ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

رۇسىيە: رۇسىيە ھەربىي پاراخوتلىرى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ ھەربىي پاراخوتلىرىنى توسۇش ئۈچۈن بۇ يىل 50 نەچچە قېتىم چارلاش ئېلىپ باردى، دېدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2023-11-22 10:04

رۇسىيەنىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى شويگۇ 11-ئاينىڭ 21-كۈنى مۇنداق دېدى: رۇسىيە ھەربىي پاراخوتلىرى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ ھەربىي پاراخوتلىرىنى توسۇش ئۈچۈن بۇ يىل دۇنيادىكى دېڭىز-ئوكيانلاردا 50 نەچچە قېتىم چارلاش ئېلىپ باردى. شويگۇ مۇنداق دېدى: بۇلتۇرنىڭ باشلىرىغا قارىغاندا، رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ بۇ يىل ئاساسلىق تىپتىكى باشقۇرۇلىدىغان بومبا، زەمبىرەك بىلەن تەمىنلەش مىقدارى تۆت ھەسسىگە يېقىن ئاشتى، بىرونېۋىك قوراللىرىنى ئىشلىتىشكە تاپشۇرۇش مىقدارى ئىككى ھەسسىدىن كۆپرەك ئاشتى، ئادەمسىز ئۇچقۇ 15 ھەسسە ئاشتى.

ئۇكرائىنا دۆلەت ئاگېنتلىقىنىڭ 11-ئاينىڭ 21-كۈنىدىكى خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، ئۇكرائىنا قوراللىق قىسمىنىڭ مۇئاۋىن باش ئىشتاب باشلىقى كىرىلېنكو شۇ كۈنى: 11-ئاينىڭ 21-كۈنىگىچە، 100 مىڭدىن ئارتۇق ئۇكرائىنا ئەسكىرى 32 دۆلەتنىڭ مەشىق مەركىزىدە قاتتىق مەشىقنى تاماملىدى، دېدى.

تەرجىمان: پاتىگۈل مەمەت

中央广播电视总台 央广网 版权所有

رۇسىيە: رۇسىيە ھەربىي پاراخوتلىرى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ ھەربىي پاراخوتلىرىنى توسۇش ئۈچۈن بۇ يىل 50 نەچچە قېتىم چارلاش ئېلىپ باردى، دېدى

رۇسىيەنىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى شويگۇ 11-ئاينىڭ 21-كۈنى مۇنداق دېدى: رۇسىيە ھەربىي پاراخوتلىرى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ ھەربىي پاراخوتلىرىنى توسۇش ئۈچۈن بۇ يىل دۇنيادىكى دېڭىز-ئوكيانلاردا 50 نەچچە قېتىم چارلاش ئېلىپ باردى.