توققۇز دۆلەت بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىپ، ئىسرائىلىيەنى پەلەستىنلىكلەرنى «كوللېكتىپ جازالىدى» دەپ ئەيىبلىدى
پەلەستىن سەھىيە مىنىستىرلىقى شۇ يەر ۋاقتى 10-ئاينىڭ 26-كۈنى ئېلان قىلغان خەۋەرگە قارىغاندا، شۇ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 9غىچە، بۇ نۆۋەتلىك پەلەستىن ئىسرائىلىيە توقۇنۇشىدا پەلەستىنلىك 6954 ئادەم قازا قىلغان. ھازىرغىچە، بۇ نۆۋەتلىك پەلەستىن-ئىسرائىلىيە توقۇنۇشىدا ئىككى تەرەپتىن 8300 ئادەم قازا قىلدى.
«ئىسرائىلىيە ۋاقىت گېزىتى»نىڭ 10-ئاينىڭ 26-كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، ئىيوردانىيە، بەھرەين، سەئۇدى ئەرەبىستان، ئومان، قاتار، كۇۋەيت، مىسىر ۋە ماراكەشتىن ئىبارەت توققۇز ئەرەب دۆلىتى بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ غەززە رايونىدا ئىنسانپەرۋەرلىك ئۇرۇش توختىتىش توغرىسىدىكى قارار لايىھەسىنى دەرھال ماقۇللىشىنى مۇراجىئەت قىلغان.
بىرلەشمە باياناتتا، بۇ توققۇز دۆلەتنىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ گازا رايونىدا پۇقرالارنى ئۆلتۈرگەنلىكىنى ئەيىبلىگەنلىكى تىلغا ئېلىنىپ، «ئۆزىنى قوغداش خەلقئارا قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش ۋە پەلەستىن خەلقىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇقىنى قەستەن كۆزگە ئىلماسلىقنىڭ سەۋەبى بولالمايدۇ» دېيىلدى. ئۇلار يەنە ئىسرائىلىيەنى پەلەستىنلىكلەرنى «كوللېكتىپ جازالاپ»، پەلەستىنلىكلەرنىڭ يۇرت ماكانىدىن ئايرىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى، دەپ ئەيىبلىدى.
رۇسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، خاماس سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى باشچىلىقىدىكى بىر ۋەكىللەر ئۆمىكى 10-ئاينىڭ 26-كۈنى رۇسىيەنىڭ پايتەختى موسكۋادا زىيارەتتە بولغان. رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى موسكۋادا خاماس ۋەكىللەر ئۆمىكى بىلەن ئۇچرىشىش جەريانىدا غەززە رايونىدىكى تۇتۇپ قېلىنغان چەت ئەللىك خادىملارنى دەرھال قويۇپ بېرىش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلغان.
تەرجىمان: ئەنۋەر ئەركىن