ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى داۋاملىق غەززە شەھىرىگە ئىچكىرىلەپ كىردى، غەززە رايونىدىكى %70 توك يەتكۈزۈش تورى ۋەيران بولدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2023-11-09 16:24

ئىسرائىلىيە دۆلەت مۇداپىئە ئارمىيەسىنىڭ باياناتچىسى 11-ئاينىڭ 8-كۈنى ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ داۋاملىق غەززە شەھىرىگە ئىچكىرىلەپ كىرىپ، پەلەستىن ئىسلام قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى خاماسنىڭ تايانچ پونكىتىنى ۋەيران قىلغانلىقىنى ھەمدە 700 پاي راكېتا بومبا ئولجا ئالغانلىقىنى بىلدۈردى. بۇندىن باشقا، ئىسرائىلىيە 11-ئاينىڭ 8-كۈنى يەنە بىر قېتىم سالاھىدىن تاشيولىنى ئېچىپ تارقاقلاشتۇرۇش كارىدورى قىلىپ، غەززەدىكى كىشىلەرنىڭ جەنۇبقا چېكىنىشىگە قولايلىق يارىتىپ بەردى، شۇ كۈنى تەخمىنەن 50 مىڭ ئادەم غەززە رايونىنىڭ شىمالىدىن جەنۇبقا چېكىندى.

خاماسقا قاراشلىق قوراللىق گۇرۇھ «قاسسام لۈيى» 11-ئاينىڭ 8-كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، غەززە رايونىنىڭ شىمالى ۋە غەززە شەھىرىنىڭ غەربىي جەنۇبى رايونىدا ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ نۇرغۇن تانكىسى ۋە ھەربىي ئاپتوموبىللىرىنى پارتلاتقانلىقىنى بىلدۈردى. خاماس ئىسرائىلىيە غەززە رايونىغا داۋاملىق ھۇجۇم قىلىۋاتقان ئەھۋالدا خاماسنىڭ ئۇرۇشنى توختاتمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

پەلەستىن ئاگېنتلىقىنىڭ 11-ئاينىڭ 8-كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، پەلەستىن دۆلەتلىك ئېنېرگىيە ئىدارىسىنىڭ باشلىقى زافىر:ئىسرائىلىيە غەززە رايونىنى 30 نەچچە كۈن بومباردىمان قىلغانلىقتىن، ھازىر غەززە رايونىدىكى 70 %توك يەتكۈزۈش تورى ۋەيران بولدى، دېگەن. زافېر مۇنۇلارنى بىلدۈردى:خەلقئارا جەمئىيەت ئىسرائىلىيەگە ئۈزلۈكسىز بېسىم ئىشلىتىپ، ئىسرائىلىيەنىڭ غەززە رايونىنى يېقىلغۇ بىلەن تەمىنلەپ، دوختۇرخانا قاتارلىق جايلاردىكى گېنېراتورلارنىڭ يۈرۈشۈشىگە كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ھازىرغا قەدەر ئىسرائىلىيە ھېچقانداق ھەرىكەت قوللانمىدى.

تەرجىمان: ئەنۋەر ئەركىن

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى داۋاملىق غەززە شەھىرىگە ئىچكىرىلەپ كىردى، غەززە رايونىدىكى %70 توك يەتكۈزۈش تورى ۋەيران بولدى

ئىسرائىلىيە دۆلەت مۇداپىئە ئارمىيەسىنىڭ باياناتچىسى 11-ئاينىڭ 8-كۈنى ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ داۋاملىق غەززە شەھىرىگە ئىچكىرىلەپ كىرىپ،