ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ياپونىيە ئوكىناۋا ناھىيەسىنىڭ ھاكىمى «ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ بازىسى ھەددىدىن زىيادە مەركەزلىشىپ، ئوكىناۋانىڭ تىنچلىقىغا تەھدىت سالدى» دەپ ئەيىبلىدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2023-09-20 15:46

ياپونىيە تاراتقۇلىرىنىڭ 9-ئاينىڭ 19-كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئوكىناۋا ناھىيەسىنىڭ ھاكىمى دېننىي تاماكى شىۋېيتسارىيەنىڭ جەنۋەدە ئۆتكۈزۈلگەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى يىغىنىدا نۇتۇق سۆزلەپ، «ئامېرىكا ئارمىيەسى بازىسى ھەددىدىن زىيادە مەركەزلىشىپ، ئوكىناۋانىڭ تىنچلىقىغا تەھدىت سالدى» دەپ ئەيىبلىگەن ھەمدە ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ خەلق رايىغا قارىماي ناگو شەھىرىنىڭ خېنوكو رايونىدا يېڭى ئامېرىكا ئارمىيەسى بازىسى قۇرۇشىغا قارشى تۇرغان. دېننىي تاماكى نۇتۇق سۆزلەشتىن بۇرۇن يەنە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئالاھىدە مەلۇماتچىسى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئامېرىكا ئارمىيەسى بازىسى ئەتراپىدىكى سۇدا تولۇق فىتور ۋە كۆپ فىتورلۇق ئالكىل ماددىلارنىڭ ئۆلچەمدىن ئېشىپ كەتكەنلىكى قاتارلىق مەسىلىلەرنىڭ بايقالغانلىقىنى ئىنكاس قىلغان.

تەرجىمان: ئەنۋەر ئەركىن

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ياپونىيە ئوكىناۋا ناھىيەسىنىڭ ھاكىمى «ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ بازىسى ھەددىدىن زىيادە مەركەزلىشىپ، ئوكىناۋانىڭ تىنچلىقىغا تەھدىت سالدى» دەپ ئەيىبلىدى

ئوكىناۋا ناھىيەسىنىڭ ھاكىمى دېننىي تاماكى شىۋېيتسارىيەنىڭ جەنۋەدە ئۆتكۈزۈلگەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى يىغىنىدا نۇتۇق سۆزلەپ، «ئامېرىكا ئارمىيەسى بازىسى ھەددىدىن زىيادە مەركەزلىشىپ،