ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

بۇ نۆۋەتلىك پەلەستىن-ئىسرائىلىيە توقۇنۇشىدا ئىككى تەرەپتىن 15 مىڭ 500 ئادەم قازا قىلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2023-11-22 10:03

پەلەستىن-ئىسرائىلىيە ئىككى تەرەپ ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، ھازىرغىچە، بۇ نۆۋەتلىك توقۇنۇشتا پەلەستىن-ئىسرائىلىيە ئىككى تەرەپتىن 15 مىڭ 546 ئادەم قازا قىلغان. پەلەستىننىڭ غەززە رايونىدىكى سەھىيە تارماقلىرى 11-ئاينىڭ 21-كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى شۇ كۈنى غەززە رايونىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى نۇسايرايت مۇساپىرلار لاگېرىغا ھۇجۇم قىلىپ، ئاز دېگەندە 20 كىشىنىڭ قازا قىلىشى، نەچچە ئون كىشىنىڭ يارىلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. ئۇندىن باشقا، غەززە رايونىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى بۇرەيجى مۇساپىرلار لاگېرىدىكى بىر ئۆي ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، ئون ئادەم قازا قىلدى.

خاماس سىياسىي بيوروسىنىڭ رەھبىرى ھانىيە 11-ئاينىڭ 21-كۈنى ئىسرائىلىيە بىلەن ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ھاسىل قىلىشقا ئاز قالغانلىقىنى ئېيتتى. ئىسرائىلىيە تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى 12-قانىلى شۇ كۈنى ئىسرائىلىيەنىڭ بىر يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارىنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ بۇ خەۋەرنى دەلىللىدى.

رېيتېر ئاگېنتلىقى 11-ئاينىڭ 21-كۈنى بىر ئامېرىكا ئەمەلدارىنىڭ خەۋىرىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، ئىسرائىلىيە بىلەن خاماس ھاسىل قىلماقچى بولغان كېلىشىم خاماس تۇتۇپ تۇرۇۋاتقان 50 خادىمنى 150 پەلەستىنلىك مەھبۇسقا ئالماشتۇرۇش ھەمدە 4 كۈندىن 5 كۈنگىچە بولغان ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ھاسىل قىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، دېدى. بۇ ئەمەلدار مۇنۇلارنى بىلدۈردى: تۇتۇپ تۇرۇلغان خادىملارنى قويۇپ بېرىش پەقەت دەسلەپكى كېلىشىم، يەنە توقۇنۇشۇۋاتقان ئىككى تەرەپنىڭ ھەرقايسى جەھەتلەردە بىردەكلىك ھاسىل قىلىشىغا توغرا كېلىدۇ، لېكىن ئاخىرقى كېلىشىمنىڭ ھاسىل قىلىنىشىغا ئاز قالدى.

تەرجىمان: پاتىگۈل مەمەت

中央广播电视总台 央广网 版权所有

بۇ نۆۋەتلىك پەلەستىن-ئىسرائىلىيە توقۇنۇشىدا ئىككى تەرەپتىن 15 مىڭ 500 ئادەم قازا قىلدى

پەلەستىن-ئىسرائىلىيە ئىككى تەرەپ ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، ھازىرغىچە، بۇ نۆۋەتلىك توقۇنۇشتا پەلەستىن-ئىسرائىلىيە ئىككى تەرەپتىن 15 مىڭ 546 ئادەم قازا قىلغان.