ماراكەشتىكى يەر تەۋرەشتە قازا قىلغانلارنىڭ سانى 2862 ئادەم گە يەتتى
ماراكەش ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى 9-ئاينىڭ 11-كۈنى كەچتە ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتقا ئاساسلانغاندا، ماراكەشتە 9-ئاينىڭ 8-كۈنى كەچتە يۈز بەرگەن قاتتىق يەر تەۋرەشتە 2862 ئادەم قازا قىلغان، 2562 ئادەم يارىلانغان. شۇ جايدىكى قۇتقۇزۇش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىلماقتا.
ماراكەش تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، يەر تەۋرەش مەركىزى جايلاشقان خاۋز رايونىدا 18 مىڭدىن ئارتۇق ئائىلە يەر تەۋرەشنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان. شۇ جاي ۋاقتى 9-ئاينىڭ 11-كۈنى ماراكەشنىڭ ھەربىي تىك ئۇچارلىرى يەر تەۋرەش مەركىزى رايونىغا جىددىي قۇتقۇزۇش بۇيۇملىرىنى تاشلىغان. بۇ قېتىمقى ماراكەشتىكى قاتتىق يەر تەۋرەشنىڭ مەركىزى ماراكەشنىڭ غەربىي جەنۇبىغا تەخمىنەن 71 كىلومېتىر كېلىدىغان چەت يىراق تاغلىق رايوندا بولغاچقا، يەر تەۋرەشنىڭ تەسىرىدە قىسمەن قاتناش ئۈزۈلۈپ قېلىپ، قۇتقۇزغۇچى خادىملار ۋە ماشىنىلار ئاپەت يۈز بەرگەن رايونغا ئوڭۇشلۇق كىرەلمىگەن، قۇتقۇزۇش ھەرىكىتى يەنىلا خىرىسقا دۇچ كەلگەن.
ماراكەش دۆلەتلىك يەر تەۋرەشنى ئۆلچەش ئورگىنىنىڭ مەسئۇلى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: شۇ يەر ۋاقتى 9-ئاينىڭ 8-كۈنى كەچتە قاتتىق يەر تەۋرىگەندىن بۇيان، ئورگىنىمىز ئاز دېگەندە 10 قېتىم سەزگىلى بولىدىغان قالدۇق يەر تەۋرەش ۋە سېزىش تەس بولغان نەچچە يۈز قېتىملىق قالدۇق يەر تەۋرەشنى ئۆلچەپ چىقتى، مۆلچەرلىنىشىچە قالدۇق يەر تەۋرەش يەنە بىر مەزگىل داۋاملىشىدىكەن.
ماراكەشنىڭ ئەدلىيە مىنىستىرى ئابدۇل لەتىف ۋېخبى 9-ئاينىڭ 11-كۈنى: ئالاقىدار تارماقلار تارۇدانت رايونى ۋە خاۋز رايونىدا يارىدارلارنى قوبۇل قىلىش ئۈچۈن دالا دوختۇرخانىسى قۇردى، دېدى.
ماراكەش ھۆكۈمىتىنىڭ باياناتچىسى 9-ئاينىڭ 11-كۈنى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ھۆكۈمەت يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قانات يايدۇرۇۋاتىدۇ ھەمدە يەر تەۋرەشتە زىيانغا ئۇچرىغان يوللارنى رېمونت قىلىۋاتىدۇ، ھازىر بارلىق قۇتقۇزۇش ئەترەتلىرى ئاپەت يۈز بەرگەن رايوندا كېچە-كۈندۈز توختىماي خىزمەت قىلىپ، قاپسىلىپ قالغانلارنى ئىزدەۋاتىدۇ، مۆلچەرلىنىشىچە يەر تەۋرەشتە قازا قىلغانلارنىڭ سانى ناھايىتى تېزلا ئازىيىدىكەن. ئۇ يەنە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: نۆۋەتتىكى بارلىق ئەھۋاللار شۇنى كۆرسەتتىكى، نورمال مۇلازىمەت ۋە تۇرمۇش تەرتىپى ناھايىتى تېزلا ماراكەشتە ئەسلىگە كېلىدۇ. سۈنئىي ھەمراھ سۈرئىتىدە كۆرسىتىلىشىچە، ماراكەشنىڭ نۇرغۇن شەھەرلىرىدىكى ئىمارەتلەر ئېغىر بۇزۇلغان، بەزى جايلاردا تاغ گۈمۈرۈلۈپ چۈشكەن، قىسمەن يوللار توسۇلۇپ قالغان.
تەرجىمان: ئامانگۈل ھەبىبۇللا