ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئامېرىكىنىڭ ھاۋايدىكى مائۇۋى ئارىلىدا يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىدە قازا قىلغانلارنىڭ سانى 111 گە يەتتى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2023-08-18 10:11

ئامېرىكا ھاۋاي ئىشتاتى 8-ئاينىڭ 16-كۈنى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتقا ئاساسلانغاندا، بۇ ئىشتاتتىكى مائۇۋى ئارىلىدىكى ئوت ئاپىتىدە قازا قىلغانلارنىڭ سانى 111 گە يەتكەن، يەنە 1000 دىن ئارتۇق ئادەمنىڭ ئىز-دېرىكى بولمىغان.

ئامېرىكا ھاۋاي ئىشتاتىنىڭ باشلىقى گىرىن 8-ئاينىڭ 16-كۈنى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئىزدىگۈچىلەر %38 ئاپەتكە ئۇچرىغان رايوننى ئىزدىدى، قازا قىلغانلارنىڭ سانى داۋاملىق ئاشتى، ھازىرغىچە 2000 ئائىلىنىڭ تۇرالغۇسىدا توك توختاپ قالدى. ئەڭ يېڭى ھاۋارايىدىن مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، مائۇۋى ئارىلىدا مۇشۇ ھەپتىنىڭ ئاخىرى يامغۇر يېغىپ، كۈچلۈك بوران چىقىپ، ئىزدەش خىزمىتىگە قىيىنچىلىق ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن ئىكەن.

ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ مۇخبىرلىرى ۋە مائۇۋى ئارىلىدىكى ئاھالىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەندە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئوت ئاپىتىدىن ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى ۋە پاناھلىنىش كۆرسەتمىسىنى ۋاقتىدا ئېلان قىلمىغان. ئاپەت يۈز بەرگەندىن كېيىن، قۇتقۇزۇش ماددىي ئەشيالىرى ئاپەتكە ئۇچرىغان رايونغا يەتكۈزۈلمىگەن. ھازىر يەنە ۋىجدانسىز سودىگەرلەر توپىلاڭدىن توقاچ ئوغرىلىغان بولۇپ، بۇلارنىڭ ھەممىسى كىشىنى ئۈمىدسىزلەندۈرىدىكەن.

تەرجىمان: ئەنۋەر ئەركىن

中央广播电视总台 央广网 版权所有