ئەنگلىيەنىڭ ئىنگلاند رايونىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك دوختۇرلار ئىككى كۈنلۈك ئىش تاشلاشنى باشلىدى
ئەنگلىيەنىڭ ئىنگلاند رايونىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك دوختۇرلار 9-ئاينىڭ 19-كۈنى ئىككى كۈنلۈك ئىش تاشلاشنى باشلىدى، بۇ يۇقىرى دەرىجىلىك دوختۇرلارنىڭ بۇ يىل كىرگەندىن بۇيانقى 3 - قېتىملىق ئىش تاشلىشى. ئەنگلىيەدىكى تۆۋەن دەرىجىلىك دوختۇرلارمۇ 9-ئاينىڭ 20-كۈنىدىن 22-كۈنىگىچە ئۈچ كۈن ئىش تاشلاپ، ئۆزلىرىنىڭ بۇ يىل كىرگەندىن بۇيانقى 6 - قېتىملىق ئىش تاشلاش ھەرىكىتىنى باشلايدۇ.
بۇنىڭدىن باشقا، يۇقىرى دەرىجىلىك دوختۇرلار بىلەن تۆۋەن دەرىجىلىك دوختۇرلار 10-ئاينىڭ 2-كۈنىدىن 4-كۈنىگىچە ئىش تاشلاشنى پىلانلىدى. يۇقىرى دەرىجىلىك ۋە تۆۋەن دەرىجىلىك دوختۇرلارنىڭ پىلانىدىكى ئىش تاشلاش ھەرىكىتى تۆت كۈن جىپسىلاشقان بولۇپ، بۇ ئەنگلىيە دۆلەت داۋالاش مۇلازىمەت سىستېمىسى تارىخىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك، تۆۋەن دەرىجىلىك دوختۇرلارنىڭ تۇنجى قېتىم بىرلىشىپ ئىش تاشلىشى ھېسابلىنىدۇ.
بۇ قېتىمقى ئىش تاشلاشنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى يەنىلا ئىش ھەققى تالاش-تارتىشى. ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى ئەنگلىيە مېدىتسىنا جەمئىيىتى بىلەن نەچچە ئاي سۆھبەتلەشكەن بولسىمۇ، لېكىن بىردەكلىك ھاسىل قىلالمىدى.
تەرجىمان: ئەنۋەر ئەركىن