ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى غەززە رايونىدا ئۇرۇش توختاتمىغانلىقى، ئەمما «تاكتىكىلىق قىسمەن ۋاقىتلىق توختىتىش» قىلغانلىقىنى ئېيتتى
ئىسرائىلىيە دۆلەت مۇداپىئە ئارمىيەسى 11-ئاينىڭ 9-كۈنى غەززە رايونىغا داۋاملىق ھەربىي زەربە بەردى ھەمدە ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى رايونغا كىرىپ پەلەستىنلىكلەر بىلەن توقۇنۇشتى، نۇرغۇن ئادەم قازا قىلدى ۋە يارىلاندى. ئىسرائىلىيە دۆلەت مۇداپىئە ئارمىيەسى 11-ئاينىڭ 9-كۈنى كەچتە بايانات ئېلان قىلىپ: ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى غەززە رايونىدا ئۇرۇش توختاتمىدى، ئەمما غەززە رايونىدىكى پۇقرالارغا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى بېرىشنى ئويلىشىپ، «تاكتىكىلىق قىسمەن ۋاقىتلىق توختاش» قىلدى، بۇ ۋاقىتلىق توختاش ۋاقىت ۋە رايون جەھەتتىن چەكلىك، دېدى. ئىسرائىلىيە غەززە رايونىدىكى ئاھالىلەرنى جەنۇبقا چېكىنىشكە يەنە بىر قېتىم مۇراجىئەت قىلدى.
پەلەستىن تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ 11-ئاينىڭ 9-كۈنى كەچتىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، شۇ كۈنى كەچتە ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى غەززە رايونىدىكى شىفا دوختۇرخانىسى قاتارلىق نۇرغۇن دوختۇرخانىلارنىڭ ئەتراپىدىكى رايونلارنى شىددەتلىك بومباردىمان قىلغان. ئۇندىن باشقا پەلەستىن تاراتقۇلىرىنىڭ 11-ئاينىڭ 9-كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىسرائىلىيەنىڭ ھەربىي ئايروپىلانلىرى غەززە رايونىنىڭ شىمالىدىكى جەبالىيە مۇساپىرلار لاگېرىنىڭ نادى رايونىدىكى بىر ئۆينى بومباردىمان قىلغان، توققۇز ئادەم قازا قىلغان. شۇ كۈنى ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى يەنە غەززە رايونىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى دەربالاخ شەھىرىدىكى بىر ئۆيگە ھاۋا ھۇجۇمى قىلغان، ھۇجۇمدا 12 ئادەم قازا قىلغان.
غەززە رايونىدىكى سەھىيە تارماقلىرى 11-ئاينىڭ 9-كۈنى مۇنۇلارنى جاكارلىدى: 10-ئاينىڭ 7-كۈنىدىن بۇيان غەززە رايونىدا قازا قىلغانلارنىڭ سانى 10 مىڭ 812 گە يەتتى، بۇنىڭ ئىچىدە 4412 بالا بار. بۇنىڭدىن باشقا ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدا 165 ئادەم قازا قىلدى.
غەززەدىكى پۇقرالارغا ياردەم بېرىش خەلقئارا ئىنسانپەرۋەرلىك يىغىنى 11-ئاينىڭ 9-كۈنى فىرانسىيەنىڭ پايتەختى پارىژدا ئېچىلدى، ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتى بۇ قېتىمقى يىغىنغا ۋەكىل ئەۋەتمىدى. مىسىرنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى شۇكېرى مۇنداق دەپ قارىدى:غەززەدىكى پۇقرالارنىڭ جەنۇبقا كۆچۈشى ئۈچۈن بىخەتەرلىك كارىدورى ئېچىش ئىجابىي تەدبىر ئەمەس، بەلكى خەلقئارا ئىنسانپەرۋەرلىك قانۇنىغا خىلاپلىق قىلىپ، ئاممىنىڭ سەرگەردان بولۇپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان سىياسەتنىڭ داۋامى.
تەرجىمان: ئەنۋەر ئەركىن