ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

رۇسىيە ئۇكرائىنانىڭ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ھۇجۇمى قىلىش غەرىزىنى بىتچىت قىلغانلىقىنى بىلدۈردى، ئۇكرائىنا كىيېۋنىڭ رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇمىغا ئۇچرىغانلىقىنى بىلدۈردى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2023-08-12 11:16

رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى 8-ئاينىڭ 11-كۈنى ئېلان قىلغان خەۋەردە مۇنداق دېيىلدى: شۇ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئۇكرائىنا ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاندىن پايدىلىنىپ موسكۋا شەھىرىدىكى ئەسلىھەلەرگە تېررورلۇق ھۇجۇمى قىلماقچى بولغاندا، رۇسىيەنىڭ ئېلېكتىرون ئۇرۇش سىستېمىسىنىڭ تەسىرىدە، ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان موسكۋانىڭ غەربىدىكى ئورمانلىققا چۈشۈپ كەتتى. ئۇكرائىنا ھۆكۈمىتىنىڭ 8-ئاينىڭ 11-كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، كىيېۋ ئوبلاستى شۇ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان، كىيېۋ شەھەر رايونىدا پارتلىغان ئاۋاز ئاڭلانغان، ئۆلۈش-يارىلىنىش ۋە ئەسلىھەلەرنىڭ زىيانغا ئۇچراش ئەھۋالى تەكشۈرۈلۈۋېتىپتۇ.

تەرجىمان: ئەنۋەر ئەركىن

中央广播电视总台 央广网 版权所有

رۇسىيە ئۇكرائىنانىڭ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ھۇجۇمى قىلىش غەرىزىنى بىتچىت قىلغانلىقىنى بىلدۈردى، ئۇكرائىنا كىيېۋنىڭ رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇمىغا ئۇچرىغانلىقىنى بىلدۈردى

شۇ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئۇكرائىنا ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاندىن پايدىلىنىپ موسكۋا شەھىرىدىكى ئەسلىھەلەرگە تېررورلۇق ھۇجۇمى قىلماقچى بولغاندا،