رۇسىيە ئارمىيەسى: ئۇكرائىنا ئارمىيەسىنىڭ كۆپ قېتىملىق ھۇجۇمىنى چېكىندۈردۇق ھەمدە كۆپ قېتىم ھۇجۇم قوزغىدۇق
رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى 11-ئاينىڭ 9-كۈنى ئېلان قىلغان جەڭ خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلدى: رۇسىيە ئارمىيەسى كۇپىيانسك، قىزىل لىمان، دونېتسىك قاتارلىق تەرەپلەردە ئۇكرائىنا ئارمىيەسىنىڭ كۆپ قېتىملىق ھۇجۇمىنى چېكىندۈردى ھەمدە كۆپ قېتىم ھۇجۇم قوزغىدى. رۇسىيە ھاۋا مۇداپىئە قىسمى ئۇكرائىنا ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ مىگ-29 بەلگىلىك بىر كۈرەشچى ئايروپىلانىنى ئېتىپ چۈشۈردى، يەتتە دانە خايمارس راكېتا بومبىسى ۋە 38 ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانىنى توستى.
ئۇكرائىنانىڭ ئېيتىشىچە، ئۆتكەن 24 سائەت ئىچىدە، ئالدىنقى سەپتە 55 قېتىم ئۇرۇش بولغان. ئۇكرائىنا ھاۋا ئارمىيەسى رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ خادىملىرى ۋە قورال-ياراغلىرى مەركەزلەشكەن رايونغا تۆت قېتىم زەربە بەرگەن.
تەرجىمان: ئەنۋەر ئەركىن