۇش بىلەن بىرلەشتۈرۈش ئۇسۇلى ئارقىلىق تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇشنى ئۈمىد قىلدى. لېكىن، بۇ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئۆز ئالدىغا تەرەققىي قىلىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرالمىدى، ئەكسىچە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتە تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەرگە بېقىنىشىنى كۈچەيتىۋەتتى، قوشۇمچە سىياسىي شەرت ئاستىدىكى خەلقئارا نامراتلارنى ئازايتىش ياردىمى ھەتتا نۇرغۇن تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنى قەرز كىرىزىسى، باي-نامراتلىققا بۆلۈنۈش پاتقىقىغا پاتتۇرۇپ قويدى. يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى تارقالغاندىن بۇيان، ئامېرىكىنىڭ مىقدارلاشتۇرۇپ بوشىتىلغان پۇل سىياسىتى ۋە ئۆسۈم قوشۇش، قىسقارتىش قاتارلىق سىياسەتلىرى ئەسلىدىنلا ئاجىز بولغان تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادىنى تېخىمۇ ئاجىزلاشتۇرۇپ، بۇ دۆلەتلەرنىڭ خەلقئارا سېلىنمىسىنىڭ ئېقىپ كېتىشى، ئېكسپورت كۆلىمىنىڭ تارىيىشى، ئاممىنىڭ ئىشسىز قىلىش مەسىلىسىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋەتتى.
نۆۋەتتىكى دۇنياۋى نامراتلىق قىيىن مەسىلىسىگە قارىتا، تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەر مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىپ، ئەڭ نامرات دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىياتىنى تېخىمۇ كۆپ ياردەم ۋە قەرز پۇل بىلەن قوللاپ، قەرز يۈكىنى يېنىكلىتىش، تېخنىكا جەھەتتىن قوللاش، سودا توسۇقىنى ئازايتىش قاتارلىق «قان ئىشلەش» ئۇسۇلى ئارقىلىق، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل ئۇسۇل بىلەن نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا ياردەم بېرىشى كېرەك.
جۇڭگو دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەت ۋە نوپۇسى كۆپ دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق نامراتلارنى ئازايتىش، ئىدارە قىلىشنىڭ ئۆزگىچە ئۈلگىسىنى ياراتتى. ئىسلاھات ئېلىپ بېرىلغان، ئىشىك ئېچىۋېتىلگەندىن بۇيان، ھازىرقى نامراتلىق ئۆلچىمى بويىچە ھېسابلىغاندا، جۇڭگو يېزىلاردىكى 770 مىليون نامرات نوپۇسنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇردى؛ دۇنيا بانكىسىنىڭ خەلقئارا نامراتلىق ئۆلچىمىگە ئاساسلانغاندا، جۇڭگو ئازايتقان نامرات نوپۇس ئوخشاش مەزگىلدىكى دۇنيا بويىچە ئازايغان نامرات نوپۇسنىڭ %70 تىن كۆپرەكىنى ئىگىلىدى.
بولۇپمۇ دۇنيادا نامراتلىق ئەھۋالى ئېغىرلىشىۋاتقان ئەھۋالدا، جۇڭگو «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 2030-يىل ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قارالمىسى»دىكى نامراتلارنى ئازايتىش نىشانىنى مۇددەتتىن ئون يىل بۇرۇن ئىشقا ئاشۇرۇپ، دۇنيانىڭ نامراتلارنى ئازايتىش ئىشلىرىغا زور تۆھپە قوشتى.
بۇنىڭدىن باشقا، جۇڭگو ئوتتۇرىغا قويغان دۇنيا تەرەققىيات تەشەببۇسى، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى ئىدىيەسى قاتارلىقلار دۇنيانىڭ نامراتلارنى ئازايتىش، ئىدارە قىلىش ئىدىيەسىنى بېيىتىپ، مەبلەغ سېلىش، ياردەم بېرىش، ھەمكارلىشىش قاتارلىق كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قوشتى. سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، «بىر بەلباغ بىر يول» تەشەببۇسى ئوتتۇرىغا قويۇلغان 10 يىلدىن بۇيان، دۇنيا مىقياسىدا 1 تىرىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يېقىن مەبلەغ سېلىش كۆلىمىگە تۈرتكە بولغان، 3000 دىن ئارتۇق ھەمكارلىق تۈرىنى شەكىللەندۈرگەن، لىنىيە بويىدىكى دۆلەتلەرگە 420 مىڭ ئىش ئورنى يارىتىپ بەرگەن. دۇنيا بانكىسىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا قارىغاندا، ئوتتۇرا، ئۇزاق مەزگىلدىن قارىغاندا، «بىر بەلباغ بىر يول» دۇنيادىكى 40 مىليونغا يېقىن كىشىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا ياردەم بېرىدىكەن.
نامراتلىقنى تۈگىتىش خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئورتاق مەسئۇلىيىتى. ھەر قايسى دۆلەتلەر «نامراتلىق بولمىغان كەلگۈسى»نى يارىتىشتا، ھەر بىر قەدەمنى پۇختا بېسىپ، بىرلىكتە ئىلگىرىلىشى زۆرۈر.
تەرجىمان: ئادىل ئابلەت