2-نۆۋەتلىك رۇسىيە-ئافرىقا باشلىقلار يىغىنى ۋە ئىقتىساد ئادىمىيەت مۇنبىرى سانكت پېتىربورگدا ئۆتكۈزۈلدى
ئىككى كۈن داۋاملىشىدىغان 2-نۆۋەتلىك رۇسىيە-ئافرىقا باشلىقلار يىغىنى ۋە ئىقتىساد، ئادىمىيەت مۇنبىرى شۇ يەر ۋاقتى 7-ئاينىڭ 27-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن رۇسىيەنىڭ ئىككىنچى چوڭ شەھىرى سانكىت پېتىربورگتا ئۆتكۈزۈلدى. رۇسىيە ئېلان قىلغان خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، 49 ئافرىقا دۆلىتى يىغىنغا قاتناشقان. رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن 7-ئاينىڭ 26-كۈنى سانكىت پېتىربورگتا، زىيارەتكە كەلگەن مىسىر زۇڭتۇڭى سىسى بىلەن سۆھبەتلەشكەن.
رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ 7-ئاينىڭ 26-كۈنىدىكى جەڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، رۇسىيە ئارمىيەسى ئۇكرائىنا ئارمىيەسىنىڭ ئۈچ تانكا يىڭىنىڭ ئورېخوفسكويې يۆنىلىشىدىكى زىچ ھۇجۇمىنى چېكىندۈرگەن. قىزىل لىمان يۆنىلىشىدە، رۇسىيە ئارمىيەسى لۇگانسك رايونىدىكى سېرگىيېفتا ئۈچ كىلومېتىرغا يېقىن ئىلگىرىلىگەن.
ئۇكرائىنا زۇڭتۇڭى زېلېنسكى 7-ئاينىڭ 26-كۈنى ئۇكرائىنا ئالىي راداسىغا (پارلامېنتقا) ئۇرۇش ھالىتى ۋە ئومۇمىي سەپەرۋەرلىك بۇيرۇقىنى ئۇزارتىش قانۇن لايىھەسىنى تاپشۇردى. ئۇكرائىنا دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ماليۇك 7-ئاينىڭ 26-كۈنى بىر پائالىيەتتە بۇلتۇر قىرىم كۆۋرۈكىگە قىلىنغان ھۇجۇمنى ئۇكرائىنانىڭ قىلغانلىقىنى ئاشكارا بىلدۈردى.
تەرجىمان: ئەنۋەر ئەركىن