ئىسرائىلىيە زۇڭلىسى غەززە رايونىدا ئۇرۇش توختىتىش ئەمەلگە ئاشمايدۇ، دېدى، خاماس ئىسرائىلىيە بىلەن ئىككى تەرەپنىڭ تۇتۇپ قېلىنغان بارلىق خادىملىرىنى ئالماشتۇرۇشنى خالايدىغانلىقىنى ئېيتتى
ئىستانسىمىز خەۋىرى: ئىسرائىلىيە زۇڭلىسى نىتانىياخۇ 10-ئاينىڭ 30-كۈنى: ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى غەززە رايونىدا خاماسقا زەربە بېرىش ھەرىكىتىدە «سىستېمىلىق ئىلگىرىلەش»كە ئېرىشتى، پەلەستىن بىلەن ئىسرائىلىيە غەززە رايونىدا ئۇرۇش توختىتىشنى ئەمەلگە ئاشۇرالمايدۇ، چۈنكى بۇ خاماسقا «تەسلىم» بولغانغا باراۋەر، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى پۈتۈن كۈچى بىلەن غەززە رايونىدىكى پۇقرالارنىڭ تالاپەتكە ئۇچرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىۋاتىدۇ، خەلقئارا جەمئىيەت تۇتۇپ قېلىنغان كىشىلەرنى دەرھال شەرتسىز قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىشى كېرەك، دېدى.
خاماسنىڭ باياناتچىسى 10-ئاينىڭ 30-كۈنى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: خاماس تۇتۇپ قېلىنغان ئىسرائىلىيەنىڭ بارلىق خادىملىرىنى قويۇپ بېرىپ، ئىسرائىلىيە تۇتۇپ قالغان پەلەستىننىڭ بارلىق خادىملىرىنى ئالماشتۇرۇشقا تەييار، لېكىن بۇنىڭ ئالدىنقى شەرتى تۇتۇپ قېلىنغان بارلىق خادىملارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئالماشتۇرۇش كېلىشىمى ئارقىلىق بولۇشى كېرەك. خاماس يەنە تولۇقلاپ، تۇتۇپ قېلىنغان بىر قىسىم ئىسرائىلىيەلىكلەر ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ غەززە رايونىنى بومباردىمان قىلىشىدا قازا قىلدى، دېدى.
باش ئىستانسىمىز مۇخبىرى 10-ئاينىڭ 30-كۈنى غەززە رايونىغا بىر كىلومېتىرمۇ كەلمەيدىغان چېگرادىكى كىچىك شەھەر سدەيروتتا ئىسرائىلىيەنىڭ غەززە رايونىدىكى ھەربىي ھەرىكىتىنى كېڭەيتىشنىڭ يەنىلا داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى، تۇرۇپ كۆتۈرۈلۈپ تۇرۇپ پەسەيگەن زەمبىرەك ئاۋازىدىن باشقا، نەق مەيداندا يەنە ئاندا-ساندا ئېتىلغان ئوق ئاۋازىنىڭ ئاڭلىنىپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى، ئىسرائىلىيە دۆلەت مۇداپىئە ئارمىيەسى بىلەن خاماس قوراللىق كۈچلىرىنىڭ كەسكىن ئېتىشىۋاتقانلىقىنى كۆردى. بۇ جاي سدەيروت بىلەن غەززە رايونى چېگراسىغا ئىنتايىن يېقىن بىر ئارىلىق بولۇپ، ئىسرائىلىيەنىڭ دۆلەت مۇداپىئە ئارمىيەسىمۇ مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا نۇرغۇن قوشۇن ئورۇنلاشتۇرغان. نەق مەيداندا توپقا تۇتۇلغاندىن كېيىن كۆتۈرۈلگەن قويۇق ئىستىن باشقا يەنە بىر قىسىم ئاق رەڭلىك ئىس-تۈتەكلەرمۇ كۆتۈرۈلدى، ئاڭلاشلارغا قارىغاندا، بۇ ئاق رەڭلىك ئىس-تۈتەكلەر چېگرا ئۇرۇش رايونىنىڭ كۆرۈش دەرىجىسىنى تۆۋەنلىتىش ئۈچۈن ئىكەن، مۇخبىر نەق مەيداندا تۇرۇپ كۆتۈرۈلۈپ تۇرۇپ پەسىيىپ تۇرغان زەمبىرەك ئاۋازىنى توختىماي ئاڭلاپ تۇردى، پات-پات ئېتىشىش ئاۋازى ئاڭلىنىپ تۇردى، ھازىر غەززە رايونىنىڭ شىمالىدا ئىسرائىلىيەنىڭ يەر يۈزى قىسمى خاماسنىڭ قوراللىق كۈچلىرى بىلەن كەسكىن ئېتىشىۋاتىدۇ.
نۇرغۇن تەھلىلچىلەر ئىسرائىلىيەنىڭ يەر يۈزى قىسمى كۆپ تەرەپتىن كۆپ يول بىلەن غەززە رايونىغا كىردى، مۇددىئاسى خاماسنىڭ قوراللىق كۈچلىرىنى شىمالىي رايوندا قورشىۋېلىپ، ئاندىن ئۈستۈن ئەسكىرىي كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ مەركەزلىك زەربە بېرىش بولۇشى مۇمكىن، دەپ قارىدى. ئىسرائىلىيەنىڭ يەر يۈزى ھەربىي ھەرىكىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز قانات يېيىشىغا ئەگىشىپ، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى ئىنتايىن مۈشكۈل كوچا ئۇرۇشى ۋە ئىنتايىن مۇرەككەپ لەخمە ئۇرۇشىغا دۇچ كېلىشتىن ساقلىنالمايدۇ، سىرتتىكىلەرنى تېخىمۇ ئەندىشىگە سالىدىغىنى شۇكى، شۇ جايدىكى پۇقرالارنىڭ ئۆلۈش-يارىلىنىش سانى يەنىمۇ ئېشىپ، غەززە رايونىنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك كىرىزىسىنى يەنىمۇ كەسكىنلەشتۈرۈۋېتىشىدىن ساقلانغىلى بولمايدۇ.
پەلەستىن قىزىل يېڭى ئاي جەمئىيىتى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جەمئىيىتىمىزنىڭ غەززە رايونىغا جايلاشقان ئەترىتى 10-ئاينىڭ 30-كۈنى كەچتە 26 يۈك ماشىنىسى بىلەن كەلگەن ياردەم ئەشيالىرىنى قوبۇل قىلدى، مىسىر قىزىل يېڭى ئاي جەمئىيىتىدىن كەلتۈرۈلگەن بۇ ماددىي ئەشيالار يېمەكلىك ۋە داۋالاش ئۈسكۈنىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، بۇ ماددىي ئەشيالار رافا چېگرا ئېغىزى ئارقىلىق غەززە رايونىغا يەتكۈزۈلىدۇ. نۆۋەتتە شۇ جاي قوبۇل قىلغان ياردەم ماددىي ئەشيالىرى بېسىلغان يۈك ئاپتوموبىلىنىڭ ئومۇمىي سانى 144 كە يەتتى، لېكىن يېقىلغۇ ماينىڭ چېگرادىن كىرىشىگە ئىزچىل رۇخسەت قىلىنمىدى.
تەرجىمان: ئامانگۈل ھەبىبۇللا